مۇھەببەت لىرىكىلىرىم
ئەي ئىنسان! ياق ياق ئادەم قىلىپىدىن چىققان ھايۋان مەن ئىسىڭدىمۇ ؟
سىنى شۇنچىلىك قەدىرلىگەن ، سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن ، سىنى شۇنچىلىك سۆيگەن ،بىراق سىنىڭ ئالدىڭدا غازاڭچىلىكمۇ قەدرى بولمىغان ، مەن ئىسىڭدىمۇ؟! توۋا؟! ئەشۇ نادان ۋاقىتلىرىمدا سىنى شۇنچىلىك سۆيەتتىم،سىنى شۇنچىلىك قەدىرلەيتىم، بىراق ئاقىۋەتتە ئىرىشكىنىم سىنىڭ پاك سۆيگۈڭ بولماستىن بەلكى سىنىڭ ساختا مۇھەببىتىڭ يالغان سۆزلىرىڭ ،ساتقىنلىقىڭ بولدى!!
مۇھەببەت؟ نىمە؟ نىمە دىدىڭ؟ كۆپ يىللار ئۆتتى بۇ يىللاردا مۇھەببەت دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم نىمىدىگەن پاساھەتلىك نىمىدىگەن يىقىملىق سۆز ھە بۇ !!! سەن مىنى قايتىدىن مۇھەببەتكە ئىرشتۈردىڭ مىنى ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسىغا ئەككىردىڭ مەن يوقاتقان نەرسىنى ماڭا قايتا ئاتا قىلدىڭ!! رەھمەت ساڭا لىكىن كەچۈر مەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭنى قوبۇل قىلالمايمەن چۈنكى ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇردى، بۇلارنى ساقايتىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ!!
ھا ھا ھا ھا ياق ياق بولدى بولدى قوغلىمىغىنا ماقۇل ماقۇل مەن بۇندىن كىيىن ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن كەچۈرىۋەتكىنا ھا ھا ھا ھا مەن ناھايىتى خۇشال ئىدىم ھەممىنى ئۇنتىغان ئىدىم بىزنىڭ دوسلىقىمىز ماڭا كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلدى سىنى بارا بارا چۈشىنىشكە باشلىدىم ھەتتا بەزىدە خىيالىمدىن نىرى كەتمەيتىڭ سەن مىنى نۇرغۇنلىغان ئۇيقۇسىز كىچىلەرگە مۇپتىلا قىلدىڭ مانا !! كىيىن مەنمۇ سىنى مىنىڭ دۇنيارىمغا باشلاپ كىردىم ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم
كۈنلىرىمىز ناھايىتى خۇشال ئۆتەتتى سەن بىلەن بىرگە بولسام ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتەتتى ھەممىنى ئۇنتاتتىم!! ئەسلىدە مۇھەببەت 2 ئادەمنىڭ ئىشى ئىكەن مەيلى سەن قانچىلىك بەدەل تۆلە ئۇ بەدەل تۆلىمىسە يەنىلا بىكار ئىكەن ئەمەسمۇ!!؟؟ ( قەدىرلىگىم قەدىرلىگىن قەدرىڭنى قىلغان قەدىرلىكنى) مەنبەسى: ئۆزۈم 2012.3.10 كەچ 11:20
بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم لىرىكىلىق ئەسەر يىزىشىم چوقۇم نۇرغۇن كەم يەرلىرى بار مۇنبەرداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ بىرىشىنى سورايمەن ! زاڭلىق قىلماڭلار جۇمۇ! ھى ھى !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Roman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-11 03:21 PM
|