مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 5

ئانام ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76726
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-11 03:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                      ئانام ئۈچۈن

         بەلكىم ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم بېشەم ياش باللارنىڭ تەسىرىدىندۇر،ۋەبەلكىم ئۇزۇن يىل ئانىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئەكبەر ئاغىنەمنىڭ دەرت-ئازابىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدىندۇرمېنىڭ ئانامغا بولغان مېھىر -مۇھەببىتىم ئالاھىدە چوڭقۇر.ئۇنى بۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ھېچقانداق بىرىگە تەڭ قىلمايمەن.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى،ھەتتاكى جېنىم كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن رازى.........
           ھېلىمۇئېسىمدە،مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى،بىر كۈنى ئانام تۇيۇقسىزمەندىن مۇنداق بىر سۇئال سوراپ قالدى:بالام،ئەگەردە داداڭ بىلەن ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەك كىمگە تۇرىسەن؟داداڭغىمۇ ياكى ماڭىمۇ ؟؟ مەن ئىككىلەنمەيلا ساڭا دەپ جاۋاپ بەردىم.ئانام يەنە:بالام مەن بىلەن كەتسەڭ جاپا تارتپ قالىسەن،يەنىلا داداڭ بىلەن قالغىن دېدى.مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم،ئالدىمدا تۇرغىنى ئاناممۇ ياكى باشقا بىرىمۇ ئاڭقىرالمايلاقالدىم،لېكىن بىر كۈچ مېنىڭ دىققىتىمنى يىغدى،مېنىڭ كۆز نۇرلىرىمنى ئانامنىڭ كۆز نۇرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى،ئۇنىڭ كۆز نۇرلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.شۇندىلا مەن قەتئي نىيەت
بىلەن:سەن بىلەن كېتىمەن،مەيلى بېشىمغا قانداق كۈلپەتلەر كەلسۇن سەن بىلەن كېتىمەن،سېنى ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمەن،دىۋانچىلىق قىلىپ بولسىمۇ سېنىڭ ئۈستىۋېشىڭغا توپا قوندۇرمايمەن دېدىم.شۇ چاغدا ئانام مېنى قاتتىق باغرىغا باستى ۋە ئىللىق قوۋزىنى قوۋزىمغا ياقتى،بۇ خىل راھەتنى تاكى ھازىرغىچە ئۇنۇتمۇدۇم ھەم ئۇنتۇشۇممۇ مومكىن ئەمەس،ئۇ مېنىڭ ئەڭ قەدىردان ئادىمىم ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغات،ئۇنىڭ بۇ سوۋغىتى ماڭائىككى ئۆمۈرھەمرا........
           يەنەبىر ئىشمۇ ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئۇ ئىشنى ئويلىسام يۈرۈگۈم ياغقا چۈشكەن گۆشتەك پژىلداپ كېتىدۇ
قاتتىق پىژقىرىم ئىسسىق كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى،ئۇ كۈنلەردە ئانامنىڭ كېسىلى كەينى- كەينىدىن قوزغىلىپ ئىش قىلغۇدەك مادارى قالمىغاندى.دادام بولسا باشقا ئىشلار بىلەن ھەلەك ئىدى.ئېتىز- ئېرىقلارنى ئوتاش ئاچام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىدى.ئۇ كۈنى ئىككىمىز ئىسسىق بولىشىغا قارىماي باياۋان
-دىكى ئېتىزلارنى ئوتاشقا باردۇق.كۆڭلۈمدە:بارلىق ئىشلارنى قىلىۋەتسەك ئانام بىر مەزگىل بولسىمۇ ئارام-خۇداياتار دەپ ئويلىدىم،شۇڭلاشقا ئاچامنىڭ نەچچە قېتىم قايتىپ كېتىپ ئارام ئېلىش تەلىپى قۇلىقىمغا كىرمىدى.ئىسسىقنى ئىسسىق دىمەي ھارغۇچە ئىشلىدىم.ئاخىرى كۆزلىگەن نىشانىمغا يەتتىم،لېكىن نىمىشقىدۇ
ئىچىم ئوت كەتكەندەك قىزىپ كېتىۋاتاتتى،شۇڭا ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ قانغۇچە سۇغا چۈمۈلۈپ ئۆيگە قايىت
-تىم.ئۆيگە بارغاندىن كىيىن ئۇ ئوت ئۆچەي دىمەي بارغانسىرى كۈچىيىپ باراتتى،كۆزۈمنى ئاچقۇدەك مادار
ىممۇ قالمىغان ئىدى. ھەر كۆزۈمنى يۇمسام ھەرخىل غەلىتە ئادەملەرنى كۆرەتتىم،ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئېلىش كويىدا ئىدى.ئانام مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ بېشىمنى پۇتىغا قويۇپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئانامنىڭ كۆز يېشى قىلغىننى كۆرۈپ يۈرۈگۈم تېخىمۇ ئىزىلدى.مەن ئاران مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭغا:ئانا ئەگەرمەن ئۆلۈپ كەتسەم ھەرگىز كۆز-يېشى قىلما،سېنىڭ يەنە ئىكى بالاڭ بارغۇ،ئەگەر كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم ئۇ دۇنيادىمۇ ئامان- ئېسەن يااتالمايمەن دېدىم.ئانام:بالام، ھەر گۈلنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى بولىدۇ دىگەچ زورىدىن-زورىغا كۆز يېشىنى توختاتتى.خۇدايىمنىڭ شاپائىتى بىلەن ئۇ كېسەلدىنمۇ قۇتۇلدۇم.
          زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدىرىنى بىلمەس؛ئاغرىپ قالمىغان كىشى ،ئاغرىق ئازابىنى بىلمەس؛ئانامنىڭ سانسىز كېچىلەر مېنى سېزىپ ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ ئاغزىنى قولىدا توسىۋېلىپ ئاغرىق ئازابىدا تولغۇنىشلىرىنى،زادىلا چىداپ بولالمىغاندا قوچقارلار ئۆز-ئارا ئۈسسۈشكەندەك باشلىرىنى تامغا سوقىشنى كاپاملاپ-كاپاملاپ دورا يىسىمۇ باش ئاغرىقىنى توختىتالماي ،كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ كۆينەكلىرىنى يىرتىپ تىتما -تىتما قىلىۋەتكەندىكى ئاغرىق ئازابىنى بىر ئۆزى،بەنە بىرى ئاللاھ بىلىدۇ.ئۇنداق كۈنلەردە مەنمۇ ئۇخلىمايىتتىم ئۇ ياش تۆكسە مەنمۇ ياش تۆكەتتىم،ئۇ ئازاپلانسا مەنمۇ ئازاپلىناتتىم.ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ چىدالماي قالغىنىمدا:ئانا ،يەنە بىر تال ئاغرىق توختىشىش دورىسى يەپ باقامسەن؟ ئانا بېشىڭنى تۇتايمۇ؟ پۇت-قولۇڭنى تۇتايمۇ؟؟دەپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئەگىپ يۈرەتتىم.بۇنداق چاغلاردا يەنە بىر ئازاپ مېنى تېخىمۇقاتتىق ئازاپلايىتتى.ئانام بۇ تەرەپتە ۋايجان دەپ جان قويغىلى يەر تاپالماي تۇرسا ئۇ تەرەپتە ئۈنلۈك خوررەك ئاۋازى مېنى بىئارام قىلاتتى.كۆڭلۈمدە:سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش بالا ،ھەم ئۆينىڭ تۈۋرىكى دادا بولغاندىكىن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭلار كېرەك ئىدىغۇ؟؟ دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە خىتاپ قىلاتتىم.
  ئامال بولمىغاندا كۆز يېشى ئارقىلىق بۇ قاتمۇ-قات ئازابلىرىمنى يەڭگىللىتەتتىم. مېنىڭمۇ بۇ ئازابلىرىمنى بىر ئاللاھ يەنە بىرى ئۆزۈم بىلەتتىم.
           بەلكىم مەن مەن دىمەتلىك بالىلار ئىچىدە ئەڭ مىسكىن،ئەڭ يىغلاڭغۇ بىرىدۇرمەن.مەن ئويلايمەن مېنىڭ كۆز ياشلىرىم بىكارغا كەتمەيدۇ.مەن رىئال تۇرمۇشىمدىلا يىغلاپ قالماستىن چۈشۈمدىمۇ نەچچە رەت يىغلىدىم.بولۇپمۇ نەچچە كۈن بۇرۇن چۈشۈمدە يىغلىغان يىغام ئەمىلىيەتتىن ئېشىپ كەتتى،يىغائاۋازىم پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئويغىتىۋېتىپتۇ،ئۆزۈممۇ ئويغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى توختىتىۋالالماي بىر ھازا يىغلىدىم.چۈشۈمدە:
نەچچە يىل ئاغرىق ئازابىدا قىينالغان،مېنى يىمەي- يىگۈزۈپ ،كىيمەي-كىيگۈزۈپ،ئۆزىدىنمۇ ئەتىۋارلاپ مېنى ئوقۇتقان ئانام ئەمدىلا مېنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىمنى كۆرىدىغان چاغدا ئۆلۈم گىرداۋىغا بېرىپ قالغۇدەك.مەن بېشىمنى ئۇنىڭ باغرىغا قويۇپ زار-زار يىغلاپ ئاللاھتىن ئۆتۈنگىدەكمەن:                                                      
                        
  ئوتقا كىر دىسەڭ ئوتقىمۇ كىرەي،
       مەيلى مەن ئۇنىڭچۈن تاغ-  داۋان كېزەي.                                                                     
   ھەتتاكى ئىسسىق جېنىمدىن كېچەي،
     ئانامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىل ئاللاھ.
                                                                  
         
ھېچ بىر سادا كەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگىدەكمەن:ئېھ مېھىر-شەپقەتلىك،قۇدىرەتلىك ئاللاھ ،مېنىڭ ئانامنىڭ كەينىدە قېلىپ ئانىسىز كۈنلەرنى كەچۈرگۈم يوق،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە مىڭ مەرتىۋە رازى،ئۇنىڭ سۈيىدە ئېقىشنى،ئوتىدا كۆيۈشنى خالايمەن !  دىگۈدەكمەن.لېكىن يەنىلا ھېچبىر سادا كەلمىگەندىن كىيىن ئۆزۈمنى قانداق ئۆلتۈرۈپ ئانام بىلەن بىللە كېتىش توغرىسىدا ئويلانغۇدەكمەن:دورا ئىچىپ
ئۆلىۋالايمۇياكى ئېسىلىپ ئۆلىۋالايمۇ ۋەياكى بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالايمۇ؟؟؟..ئۇچاغدىكى كۆز-ياشلىرىم پۈتۈن
ياستۇقنى چىلىق-چىلىق ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.يىغلاۋېرىپ ئۈنۈممۇ پۈتۈپ قالغىلى تاسلا قالغان ئىدى. خۇداغا مىڭ شۈكرى،ئۇ پەقەت بىر قاباھاتلىك چۈشلا بولۇپ قالدى خالاس.                                                                 
        كونىلار دىگەن:سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپ.ئاللاھ مېنىڭ ئانام ئۈچۈن قىلغان سانسىزلىغان دۇئالىرىمنى،يامغۇركەبى ياغقان كۆز ياشلىرىمنى يەردە قويمىدى.ئانامغا سالامەتلىك ئاتا قىلدى. مەن داۋاملىق داۋاملىق دۇئا قىلىمەن،داۋاملىق يىغلايمەن تاكى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىم توختاپ قالغۇچە.ئانام ئۈچۈن يىغلاپ كۆز نۇرۇمدىن ئايرىلىشقا مەن رازى...                                                                                                      
          ئېھ مېھىر-شەپقەتلىك ئاللاھ،ماڭا ئوخشاش ئانىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆتۈرگەن قوللارنىڭ ئەجىرىگە چۇشلۇق ئىنئام ئاتا قىلغىن......
     
  
                                                          مەنبە:بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم
                                       
                                                          ئاپتۇرى:ۋاسىتجان




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-12 12:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 12:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دۇنيادا ئاللاھتىن قالسىلا ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ،ئانا مىھرىگە ھىچقانداق نەرسە يەتمەيدۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!!

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 06:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەنىم بولسا چۈشكەن

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76726
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 06:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13849
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10460
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
padiqiyeget يوللىغان ۋاقتى  2012-3-12 12:57 PM
راس دۇنيادا ئاللاھتىن قالسىلا ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ،ئانا مىھ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىندىشىم ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ، ئانىلارنى قانچىلىك تەرىپلىسەك ئەرزىيدۇ. لېكىن شۇنى ئۇنتۇماڭكى ئانىلار ھەرگىزمۇ ئالللاھتىن قالسىلا ئۇلۇغ ئىنسانلار ئەمەس، تەرىپلىدىم دەپ چەكتىن ئاشۇرۇپ خاتالىشىپ قالساق بولماس،لېكىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن. مېنىڭ پىكرىمنى ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ. قارايدىغان بولساقمۇ دۇنيادا تۇغۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئانىلارمۇ يوق ئەمەس، بالا تۇغالىغانغىلا ئۇلۇغ ئانا بولۇپ كەتسە ئۇلۇغلۇقنىڭ نە ئەتىۋارى قالىدۇ؟ دىمەكچى بولغىنىم تۇغقان بالىسىنى ئۆز قەۋمىگە ياراملىق،ئەقىدە ئېتىقادلىق ھەقىقىي ئىنسان قىلىپ تەربىيلىيەلىگەن ئانىلارلا ئۇلۇغلاشقائەرزىيدۇ. ئويلىنىپ باقارسىز ، رەھمەت. ئامان بولۇڭ.

ئاللاھ بىزلەرنى ئىماندا بەر قارار قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13849
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10460
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تېمىنى يوللىغان قېرىندىشىم، بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم، گويا سىزنىڭ مېھىر -مۇھەببەتلىك، ئوتلۇق يۈرىكىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئانىڭىزغا بولغان ۋاپادارلىقىڭىزغا، كۆيۈچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن. ئاللاھ ئاشۇ مېھرىبان ئانىڭىزنى تېنىگە سالامەتلىك، ئىمانىغا مۇستەھكەملىك ئاتا قىلغاي. سىزنىڭ ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە سائادەت تىلەيمەن. ئاللاھ قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت بەرسۇن. خەير ئامان بولۇڭ، ئاللاھقا ئامانەت.

ئاللاھ بىزلەرنى ئىماندا بەر قارار قىلسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش