دۇنيا ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش كۇنىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە
1960-يىلى،ئامىركا،ئەنگىلىيە،ئاۋسرالىيە،گوللاندىيە،بىلگىيىدىن ئىبارەت 5دۆلەتتىكى ئىستىمالچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ،دۇنيا ئىستىمالچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلدى.ھازىرغا قەدەر90نەچچە دۆلەت ۋە رايۇندىكى215 ئىستىمالچىلار تەشكىلاتى دۇنيا ئىستىمالچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇلۇپ،پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 1987-يىلى9-ئايدا،جوڭگو ئىستىمالچىلار جەمىيىتى دۇنيا ئىستىمالچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 11-قۇرۇلتىيدا رەسمى ئەزالىققا قۇبۇل قىلىندى.1962-يىلى3-ئاينىڭ15-كۈنى،ئامىركا زوڭتوڭى كىنىدى،پارلامىتقا‹‹ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات››نى يوللاپ،ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتى ئوقۇمىنى رەسمى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇ،دوكلاتىدا،ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنىڭ تۇلۇق ئىشقا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،ھۈكۈمەت ئارىلىشىش،تەدبىرىنى كۈچەيتىپ،مەمۇرى تەشكىلاتلارنى ياخشىلاش،شۇڭا بەزى ساھەلەردە يېڭى قانۇن-پەرمانلارنى تۈزۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.دوكلاتتا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتى ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم شەرھىلەندى.بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنيا ئىستىمالچىلار ھەركىتىدە،زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش بۇلۇپ قالدى.1983-يىلى، دۇنيا ئىستىمالچىلار بىرلەشمە تەشكىلاتى ھەر يىلى 15-مارت كۇنىنى، ‹‹دۇنيا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتى كۈنى››قىلىپ بېكىتتى.1985-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلارتى يىغىنىدا‹‹ئىستىمالچىلارنى قوغداش مىزانى››ماقۇللۇنۇپ،ئىستىمالچىلار بەھرىمان بۇلۇدىغان،ھوقۇق مەنپەت،ئېنىق شەرھىلەندى.ھازىرغا قەدەر خەلقارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى ئاساسلىغى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن: 1)بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىرىشىش ھوقۇقى.2)توغرا ماتىريالغا ئىرىشىشكە ھوقۇقلۇق.3)ئۆز ئالدىغا تاللاشقا ھوقۇقلۇق.4)ئىستىمال پىكرى بىرىشكە ھوقۇقۇلۇق.5)مۇۋاپىق تۆلەمگە ئىرىشىشكە ھوقۇقلۇق.6)ئىستىمال تەربىيەسىگە ئىرىشىشكە ھوقۇقلۇق.7)ساغلام مۇھىتقا ئىرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
ئىلىمىزنىڭ 1994-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمى يولغا قۇيغان ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇنىدا ،ئىستىمالچىلارنىڭ 9تۈرلۈك ھوقۇقى بەلگىلەنگەن.1)بىخەتەرلىك ھوقۇقى،بۇ ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان،ئىشلەتكەن،ۋە مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلغاندا،جىسمانىي،مال-مۈلۈك بىخەتەرلىگىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىنى كۆررسىتىدۇ.2)ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى.بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ تۇۋار سېتۋالىدىغان،ئشلىتىدىغان تاۋارلار ياكى قۇبۇل قىلىدىغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.3)ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقوقى.بۇ ئىستىمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ،يەنى ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆز تەلىپى،ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىۋېلىشىغا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.4)ئادىل سودا ھوقۇقى.بۇ ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋالغاندا مۇلازىمەت قۇبۇل قىلغاندا،ئادىل سودىلىشىش،يەنى ئادىل،مۇۋاپىق بولغان بازار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بىرىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.5)تۆلەم ئېلىش ھوقۇقى.بۇ ئىستىمالچىلار مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىشتا،جىسمانىي،مال-مۈلۈك جەھەتتىن،زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسا قانۇن بۇيىچە تۆلەم ئېلىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.6)تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى.بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇن بۇيىچە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.7)بىلىم ئېلىش ھوقۇقى.بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ ئىستىمال جەھەتىكى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر بىلىملەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.8)ھۈرمەت قىلىنىش ھوقوقى.بۇ ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ۋە مۇلازىمەت قۇبۇل قىلىشتا،ئۆزىنىڭ كىشىلىك –ئىززەت ھۈرمىتى،مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتىگە ھۈرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.9) نازارەت قىلىش ھوقوقى.بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت،شۇنىڭدەك ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش خىزمىتى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭ دىنار ئادۇۋكاتلار ئۇرنىدىن بەختىيار ئادۇۋكات
قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854 چ چ 1471561935
دۇنيا ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش كۇنى تەشۋىقاتى
قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىڭىزنى قۇغداشتكى ياخشى ياردەمچىڭىز شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى