بۈگۈن بوش ۋاقتىم بولغاچقا كىنوخانىغا بېرىپ ھېلىقى داڭلىق كىنونى يەنى فەتىھ 1453نى كۆرۈپ چىقتىم، كۆرۈشتىن بۇرۇن بىر نەچچە مىليون دوللار ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئىشەنمىگەن ئېدىم، فىلىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن شۇنچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
فىلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: (ھەقىقەتەن كونستىناپول فەتھ قىلىنىدۇ، ئاشۇ فەتھكە قوماندانلىق قىلغان كىشى نېمە دېگەن ئېسىل قوماندان، ئاشۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان قوشۇن نېمە دېگەن ئېسىل قوشۇن.) دېگەن ھەدىسى بىلەن باشلايدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن جىددى ھەربىي تەييارلىققا باشلايدۇ، بىرىنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىچۋازلىق مەشىقى قىلىدۇ.
ئەڭ زامانىۋىيى زەمبىرەكلەرنى ياساش ئۈچۈن كونسىنىتاپول شەھىرىدە ياشاۋاتقان ۋىنگىرىيەلىك ئۇستا ئۇرباننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ.
فاتىھ ئىستانبۇلنى پەقەت ئالالماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە قېتىملىق توقۇنۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن چۈشكۈنلىشىپ بارگاھىدىن چىققىلى ئۇنىمايدۇ، دەل شۇ پەيتتە ئۇستاز ئاق شەمسىدىن يىنىغا كىلىپ ئۇنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ۋە بۇ ئۇۇرشتا چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
شەرقى رىم ئىمپىراتورى ئىستانبۇل قولتۇقىنى زەنجىرلەر بىلەن توسۇپ فاتىھنىڭ ئۇرۇش كېيمىلىرىنى ئۆتكۈزمىگەندىن كېيىن فاتىھ كېمىلەرنى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق يۆتكەيدۇ.
بۇ كىنونىڭ ئاساسى قەھرىمانى فاتىھنىڭ سەپدىشى ھەسەن بولۇپ، فىلىمدە ھەسەن بىلەن ئۇرىيان ئىسىملىك بىر قىزنىڭ مۇھەببىتىمۇ بايان قىلىنىدۇ.