مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1287|ئىنكاس: 30

ئۈژمە كۆڭۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21151
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                           ئۈژمە كۆڭۈل

                                                            ( ھىكايە )

     گۇگۇم پەردىسى ئەتراپقا تەكشى تارالدى ، غەيرەت يول ياقىسىد تۇرۇپ  ئايگۈزەل چىقىدىغان ئائىلە قورۇنىڭ چوڭ دەرۋازاسىنى  يوشۇرۇن كۈزۈتۈپ تۇراتتى ، قورۇنىڭ بۇ يوغان تۆمۈر ئىشىكى ، گاھى ئاجايىپ سىرلىق كۆرۈنسە ، گاھى يىگىتكە تەسەۋۇرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغاتنى تارتۇق قىلىدىغاندەك كۈلۈمسىرەيتتى ، بۇ تومۈر ئىشىكتىن نۇرغۇن ناتونۇش گەۋدىلەر كىرىپ _ چىقىپ تۇراتتى ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ،غەيرەتكە  تونۇش بولغان گەۋدە ئاخىر بۇ ئىشىك ئالدىدا كۆرۈندى ، ئىزغىرىن شامال ئۇنىڭ تونۇش ھىدىنى غەيرەتكە يەتكۈزدى ، غەيرەت زارقىپ كۈتكەن قىز يىنىك قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى ، يىگىت خۇشاللىقتىن قورۇنغاندەك بولدى ، قىزنىڭ لەۋلىرى مىدىرلىدى :
     _ غەيرەت ! ئۆيگە دوسلۇرۇم كىلىپ قالغانتى ، شۇڭا كىلەر شەنبە ..................... _ يىگىتنىڭ تەسەۋۇرىدا قىز سۆزلەۋاتامدۇ ياكى ئاغزىدىن ئۈنچە مەرۋايىت تۆكۈلىۋاتامدۇ بىلمەيلا قالدى .قىزنىڭ ئالدىدا ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگۈدەك جۈرئەت يىگىتتە قالمىدى ، غەيرەت ئۈچۈن ئايگۈزەلنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشمۇ خۇشاللىق بىر ئىش ئىدى .غەيرەت ھەرقىتىم ئايگۈزەلنىڭ يىنىدىن شۇنداق تاتلىق ئازاپلارنى ئىلىپ قايتاتتى .
        _ ئۇنداقتا بوپتۇ ، دوسلىرىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ ، _ يىگىت قىزنىڭ گۈزەل قامىتىگە سۈكۈت بىلەن قاراپ قويدى ، ئوت بولۇپ يانغان يۈرۈگى سۆيۈش ۋە سۆيۈنۈشنىڭ ئۇلۇغلىغىنى كۈيلەپ دۈپۈپلدەيتتى . غەيرەت شادلىغى ۋە كۆڭۈل ئازادىلىگىنى ئىلىپ قالغان بۇ قورۇدىن يىراقلاشتى .
      يىگىت بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى ، ئۇ تاماكىسىنى تازا بىر شورىغاندىن كىيىن  تاماكىنڭ ئىسلىرىنى پۈۋلىگەچ خىيالغا پاتتى . <  بىر تال تابلىتكا دورا بولسا ، ئۇ دورا ئادەمنى بىر ھەپتە ئۇخلاتسا، كىلەر شەنبە بىراقلا كۆز ئاچسام  ياخشى بولاتتى ......... بۇ بىر ھەپتىنى قانداقمۇ ئۆتكۈزەمەن ................... ؟  غەيرەت مۇشۇنداق تىگى يوق خىياللارنى قىلدى ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر ئورۇنسىز خىيال ئىكەنلىگىنى ئۆزىمۇ  بىلەتتى .
        توۋا  !   مۇشۇنداقمۇ توغۇر كەلگەن بارمۇ  ؟ غەيرەت قايسى چاغدا ئايگۈزەلنى ئىزلەپ كەلمىسۇن ، شۇ ۋاقىتتا قىزنىڭ ئىشى چىقىپ قالىدۇ ، غەيرەتكە بېردىغىنى مۇلايىم ئۆتۈنۈشلا خالاس ، غەيرەتمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى ، ئولتۇرۇش ، تانسىلاردا ئايگۈزەلنىڭ يىنىك تىنىقلىرىغا ئازغىنە جۆر بولىدۇ ، ئۈچىنچى قول تانسىغا كەلگەندە ، ئۇ  خۇددى بۇلۇت ئىچىگە سىڭگەن ئايدەك كۆزدىن غايىپ بولىدۇ ، غەيرەت بولسا تاڭسىق ئەمما تاتلىق سىزىم بىردىغان ھېلىىقى ئاق سۈيۈقلۇقنى بولۇشىغا ئىستىمال قىلىپ ، مەست قايتىدۇ ، بەزىدە قايتمايدۇ ، ئۇنداق چاغدا ئايگۈزەلنىڭ ئۆيى بار قورۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق قاراپ تۇردۇ . غەيرەت كۆڭلىدە < ئايگۈزەل  مىنى خىيال قلىۋاتىدۇ ، ياكى بولمىسا يۇمران مەڭزىدىكى زىناقلىرىنى چىقىرىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ > دەپ قىياس قىلىدۇ .
     غەيرەت مۇشۇنداق خىياللار ئىچىدە ئىغىر قەدەملەر بىلەن مىڭپ ، كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلدى ، ئاھ ! خۇدا ، بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى ؟  ئالدىدەرەك تونۇش ئىككى گەۋدە يولنىڭ چىتىدە تۇرۇپ تاكسى ساقلاۋاتاتتى ، غەيرەت  جالاقلاپ تىترەپ كەتى ، ئايگۈزەل يىنىك گەۋدىسىنى يىنىدىكى تەلەيلىك يىگىتگە تاپشۇرغان ھالدا تۇراتتى ، غەيرەت ئايگۈزەلنىڭ يىنىدىكى <تەلەيلىك > يىگىتنىمۇ تونۇدى ، ئۇ غەيرەتنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشى ئادىل ئىدى . غەيرەتنىڭ غەزىپى ئىچىگە پاتماي قالدى ، يۈگرەپ بىرىپ ئايگۈزەلنىڭ كاچىتىغا سالسۇنمۇ ؟ غەيرەت پاكىز قولىنى بۇلغاپ قويغۇسى كەلمىدى ، ئۇ خۇددى بىرسى چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالدى ، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغاندەك كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيلا قالدى ، ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن غەيرەت ئاران ئەسلىگە كەلدى ، ئالدىدىكى ئۇ ئىكەيلەن ئاللاقاچان كىتىپ قالغان ئىدى .
      غەيرەتنىڭ يۈرىگى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كىتىۋاتاتتى ، پۈتۈن بەدىنى سوغۇق تەرلەپ  تىترەپ تۇراتتى ، ئۇ ئىغىر ئۇھ تارىتقان ھالدا تىترەپ تۇرغان پۇتلىرىنى بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن يۆتكەپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى ، شۇنداق كىتىۋىتىپ غەيرەتنڭ كاللىسىدا بىر نۇر يالت قىلىپ چاقنىدى ، ئەشۇ ئۆتكۈر نۇر ئىچىدە مەھەللىسىدىكى رازىيەنىڭ غەمكىن سىماسى پەيدا بولدى ، غەيرەت ھەممىنى سىزىپ تۇراتتى ، رازىيەنڭ مۇڭلۇق  كۆزلىرى ھەر كۈنى غەيرەتنى كۈزۈتۈپ تۇراتتى ، غەيرەت دەسلاپتا ئىرەن قىلمىغان ، كىيىن رازىيەنىڭ كۆز چاناقلىرىنىڭ قىزىرىپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ سەل بىئارام بولغان ، بىراق غەيرەتتە نىمە ئامال بولسۇن ، غەيرەت ھەرقانچە قىلسىمۇ رازىيە ئۈچۈن قەلىب دەرۋازىسى ،ھىچ ئىچىلاي دىمەيتتى ، بىراق بۈگۈنكى ئىشتىن غەيرەت بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى .
         غەيرەت ئايگۈزەلگە قورۇ ئالدىدا قانچە قىتىملاپ تەلمۈرگەن ، رازىيەمۇ  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش غەيرەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تەقەززالىق بىلەن تەلمۈرگەن  ، رازىيە ئۈچۈن يەنە كىملەر ئۇيقۇسىز تەلمۈرۈش ئىچىدە ؟ ئاھ ! سىھىرلىك تۈنلەر ،  تەلمۈرۈشلەر ، غەيرەت ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى .  


                                    مەنبە  :  ئوزۈم   

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 2175 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇڭا قىز دوستۇمنى دوسلۇرۇم بىلەن يالغۇز قويۇپ قويمايمەن بولمىسا.... ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمىزدىن چاتاق چىقىپ قالىدۇ ....

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7667
تۆھپە نۇمۇرى: 1776
توردا: 2215 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپتۇ ... تىرىشىڭ .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4999
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48461
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2090 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 11:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەتنىڭ ئارزۇ -ئۈمىدلىرىنى  سۇغا چىلاپتۇ ئايگۈزەل ئۆزىنىڭ ئۈژمە كۆڭۈللىكى بىلەن،‹‹ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ››دېگەن شۇ -دە....
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،تىلى يېنىك چىقىپتۇ ھېكايىڭىزنىڭ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21151
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2012-3-11 11:58 PM
غەيرەتنىڭ ئارزۇ -ئۈمىدلىرىنى  سۇغا چىلاپتۇ ئايگۈزەل ئۆ ...

  سىزنىڭكىدەك قەلىمىم كۈچلۈك ئەمەس ، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

باشقىلار كۆكتە ئ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 1270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9950
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 2099 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:13:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ يەر شارىنىڭ يۇمىلاق بولغىنىدىن دىرەك بىرەمدۇ ياكى، كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ بۇرجىكى يوقلىقىنىڭ دىرىكىمۇ؟ ھەجەپمۇ بىر ئىشلار بولىدۇ ھە بۇ جاھاندا........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10344
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7739 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا توۋا ...  مۇشۇنداق   بىرسىگە  كۈڭۈل بەرگەندەك قىپ لىكىن باشقىسى بىلەن بۇنداق يۇرگەننى ككرسەم   قىيما قىلۋەتكۇم كىلىدۇ ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئملا سىنى ئازراق توغۇرلاپ قۇيۇڭ ئاچا ...

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:31:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز...

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش