★ ئەرلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان قىزلارنىڭ
ناھايتى ئازلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، توي قىلغاندىن كېيىن بولسا ئۆزىگە لايىق
كېلىدىغان قىزلارنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى ھېس قىلىدۇ .
★ ياشلار نۇرغۇن ساختا نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ ، قېرىلار بولسا نۇرغۇن
چىن نەرسىلەردىن گۇمانلىنىدۇ .
★ نىكاھنىڭ قىيىنلىقى شۇ يەردە ، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن
مۇھەببەتلىشىمىز ، ئەمما ئۇنىڭ كەمچىلىكى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىمىز .
★ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيەلىگەن بولساڭ سۆيگۈ ئىزدەپ خار بولمىغان بولاتتىڭ .
★ تاشقى گۈزەللىكنى قوغلاشما ، ئۇ ئادەم ئالدايدۇ ؛ بايلىقنى قوغلاشما ، ئۇمۇ تۈگەيدۇ ؛
سېنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئادەمنى قوغلاش ، چۈنكى كۈلكە ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ،
قاراڭغۇ كۈنۈڭنى پاللىدە يورۇتىدۇ .
★ گېپىڭنى تولا قىلىدىغان كىشى بىر بولسا غېمىڭنى يەۋاتقان ، بىر بولسا ئوراڭنى كولاۋاتقان كىشىدۇر .
★ گۇمانى قارىشى بولمىغان كىشىنىڭ ئىجادچانلىق روھى بولمايدۇ .
★ كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان دانا ئەمەس ، ئوقۇغاننى ئىشلەتكەن دانا .
★ ئىشىكنى جېنىڭىزنىڭ بارىچە << گۇم >> قىلىپ ياپماڭ ، چۈنكى يەنە قايتىپ كېلىشىڭىز مۈمكىن .
★ بىر _ بىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەقەت تەسەللى بېرەلەيدىغان ، ئەمما
قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايدىغان دوستلارنى يېرىم دوستلار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
★ باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ماختاپ ئولتۇرغىنىڭدىن ، ئاشۇ ئىشلار ئۈستىدە
ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭ كۆپ ياخشىدۇر .
مەنبەسى : بۇرۇن خاتىرەمگە كۆچۈرۋالغانلىرىم ( شىنجاڭ مەدەنىيىتى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-12 09:17 PM