مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~
دائىملىق ئــەزا
ياشىماق ،ياشنىماق بۇ مىنىڭ پەرزىم كۆڭۈللەر يىقىن بۇلۇشقان ئاداش، تۇنۇغان ئەزەلدىن سېنى سىردىشىم. نە سەۋەپ نىمنى قالدۇق تالىشىپ، سەۋەبى نىمىكىن قاتتى بۇ بېشىم. تالاشما دىدىڭ سەن مەندىن مال- دۇنيا تالاشما مېنىڭدىن كاتتا بايلىقنى. مەن دىدىم ئۇ ماللار سەندىن ئايلانسۇن، سەن ئۈچۈن تاللاي مەيلى سايلىقنى. تالاشما دىدىڭسەن مەندىن ئىناۋەت، ھەرقاچان سېنىڭدىن ئۇستۇن ھۆرمىتىم. مەن دىدىم يەر بۇلاي ۋە ياكى ئالتۇن، بىراۋلار نەپ ئالسا شۇدۇر قىممىتىم. تالاشما دىدىڭسەن مەندىن مۇھەبببەت، شېرىن سۆز، جەزىبدار ئاشۇ نىگارنى. مەن دىدىم قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرەي، ۋەدىسى بىھالال، ئەھدىسىز يارنى. تالاشما دىدىڭ سەن مەندىن گۈزەللىك، نۇرلۇق شۇ ئاسماننىڭ ئاي چولپىنى مەن. مەن دىدىم گۈزەللىك ماڭا ئارتۇقچە، مېھىرلىك كۆڭۈللەر مېھرىبانىمەن. تالاشما دىدىڭ سەن مەندىن ھاياتلىق، سەن تۇرساڭ ئالدىمدا تۇگىمەس ئەرزىم. مەن دىدىم ئەزرائىل ئالمىسا جاننى، ياشىماق ،ياشنىماق بۇ مىنىڭ پەرزىم. ــــــ چەشمە زۇلال
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ