تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى رىشتكە ياردەم قولىمزنى سۇنايلى
مۇراجەتنامە
پەيزاۋات ناھىيلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق4-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان ۋە ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز ئابدۇۋەلى رىشىت يېىقىندا ‹‹ئاق قان كېسلى››دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ ھازىرشىنجاڭ تىببى ئونۋىرستىتى قارمقدىكى 1-دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
ئابدۇۋەلى رىشىتنى داۋالىتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 300،000(ئۈچ يۈزمىڭ يۈۋەن)ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغان بولۇپ،پەقەت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكۈزۈپ كېلۋاتقان،ئازغىنە تېرىلغۇ يەر كىرىمدىن باشىقا كىرىم مەنبەسى يوق رىشت ئاكا ئۈچۈن ئۇنىچۋالا كۆپ پۇلنى غەملەش پەرزەنىت ئىشقىداكۆيۈۋاتىقان رىشت ئاكىنڭ يەلكىسگە ئېغىر غەملەرنى يۈكلىمەكتە….
كېسەل كارۋىتىدا ئازاپىلىق تولغىنپ تۈرلۈك داۋالاشىلارنى قوبۇل قىلۋاتىقان ئابدۇۋەلى ئەمدىلا 17ياشىنىڭ قارىسىنى ئالغان،گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭىلگە پۈككەن،نۇرلۇق ئالەمىنڭ يورۇقىغا،مېھرى ئوتلۇق يارۇ-بۇرادەرلىرنىڭ قېرنىداشىلق مېھرىگە،قۇياشىنىڭ ئىللىق تەپىتىگە،مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنڭ مېھرلىك باغرىغا،بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ بىر ناننى تالىشىپ يېيىشكەن بىغۇبار،ئاقىكۆڭۈل ساۋاقداشىلىرىنىڭ دوسىتلۇق مېھىرىگە،كېلەچەكىنڭ گۈزەل تېڭىغا،ھاياتىنڭ تاتىلىق ۋە قايناق باغىرىغا تېخى قانىمغان بىر غەمىسز قېرىندىشىمز ئىدى.
دۇنيادا مېھرى-مۇھەببەتلا بۇلىدىكەن،يەڭگلى بولمايدىغان قېينچىلىق يوق.قېرىندىشمىز ئابدۇۋەلىنى ئىللق جەمئىيەت قويىنغا،ئاتا-ئانىسىنڭ مېھرلىك باغرىغا،مۇھاببەت رىشتى باغلانغان سىنپقا،ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولىۋاتقان،ئۇنى سېغنىۋاتقان ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشىلىرىنڭ يېنىغا،ئىللىق جەمئىيەت قويىنغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ مېھر-شەپقەتلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ بۇ ئۈمۈدلىك ياشىنڭ ھاياتىغا ئۈمۈد ئاتا قىلىشىنى تىلەيىمىز….
ھۆرمەتلىك قېرىنداشىلار،ھەمىمز پەقەت بىر ۋاقلىق تۇرمۇش ئىستمالىمزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرقېتىملىق ئورۇنىسىز چىقمىلىرىمىزنىڭ مېھرىدىن كېىچپ، كۆڭۈل ئازادىلكى ۋە مېھرى-مۇھەببىتىمز مۇجەسىسەم بولغاز ئازغىنە كۆڭىلىمىزنى بۇقېرىندىشمىزغا سۇنايلى.شۇنى يۈركىمز تۇيسۇنىكى،ئابدۇۋەلىنى پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشلەرنىڭ قەلىبدىكى مېھرى-مۇھەببەتىلا قۇتقۇزالايدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنڭ :بىر يۈەن پۇلدىمۇ ئالەمچە سۆيگۈ،مېھرى-مۇھەببەت بار!!!...