مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1672|ئىنكاس: 16

گۇناھ ئانىدىمۇ بالىدا؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2077
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10304 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 09:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۇناھ ئانىدىمۇ بالىدا؟



ئارلىقنىڭ يىراق بۇلىشى سەۋەپتىن ئانامنى دائىم يوقلىيالمايمەن.شۇڭا دائىم تېلفۇندا ھال-ئەھۋالىنى سالامەتلىكىنى سوراپ،ئىنى -سىڭلىمغا ئانامنى يوقلاپ ئانامنىڭ ھالىدىن ياخىشى خەۋەر ئېلىشنى دائىم تاپىلاپ تۇرىمەن.بۈگۈن ئاياللار بايرىمى كۈنى بولغاچ،مېھرىبان جان ئانامنىڭ بايرىمىنى قۇرۇق بولسىمۇ تەبرىكلەپ قويغۇم كەلدى. قۇلۇمغا تېلفۇننى ئېلىپ ئۇردۇم،يىقىملىق مۇزىكا بىردەم چىقىپ تېلفۇننى ئانام ئالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قانداق ئەھۋالىڭىز ئانا!ئۆي-ئىچى تىچلىقمۇ؟بۈگۈنكى 8 -مارت ئاياللارغا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
-رەھمەت تەڭ بولسۇن قىزىم.
-ئانا سالامەتلىكىڭىز قانداق،دورىڭىزنى ۋاقتىدا يەپ تۇرۋاتامسىز؟
-سالامەتلىكىم ياخشى قىزىم ئەنسىرمەڭ.
ئانام بىلەن بىردەم ھال-مۇڭ بۇلۇپ تېلفۇندا پاراڭلاشتۇق.خوشلىشاي دەپ تۇرسام،ئانام <<ھاممامنىڭ باللىردىن كۆڭلى قاتتىق رەنجىپ ،يىغلاپ تېلفۇن ئۇرغىنىنى...ۋاقتىم يەتسە ھال-ئەھۋال سوراپ قۇيشىمنى>>-ئېيــتتى.مەنمۇ ماقۇل بۇلۇپ ئانامغا <<ئەنسىرمەڭ ئانا ھازىرلا تېلفۇن ئۇرۇپ،بايرىمىنى تەبرىكلىگەچ ھال-ئەھۋال سوراي>>-دېدىم.ئانام بىلەن خوشلىشىپ،تېلفۇننى ھاممامغا ئۇردۇم،بىرھازا سايراتقاندىن كىيىن ھاممام تېلفۇننى ئالدى.
بايام ئانام دېگەندەك ھاممام تېلفۇننى ئېلىپ كۆز يېشى قىلدى.بىردەم تەسەللى بەردىم،ۋە <<يىغلىماڭ ھامما مەن 2 كۈندىن كىيىن يېنىڭىزغا باراي.شۇ چاغدا ياخشىراق پاراڭلىشايلى...>>-دېدىم.ھاممامغا باردىغىنىمنى ئاڭلاپ <<بولسا تىزراق كىلە >>دەپ قەۋەتلا خوش بۇلۇپ كەتتى.


تېلفۇننى قۇيۇپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم،بايام ھاممامغىغۇ <<باراي>>-دېدىم.ئەمما ئوغلى ،كىلىنى بولغان ئىشلاردا چۇقۇم مەندىن ئۈمۈت كۈتتى.ئۇ ئىشلارغا چامىم يىتەمۇ؟ئاخىردا <<مەن ئەسكى بۇلۇپ قالارمەنمۇ يا؟>>دەپ نۇرغۇن چىگىرماچ خىياللارنى سۈرۈپ يەنىلا <<ئەتىلا رۇخسەت سوراپ،ھاممامنىڭ قېشىغا بېرىپ ھالىغا يىتەي>>- دېدىم.ئىدارىدىن 3 كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ھاممامنىڭ قېشىغا ماڭدىم.كىچىك ماشىنا تىز سۈرئەتلىك يولدا رىتىملىق مېڭىپ،ھاممام تۇرغان شەھەرگە 3:30 سائەتتە بىرىپ بولدى.بۇرۇن دىيشىۋالغاندەك شوپور ھاممامنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى.كەلمىگىلى 2- يىل بولغاچ بۇ مەھەللە خېلى ئۆزگىرىپتۇ.بۇرۇن بىنا ئالدىدا گۈللۈك ،ئۇرۇندۇقمۇ يوق ئىدى.ھازىر بىنانىڭ ئالدى باغچە شەكىللىك بۇلۇپ كىتىپتۇ.بىرقۇر قارۋەتكەندىن كىيىن ھاممامنىڭ ئىشىك نۇمۇرنى باستىم.ھاممامنىڭ كىچىك ئوغلىمىكىن:
-كىم-كىمۇ؟دەپ سورىدى.
-مەن شەھىدە ئاچاڭ-دېدىم.ئىشىك ئېچىلدى.3 قەۋەتكە چىققۇچە بايام<< كىم-كىمۇ؟>>دەپ ئىشىك ئاچقان ھاممامنىڭ كىچىك ئوغلى...2- يىلنىڭ ئالدىدا كەلگەن چېغىمدا ،نەسىھەت قىلسام گىپىمگە كۆنمەي ئازارلىشىپ قىيداپ <<خوشمۇ دىمەي>>كەتكىنىم كۆز ئالدىمغا كەلدى.بۇ شۇمتەك ئۆيدە باركەندە؟بۇپتۇ ئۇ كۈنكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ. دېدىم ئىچىمدە،مەن خىيال بىلەن بەك ئاستا چىققاچقا نەۋرە ئىنىم ئەنيەر ئىشىكنى ئېچىپ قاراپلا تۇرۇپتۇ.مىنى كۆرۈپلا:
-ئاچا پەلەمپەيدىن ئۆمىلەپ چىقتىڭما؟
-ۋاي نىم دەيسەن،تىچلىق سورىماي ماگۇينىڭ دېگەن گىپىنى...ھېرىپ قالدىم شۇ؟
-تىز ئۆيگە كىرە ئاپام ھازىرلا كىلىدۇ.
-ۋاي ئاپاڭ -داداڭ نەگە كەتكەن.
-دادام مەچچىتكە كەتكەن.ئاپام تويغا كەتكەن.
-سەن چۇ؟ئۆيدە ئۆي بېقىپ ئولتادىڭما؟
-شۇنداق ئاپام سېنى كىلىدۇ.بىريەرگە كەتمە دېگەچكە ساقلاپ ئولتادىم شۇ؟
-ۋاي رەھمەت،بەك كۈيۈمچان جۇمۇ سەن.نەۋرە ئىنىمغا گەپ قىلغاچ ئوي-ئىچىگە نەزرىمنى ئاغدۇردۇم.ئۆي 2-يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئۇخشاش بۇلۇپ قىلچە ئۆزگىىش بولماپتۇ.كۆزئالدىمغا شۇ كۈندىكى ئىشلار بىرقۇر كەلدى.مىنىڭ شۈكلەپ قالغىنىمنى كۆرگەن نەۋرە ئىنىم.مىنى چاي ئىچىشكە دەۋەت قىلدى.چاي ئىچىپ ئولتۇرسام ھاممام كەلدى.ھاممامغا قاراپ،20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى،بويلىرى ئېگىز ئۆزى تۇلىمۇ چىرايلىق، تىرىسى ئاپپاق،خوش-خۇي مىجەزلىك ھاممام سەلىمەنىڭ ،نۇر يېغىپ تۇردىغان چېھرى خۇنۇكلەشكەن.ئاپپاق يۈزىگە قۇررۇقلار چۈشكەن،كۈلۈپلا تۇردىغان خوش-خۇي مىجەزىمۇ ناھايىتى سالماق بۇپ قالغىنىنى ھىس قىلدىم.


-31يىل مۇقەددەم  سەلىمە-17 يېشىدا ئۆزىدىن 10-نەچچە ياش چوڭ،باتۇرئاخۇنغا چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن ياتلىق بۇلىدۇ.باتۇرئاخۇن جەنۇپتىن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ،قارماي-ماي تاغلارغا ئەپچىققان چاغدا شۇلار قاتارىدا كەلگەن ئادەم ئىدى.سەلىمە گۈزەل يۇرتىدىن ئاتا-ئانىستىن ئايرىلىپ، باتۇرئاخۇن بىلەن بۇ شەھەرگە كەلدى.يات شەھەر ناتۇنۇش كىشىلەر،سەلىمە بىرمەزگىل ناھايىتى زىركىنىشلىكتە ئۆتتى.
بىرنەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئانا بولدىغانلىقىنى بىلدى.ۋاقىت ئاتقان ئوق دەپ، كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ سەلىمەنىڭ قوسقىمۇ كۈنسايىن چوڭ بۇلۇپ،8 -ئاي كىردى.باتۇرئاخۇنغا <<يۇرتۇمغا بېرىپ يەڭگىپ كىلەي>>دەپ باتۇرئاخۇننى كۆندۈرۈپ ،سەلىمە يۇرتىغا بېرىپ ئوغلىنى تۇغۇپ 2-ئاي بولغاندا باتۇرئاخۇن بېرىپ قايتۇرۇپ كەلدى.سەلىمە كىچىك يا يېنىدا ئانىسى ،ئاچىسى بولمىغاچ،بالىغا 7-ئاي بۇپ بولغۇچە قۇسقىدا يەنە قالدى.سىزىكنىڭ قاتتىقلىقى،بىلەن ئوغلى ئەنۋەرنى ئىمتىشكە ئامالسىز قالدى.ئەنۋەرنى يىڭى تۇنۇشقان بىردوستىنىڭ ياردىمىدە ئايرىپ تاماق يىگۈزۈپ باقتى.ئەنۋەرمۇ تاماققا كۆنۈپ كۆپ جىدەل قىلمايدىغان بۇپ قالدى.سەلىمە ئەنۋەرنى باققاچ باتۇرئاخۇننىڭ ئىشتىن كىلىشىگە ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ تۇراتتى.باتۇرئاخۇن ھورى چىقىپ تۇرغان مەززىلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ،<<بىردەم ئۇخلىۋالاي>>دەپ ئۇخلاپ قالاتتى.

كۈنلەر قوغلىشىپ ئۆتۈپ،ئەنۋەرنىڭ ئايىغى چىقىپ تەتەيلەپ ماڭدى. سەلىمەنىڭمۇ ئاي كۈنىمۇ تۇشۇپ قالدى.بۇ قېتىمكى تۇغتىدا ئەنۋەر كىچىك بولغاچقا<<يول ئازابى تارتىپ قالىدۇ.>> دەپ،سەلىمەنىڭ ئاپىسى بۇ شەھەرگە كەلدى.سەلىمە تۇغۇپ 50-كۈن بولغاندا گۈھەرخان ئانا قىزى بىلەن خوشلىشىپ كەتتى.سەلىمە ئىككى بالىسنى بېقىش بىلەن باتۇرئاخۇنغا ئاران تاماق ئىتىپ ئۈلگۈرەتتى.ئەنۋەرمۇ كىچىك بولغاچقا جىدىلى جىق ئىدى.ھەم تۇلا ئاغرىپ قېلىپ،زۇكۇمى ئەنيەرگىمۇ يۇقۇپ،ئىككىسنى تەڭ دۇختۇرغا ئاپرىپ سەلىمەنىڭ كۈنى كۈن-كۈنلەپ دۇختۇرخانىدا ئۆتەتتى.


يەنە ئەنيەر 1-ياشقا كىرىپ بولغۇچە سەلىمەنىڭ بۇيىدا قالدى. ئانا بۇلۇش ئىنتايىن شەرەپلىك بولسىمۇ جاپاسى ئىنتايىن كۆپ ئىدى.ئىككى بالا ئاغرىسا تەڭ ئاغرىپ ساقايسا تەڭ ساقىيىپ،سەلىمەنىڭ قوسقىمۇ كۈنسىرى چوڭ بۇلۋاتاتتى.ئەنۋەر 3-ياشتىن ئازراق ئاشقان،ئەنيەر 1 يېرىم ياشقا كىرگەن چاغ ئىدى.
ئەنيەر تۇيۇقسىز قاتتىق قىززىپ كىتىپ دۇختۇرخانىغا ئاپاردى.دۇختۇر قىزىتمىسنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ،ئەنيەرنىڭ كاسسىغا ئۇكۇل سالدى.بالىنىڭ چىرايى ياخشى بولغان بولسىمۇ،ئايىغى 11-ئايدىلا چىقىپ،قىززىپ قېلىشنىڭ ئالدىدا يۈگرىپ ئويناۋاتقان،ئەنيەر پۇتىنى مىدىرلاتقىلى ئۇنمىدى.سەلىمە ئەرخۇتۇن جىددىيلىشىپ بالىنى مەركىزى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.دۇختۇرلار تەكشۈرۈپ<<بالىغا ئۇكۇل سالغاندا ئۇكۇل پەيگە تىگىپ كىتىپتۇ.بالىنىڭ مېيىپ بۇلۇپ قېلىش ئىھتىمالى بار،قېنى بىز بىر  داۋالاپ باقايلى...ئەمما ساقيىشدا ئۈمۈت زور ئەمەس>>- دىدى.دۇختۇرنىڭ بۇسۆزىدىن سەلىمە ساراڭدەكلا بۇپ قالدى.بىرنەچچە كۈن ئۆزىنى ئەيىپلەپ <<ئۇكۇل ئۇرغۇزمىسام بۇپتىكەن>>دەپ چىقتى.ئەمما تەقدىرگە نېمە ئامال،ئەنيەرنى ئىككى ئاي داۋالىغان بولسىمۇ،ئازراق ئىلگىرلەش بولمىدى.دوخـتۇرلار ئەنيەرنى ئۆيگە ئەپ كىتىپ بېقىشنى ئىېيتتى.سەلىمەنىڭمۇ ئاي كۆنى تۇشۇپ قالغاچقا ئەنيەرنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەپچىقتى....ئالدىدىكى مېيىپ بۇپ قالغان ئەنيەرگە قاراپ،تۇغۇلاي دەپ قالغان قۇسقىدىكى پەرزەنتىنى ئويلاپ،سەلىمە باتۇرئاخۇنغا يۇرتىغا بېرىپ يەڭگىپ كىلىشنى دېدى.
باتۇرئاخۇن سەلىمەنى 2-بالا بىلەن يولغا سەپ قويدى.سەلىمە يول جاپاسىنى بۇلشىغا تارتىپ يۇرتىغا باردى.ۋە ئاتا-ئانىسنى كۆرۈپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.مېھرىبان ئانىسى سۈيۈملۈك دادىسى سەلىمەنىڭ بېشىنى سىلاپ تەسەللى بەردى.ئۇزاق ئۆتمەي سەلىمە ئۇماققىنە بىر قىز تۇغدى.ئۇنىڭ قىز پەرزەنىتلىك بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى...سەلىمە قىزىغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن خوش بۇپ كىتەتتى.ئەنيەرنى بولسا  گۈھەرخان باقاتتى.
سەلىمە ئوغلى ئەنۋەر قىزى پەزلىيەنى ئېلىپ ،ئەنيەرنى ئانىسقا قۇيۇپ قايتىپ كەلدى.

ھاينى-ھۇيىت دەپ بولغۇچە ئارىدىن 7-يىل ئۆتتى.ئەنيەرمۇ مەكتەپ يېشىغا توشتى.بالىنىڭ ئىككى پۇتى مېيىپ بولغاچ،ھاسىغا تايىنىپلا ماڭاتتى.گۈھەرخانلار ئامالسىز بالىنى مەكتەپكە بەرمىدى.سەلىمەمۇ يېنىدىكى ئىككى بالىسى بىلەن بۇپ كىتىپ،ئەنيەرنى ئۇنتۇپلا قالغان ئىدى.قىزى پەزىلىيەمۇ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ مەكتەپكە كىردى.سەلىمە ھۆكمەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغان خىزمەت ئورنىدا ئىشلىگەچ باللىرنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.باتۇرئاخۇنمۇ بىكا بولسىلا باللارنى ئەكلەتتى.بۇلار يېنىدىكى  قىزى بىلەن ئوغلىغا بەكلا ئامراق ئىدى.ئارىدىن 1-يىل ئۆتۈپ پەزىلىيە مەكتەپكە بىرىش يۇلىدا قاتناش ھادىسى بىلەن نەق مەيداندا قازا قىلدى.پەزىلىيەنىڭ ئۆلىمى سەلىمە بىلەن باتۇرئاخۇنغا بەكلا ئېغىر كەلدى.بۇلار بىراقلا قېرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدى.سەلىمەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ بۇ ھالىغا چىدىماي،بىرمەزگىل يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى.ئارقىدىن باتۇرئاخۇنمۇ بېرىپ ،<<بالىنى ئەمدى ئۆزىمىز باقايلى >>دەپ، سەلىمە بىلەن ئەنيەرنى قايتۇرۇپ كەلدى.

جان-جېگەر يۈرەك پارىستىن ئايرىلىپ قېلىش سەلىمەگە بەك ئېغىر كەلگەچكە،ھۇشىنى يۇقىتىپ ئەنيەرگە بەك مېھرىنى بىرەلمىدى.ھە دېسە ئەنيەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئىشلىرى كۆزىگە سىغمايىتتى.ئەنۋەرمۇ ئەنيەرنى<<دۆت تۇكۇر>>دەپ، بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى.سەلىمەمۇ تۇلا ئەنيەرنى <<قاغىش تۇكۇر >>دەپ تىللاپ سالاتتى.بالىمۇ چوڭ بۇلۇپ ئەقلىگە تولغاچقا ،بۇنداق تىللىسا <<مىنى تۇكۇر قىلىپ قويغان سىلەر>>دەيدىغان بولدى.بىرئۆيدە چوڭ بولمىغاچقا بەك مېھرى بولمامدۇ؟سەلىمە بىلەن باتۇرئاخۇن بۇ ئىككى بالىغا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلاتتى.
بۇنداق مۇئامىلىسنى ئەنيەر شۇنداق ئاسان بىلۋېلىپ،ئاتا-ئانىسى گەپ قىلاي دەپ بولغۇچە ئالدىغا ئۆتۋالاتتى.

بۇ بالىنىڭ پۇتى مېيىپ بولغان بىلەن ئالامەت يامان ،ئەقىللىق كۈيۈمچان ئادەم بولغان ئىدى.ساق بولغان بولسا بۇ بالىنى باشقۇرغۇلى بولمامتىكى...<<خۇدايىم بىلىپ مېيىپ قىپ قويغان چېغى>>دەيىتتى باتۇرئاخۇن.بەزى ئەنيەرگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئەنۋەر بولسا ئالىي مەكتەپنىمۇ ئويناي يۈرۈپ ئۇقۇدى.بەزى تېخى قىمارمۇ ئويناپ سەلىمەنىڭ ئالتۇنجاپدۇقلىرىنى،ئوغۇرلاپ ئۇتتۇرۇپ قۇياتتى.سەلىمە ئاچچىقلاپ قاخشىسا:<<جېنىم ئاپا مەن مۇئاشىم چىققاندا ئۆزۈم ئەپ بىرىمەن>>-دەپ سەلىمەنى ئالدايىتتى.ئەنۋەر مۇشۇنداق قىماردا سەلىمەنىڭ نەچچە يۈرۈش ئالتۇنجاپدۇقلىرىنى ئۇتتۇرۋەتتى.ئەمما سەلىمە بالىىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈپ،تاتلىق سۆزلىرگە ئىرىپ كەتتى.ئەنيەر ھەرقېتىم ئاكىسى بىلەن مۇشۇنداق ئىشلاردا جىدەللىشىپ قالاتتى.يىغىپ ئېيىتقاندا ئەنۋەرنىڭ
خاتا ئەنيەرنىڭ توغرا ئىدى.ئەنۋەرمۇ ئىنىسنىڭ كۆچتۈڭكۈر مۇشتى،مەنىلىك سۆزلىرىدىن،قورقۇپ  قىماردىن قول ئۈزدى.
ئەنيەرنى مىيىپلار ئىدارىستىن خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇردى.ئەمما ئەنيەر مىھرىبان بولغىنى بىلەن بەك خوش يامان ئىدى.ئۇ يەردە ھەپتە ئىشلەپلا كۆچلۈك مۇشتىدا خەقنى ئۇرۇپ قۇيۇپ ئىشتىن ھەيدەلدى.ئاتا-ئانىسى ھۆكمەتتىكىلەرگە يېلىنىپ يەنە قايتا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ،بۇ بالا يەنە خىزمەت جەريانىدا ۋىجدانىنى قايرىپ قويماي،ئەيىپلەپ تىل تەككۈزگەن كىشىنىڭ 4-چىشىنى بىرمۇشتىمى بىلەن چۈرۋەتتى.بۇ قېتىم ئەنيەرنى قاماققا ئەكىرىپ 2-كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ قۇيۋەتتى.ئاتا-ئانىسى.يارلانغۇچىغا بىرمۇنچە تۆلەم تۈلىدى.ئەنۋەرمۇ ئىنىسنى باشقۇماقچى بۇلۇپ،ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بولغۇچە ئەنيەردىن مۇش يىدى.سەلىمە بىلەن باتۇرئاخۇنمۇ،بۇ بالىغا ئامال يوقكەن دەپ،نېمە دېسە شۇنى قىلىپ ئۆيدە جىم ئولتۇرغىنىغا خوش بۇلۇپ يۈردى.

ئەنۋەر بولسا 28-ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى.25-يېشىدىن باشلاپ يۈرگەن،شىنجاڭ پىداگىگا ئۇنۋىرسىستىدا ئۇقۇيدىغان،قىز دوستى بارئىدى.بۇ قىزدوستىنى سەلىمەنىڭ ئالدىغا بىرنەچچە قېتىم ئەپكەلگەچكە،سەلىمەمۇ ئەنۋەرگە توي قىلىش توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىدى.چۈنكى بۇرۇن سۆزلىسىلا ئەنىۋەر.<<مەدىنەنىڭ ئۇقۇشى پۈتسۈن>>دەپ قۇياتتى.بۇ يىل مەدىنەنىڭ ئۇقۇشىمۇ پۈتتى.سەلىمە پەخرلىنىش ھىسياتى بىلەن،ئەنىۋەر ئوغلىنىڭ تويىنى11-ئاينىڭ 4-كۈنىگە ئۇرۇنلاشتۇردى.ئەنۋەرگە 120-كىۋادىرات مىتىرلىق ئۆي ئېلىپ،ئىچىنى خان ئوردىستەك ياساپ بەردى.ئۆي ئېلىپ بىزەپ دېگەندەك،ئەنۋەر يەنە<<بىر شىركەتكە مەبلەخ سالىمەن >>دەپ 150 مىڭ يۋەن پۇلنى ئالغان ئىدى.بۇلار ئۆي ئېلىپ بىزەپ توي ئىشىغا تەييارلىق قىلىپ،ئاخىردا قىزغا چوڭ چاي كۈنى ئاپرىدىغان، 25-مىڭ يىۋەنگە چىقىش قىلالماي قالدى.ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرىز ئېلىپ بۇ كەم پۇل ئورنىمۇ تۇلۇقلاندى.

تۇيغا يۇرۇتتىكى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ھەممىسى كەلگەن ئىدى.مەنمۇ خىزمەتنىڭ ئىھيىتاجى بىلەن تويغا بىركۈن قالغان كۈنى ،ھاممام تۇرغان شەھەرگە باردىم.ئالدىمغا ئىككى ھاسىسنى تارقاڭشىتىپ دەسسەپ ئەنيەر چىقتى.ئەنيەر بىلەن ئۆيگە كىردىم.ئۆيدە لىق ئادەم،باتۇرئاخۇن دادام بىلەن ھاممامنىڭ تۇققانلىرى بۇلۇپ،ئۆي-ئىچى قايناپلا كىتىپتۇ.ھەممىسى بىلەن بىرقۇر كۆرۈشۈپ بۇلۇپ،ھاممامدىن تويى بولدىغان ئەنۋەرنى سورىدىم.

-ھامما ئەنىۋەرچۇ؟
-ئۆزئۆيىدە مەدىنە بىلەن كەم تەييارلىقلارنى قىلۋاتىدۇ.بىردەم تۇرۇپ بىللە بېرىپ كىلەيلى-دېدى.
ھاممانىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ باش لىڭشىتتىم.تاماق يەپ بۇلۇپ ھاممام بىلەن ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.ئۆيگە كىرىپ ھەيرانلا قالدىم.ئۆينىڭ بىزىلىشى شۇنداق كۆركەم بۇلۇپ،كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى.ئەمما تاملارغا ئېسىلغان توي رەسىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.يەنە ئۈستەلگە قۇيۇپ قويغان يوغان ئالبۇمنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.رەسىملەرنى كۆرگەنچە شۇنداق نۇمۇس قىلىپ قالدىم.مۇشۇنداق چاكىنا چۈشكەن بارمۇ؟توي سۈرىتى بولسىمۇ ھايا-پەدىشەپ بىلەن چۈشسە بولمامدۇ؟-دېدىم ئىچىمدە،ئىنىم مەندىن سورىدى.
-ھەدە رەسىملەر چىرايلىق چىقىپتىمۇ؟-دېدى.مەن قەستەن مەنىلىك قىلىپ:
-ۋاھ،ۋاھ،بەك چىرايلىق چىقىپتۇ...قاراپ كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم.دېدىم.
-ھا...ھا...ھەدە قارا گىپىڭنى.
-ھەراس بۇ رەسىملەرگە نەچچە پۇل غەچلىدىڭ.
-15-مىڭ يىۋەن
-ۋاي-ۋۇي نېمانچە كۆپ،پۇلنى مۇشۇنداقمۇ ئىسراپ قىلامسەن ؟-دېدىم.
ئىنىم كۈلۈپ گەپ قىلمىدى.ئەنۋەرگە ئۆيگە بالدۇر قايتىشنى تاپىلاپ قۇيۇپ، ھاممام بىلەن قايتىپ كەتتۇق.
ئۆيگە بېرىپ ئۇرۇق-تۇققانلار پاراڭغا چۈشۈپ ئولتۇردۇق.شۇدەقىقىدە ئەنىۋەر ناھايىتى ھارغىن ھالدا كەلدى.ھاممام سوراپ:
-قۇسىقىڭغا تاماق يىدىڭمۇ؟
-ياق ئاپا قۇسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى.
ھاممام بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىديالمىدىمۇ؟قانداق.<<ۋاي بىچچا بالام،توينىڭ جاپاسىنى ئەجەپ تاتتى...>> دەپ يىغلىدى.ئەنيەر ئاپىسنىڭ يىغىسقا چىدىماي<<ئاپا يىغلىما؟>>-دېدى،دە سىرىتقا چىقىپ كەتتى.بىزئەنىۋەر بىلەن ئەتىدىكى ئىشلار تۇغۇرلۇق پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق.ئەنيەر گۈپ-گۈپ ھاراق پۇراپ كىرىپ كەلدى.
سېسىق ھاراقنىڭ پۇرقى ئۆينى بىرئالدى.ئەنيەر كەلگەن پېتى ئەنىۋەرگە ئېسىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
<<ئاكا سەن مىنى كۆزگە ئىلمايسەن!ئىنىڭ ئورنىدا كۆرمەيسەن!ئاپا سەنمۇ بار،ئاكامغىلا ۋاي دەيسەن!بايىقى يىغاڭغا مەن پەقەت-پەقەت چىدىمىدىم.ئاكامنىڭ تويىنى دەپ بەك جاپا چەكتىڭ،>>دەپ،ئەنۋەرگە ئېسىلىپ ۋاقىراپ ئۆينى بىرئالدى.ئۆيدىكى ئۇيقۇغا كەتكەن چوڭ-كىچىك،ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ،ئەنيەرنى سۆزلەپمۇ قايىل قىلالمىدى.ئەنيەر ئۈستەلدىكى قۇلىغا چىققان قاچىلارنى ئاتقىلى تۇردى.
ئەنىۋەر ئاپىسقا:
-ئاپا ئەتە ئەنيەر تۇيۇمغا قاتناشمىسۇن.مەن بۇ شەھەردىكى ئىنىسى تويىنى بۇزغان 22-ياش بۇلۇپ قالماي.ئۇنى سولاپ قويغىن.
-بالام مەن ئەنيەرنى نەگە سولاپ قۇيىمەن!ئۇ ياكى كېچىك بالا بولمىسا،دەپ يىغلىغىلى تۇردى.بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئەنيەر تېلفۇننى قۇلىغا ئېلىپ110-غا تېلفۇن بەردى.
ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتمەي 4-ساقچى كىرىپ كەلدى.ۋە ئەنيەرنى تۇتۇپ ئەپ ماڭدى.ھاممام ساقچىلارغا<<ئەنيەرنى ئاپىرىپ سولاپ قۇيۇڭلار!ئەتە بىركۈن بولسىمۇ>>-دېدى.ئۇلار ئەنيەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.ئۆي-ئىچى جىمجىتلىققا تولدى.مەن ھاممامنىڭ ساقچىغا دېگەن سۆزىدىن  تولىمۇ ھەيران قالدىم.قاراپ تۇرۇپ ئۆزبالىسنى <<سولاپ قۇيۇڭلار >>-دېدىغۇ؟ھاممام بەك شەخسىيەتچىكەن.باللىرغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماي،ئاجىزنى كۆزگە ئىلمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.


ھەرقانچە ئۆتسە 1-سائەت ئۆتكەندۇ.ئەنيەر يەنە ۋاقىراپ كىرىپ كەلدى.<<مىنى تۇتۇپ بەرگەن ئىدىڭلارغۇ؟ئۇلار يەنە قۇيۋەتتى مانا>>دەپ بېسىقماي سۆزلىدى.ئەنۋەر ھاممامغا يەنە بايىقى سۆزنى تەكرارلىدى.<<ئاپا ئەنيەرگە بىرئامال قىل تۇيۇمغا بارمىسۇن>>دەپ.ھاممام يىغلاپ تۇرۇپ،ئەنيەرگە <<بولدى قىلامسەن قىلمامسەن؟ياكى مىنىڭ جېنىمنى ئالساڭ خوش بۇلامسەن؟بېشىمغا بىر بالا بولدىڭغۇ سەن؟>>دەپ ،ئەنيەرنى بىردەم تىللىسا بىردەم يىلىنىش تەلەپپۇزدا سۆزلىدى.ئەنيەر يەنە 110-غا تېلفۇن ئۇرۇپ<<مېنى ئەپ كىتىڭلار بولمىسا بۇ ئۆيدە قان تۆكىلىدۇ>>-دېدى.ئەمما خېلى ۋاقىت ئۆتسىمۇ ھېچكىم كەلمىدى.
ئۇرۇق-تۇققانلار ئەنيەرگە تۇلا سۆزلەپ بېسىقتۇردى.ئەتىسى تويمۇ بىرچىرايلىق ئۆتكۈزۈلۈپ،ئەنۋەرئەنسىرگەندەك،ئەنيەر چاتاق چىقارماي ئەكسىچە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن،ئاكىسنىڭ تۇيىغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىپ،ھەممەيلەننىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرۋەتتى.
بىزمۇ خوشلىشىپ ئۆزماكانىمىزغا قايىتتۇق.كىيىن ھاممام ئوغلى ئەنۋەرنىڭ تويدىن كىيىن كەلمىگەنلىكىنى،ھامماملار بارسا كىلىنى بىلەن ئوغلى تەرپىدىن سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى سۆزلەپ بەردى.بىرتالاي تەسەللى بەردىم.
ھاممامنىڭ يولدىشى.مەچچىت ئىمامى بولغاچ،ھەرەمگە بېرىشقا شەرتى تۇشۇپ ھۆكۈمەتمۇ پاسپورۇت ھەل قىلىپ بىرىپتۇ.ئەمما ئەنۋەرنىڭ تويىنى قىلىمىز دەپ قەرىز بولغاچقا ،پۇل يوق ئەنۋەر مەبلەخ سېلىشقا ئالغان 150-مىڭ يىۋەننى ئەنۋەردىن سوراپتۇ.ئەنۋەر پۇلنى <<بىرەي>> دىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن.تېخى ئاتا-ئانىسىغا قاتتىق گەپ قىلىپ <<پۇلنى بەرمەيمەن يامان بولساڭلار ئەرىز قىلىڭلار>> دەپتۇ.ھامماملار قانداقمۇ پۇلنى دەپ ئۆز يۈرەك پارىسنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىدۇ.

ئۇلار يەنە چىشىنى چىشلەپ <<بۇپتىلا بىز يىغىپ نەگە ئاپراتتۇق،شۇ باللىرمىز ئۈچۈنغۇ>>دەپ ئۇ پۇلدىن ۋاز كىچىپتۇ.ئەمما بۇ ئىككەيلەن ئەنۋەرنى بەك ياخشى كۆردىكەن.شۇڭا دائىم ئۇنى سېغىنىپ ئەنۋەرنىڭ ئۆيگە كىلىشى ئۈمۈت قىلدىكەن.
ئەنۋەر ئايالىنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئاشۇ چاغدا ھاممامنىڭ مەدىنەگە<<سىزنى مەكتەپتە 4-يىل ئەنىۋەر خىراجىتىڭىزنى قىلىپ ئۇقۇتتى...شۇڭا ئەمدى تىجەشلىگىن بۇلۇڭ.ئۆيگە بېرىپ ئانچە-مۇنچە خىزمىتىمىزنىمۇ قىلىڭ>>دېگەن سۆزىگە <<ئەنۋەرنىڭ مەن ئۈچۈن غەچلىگەن پۇلىنى مىنىڭ پىشانەمگە تاقىدى.>>دەپ،ئەنۋەرنىمۇ ئاتا-ئانىستىن كەچكۈزۈپتۇ.ھاممام يولدىشى بىلەن  ئوغلىنى سېغىنىپ بىرنەچچە قېتىم،ئارىغا ئادەم سېلىپمۇ ئەپلىشىپ قالالماپتۇ.
قېنى بۇ گۇناھ  ئانىدىمۇ بالىدا ؟مىنىڭچە بالىدىمۇ بار،ئانىدىمۇ بار.بالىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماسلىق،ئالغاندا ئوغۇرلاپ قۇمرۇپلا ئېلىپ،خوشلۇقى تۇتقاندا ئانچە-مۇنچە  بەرگەن پۇلىسى كۆزگە كۆرۈنۈپ،مىيىپ بالىسى مېھرى-مۇھەببىتىنى ھەرقانچە بەرسىمۇ  كۆزگە ئىلماي ،ياقتۇرماسلىقتىن.ئەنۋەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ ئاتا-ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقى يوق.شەخسىيەتچى ئادەم قىلىپ قۇيۇپتۇ. دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ دە،قاچقاننى قوغلاپ يېنىدا پەرۋانە بولغاننىڭ قەدرىنى بىلمەسلىك.شۇڭا <<ياماننىڭ ئوتى يامان>>دەيدىكەن.ھاممام ئوغلى ئەنۋەردىن شۇنچە ئازار يىسىمۇ يەنە ئىچ-ئىچىدىن كۆيىدىكەن.


مەنبە ئاچچىق ھىسلىرىم

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60764
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 10:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا ھەر بەندىسىگە ئېنساپ ئېمان ئاتا قىلسۇن  توقلىقتقن شوخلوق چىقىدۇ دىگەن شۇدە   ھەربېر ئانا ئۆز پەرزەنتى بولغاندىكىن مەيلى ئۇ قانداق بوپ تۇغۇلۇشىدىن قەتتى نەزر ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكتە بولمىسا مۇشتاق ئاقىۋەت چىقىدۇ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76816
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 10:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپمۇ بىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 10:37:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپرەك گۇناھ  بالىدا .نىمىلا بولمىسۇن ئۆز ئاپىسى  ئەمەسمۇ .

دادا-ئاپا ،ھاياتىم سىلەر ~!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69135
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 10:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا ~~ ھازىر جىق بولۇپ كەتتى بۇنداق ئىشلار ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 02:09:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hay bu jahanning ixliriniza xukur kilix kirak minig tagammu anam qong dadam lar din bir oy togur luk kiqip katti

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 12:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇناھنىڭ كىملىكىدە سۇئال قويۇپ ، ئاخىرىدا گۇناھنى ئانىغا قويۇپ ھۆكۈمنى پىچىۋېتىپسىزغۇ ، توغرا ھۆكۈم بوپتۇ . بىرگە قىلساڭ يەنە بىرىدىن كۆرىسەن دەپ .

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 1098
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5510
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2361 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 01:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31565
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6573 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 01:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ساندىن كىيىن بىردىن سىزىق تارتىپ چىقىپسىز، دىققەت قىلىڭ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12813 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 05:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوغلۇم كىچىك بولغاچقا ئەكىلىتىپ قويسام،چوپ- چوڭ بوپ قالغان قىزىم سەن ئۇكامنىلا ياخشى كۆرۈسەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ بېششىمنى ئاغرىتىپ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش