خىزمەت ۋەزىپىسى بىلەن، ھەر يىلى باھاردا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرىۋاتقىلى مانا 3 يىل بولۇپ قاپتۇ. نىمە ئىشقىكىن، ھەر قېتىم كۆز تەكشۈرۈشكە بۆلىنىپ قالىمەن. بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچىلار 2 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ، ئىچى يورۇق كۇپ تاختىدىكى كۆرسىتىلگەن شەكىللەرنىڭ يۆنلىشىنى توغرا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوڭ ۋە سۆل كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرىلىدۇ. ھەر قېتىمدا، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەكتەپتىكى بالىلارنى شۇ مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرەيمىز.
مەن بۇرۇن، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆزى خەنزۇ بالىلارنىڭكىدىن ياخشى بولۇشى ھەققىدە بەزى ماقالىلارنى ئوقۇغان ئىدىم. بىر ماقالىدە، تازىلىق ئادىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلار ئېقىۋاتقان سۇدا يۈز-قولىنى يۇيدۇ، خەنزۇلار بولسا داسقا سۇ ئېلىپ يۈز-قولىنى يۇيدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىق ئادىتى ياخشى بولغاچقا، كۆز قۇۋىتىمۇ ماس ھالدا ياخشى بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىپتۇ؛ يەنە بىر ماقالىدە، ئۇيغۇرلار پولونى كۆپ يەيدۇ، ياغدا پشۇرۇلغان سەۋزىدە ۋىتامىنB ۋە باشقا كۆزگە پايدىلىق ئېلېمېنتلار كۆپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى ياخشى، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ (پولو بىلەن پەقەت خوشۇم يوق بولسىمۇ، كۆزۈمنىڭ كۆرۈشى بەك ياخشى بولغاچقا، بۇ قاراشقا ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خەنزۇلارمۇ پولونى يەپ تۇرسىمۇ، كۆزى يەنىلا ئاشۇنداق. بەلكىم بۇ ئاساسلىق سەۋەبى بولمىسىمۇ، قوشۇمچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دىگەن قاراشتا كېلىپ قالدىم)؛ كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، ئېرىسيەت ئاملى.
شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر- خەنزۇ بالىلارنىڭ كۆز قۇۋۋىتى پەرقىنىڭ سەۋەبلىرى: 1. تازىلىق، 2. پولو، 3. ئېرىسيەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلغا باغلانغان بولدى. (بەلكىم يەنە مەن بىلمىگەن ۋە كۆرمىگەن باشقا ئامىللارمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، تورداشلار تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ).
ئەگەر يۇقارقى سەۋەبلەرنى قايىل قىلارلىق دەپ قارىساق، ئۇيغۇرچە مەكتەپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆز قۇۋىتى ئاساسەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەپسۇسكى، مېنىڭ خىزمەت جەريانىدا بايقىغىنىم دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. يەنى خەنزۇچىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ (مىنكوخەنلەرنىڭ) كۆز قۇۋىتى ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭكىگە يەتمەندۇ. بەزى مىنكوخەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئادەتتىكى خەنزۇ بالىلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن.
ئوخشاش تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرگەن، ئوخشاش پولو يەيدىغان ۋە ئوخشاش ئېرىسيەتتىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىدە، نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا زور پەرق شەكىللىنىدۇ؟ مىنكوخەن بالىلار بىلەن ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدا يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان ئامىللار بار؟
بۇ ئامىلارنىڭ مۇھىم بىرسى، ئېنىقكى خەنزۇچە خەتتۇر. يەنى، مىكوخەن بالىلار ئاساسەن خەنزۇچە يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدۇ، ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغان بالىلار كۆپىنچە ئۇيغۇرچە خەت بىلەن، قوشۇمچە خەنزۇچە خەت بىلەن ھەپىلىشىدۇ. قاراپ باقساق، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە خەنزۇچە دەرسلىكلەرنىڭ كېڭەيتىلىشى بىلەن، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ ماڭماقتا. بۇ نۇقتىمۇ، كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
ھەمىمىزگە مەلۇم، خەنزچە خەت چاسا شەكىلدە يېزىلىدۇ، ئوقۇغاندا ھەر بىر چاسا شەكىللىك خەتنى توچكىسىمان ھەرىكەت بىلەن ئوقۇيمىز. ئۇيغۇرچە خەت بولسا بىر-بىرىگە چېتىلىپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغاندا تۈز سىزىقسىمان ھەرىكەت بىلەن ئوقۇيمىز. كۆزنىڭ توچكىسىمان ھەرىكىتىدە، كۆز ئالمىسىنىڭ سوزىلىپ- قىسقىراش ھەرىكەت سانى كۆپىيىدۇ، ھەمدە كۆز بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بۇنداق مېڭىۋەرسە، تەبئىي ھالدا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ، يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ؛ كۆزنىڭ تۈز سىزىقسىمان ھەرىكىتىدە، كۆز ئالمىسىنىڭ سوزىلىپ- قىسقىرىشى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، كۈچمۇ كۆپ كەتمەيدۇ، كۆز پەقەت جۈملىلەرنىڭ يۆنلىشى بويىچە ماڭسىلا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرچە خەت ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
مېنىڭ بايقىشىمچە، نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز قۇۋىتىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1. خەت تۈرى
2. ئېرسىيەت (خەنزۇچە خەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىشلىتىلىش جەريانىدا، بەلكىم گېنغا سىڭىپ كىرىپ، ئېرسىيەت ئامىلىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن)
3. كۆزنى ئىلمىي ئاسىرىماسلىق
4. ئوزۇقلۇق
5. تازىلىق ئادەتلىرى
قوشۇمچە، بوۋاقلارنىڭ كۆزىگە ئانا سۈتىنى تېمىتىپ بېرىشمۇ، كۆزنىڭ قۇۋىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئادەت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا بىر قەدەر كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن خېلى ياخشى. ئانا سۈتى يەنە كۆزدىكى ھەر خىل زەخىم ۋە ياللۇغلىنىشلارغا شىپا بولىدۇ.
مەنبە:
www.koktash.com