قۇربانلىق بېرىشنى بىلەمسىز ؟
مەن ئەمدىلا ئىسىمنى بىلگەن چاغلار بولسا كېرەك ، ئاتا - ئانام ھەر دائىم دىگۈدەك جىدەللىشەتتى .
كۈن ھەپتە قوغلاشتى ، ھەپتە ئاي قوغلاشتى ، ئاي يىللارنى قوغلاشتى ،يىللار شۇ تەرەقىدە ئۈتىۋەردى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن خېلىلا چوڭ بۇلۇپ ئاق قارىنى پەرىق ئىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
بىر كۈنى ئاتا- ئانام يەنە جىدەللەشتى ، مەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاتامنى تۇختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋارقىردىم - ۋاي بولدى قىلىڭلار نىمانداق ئۇرۇش جىدەل تۈگىمەيدۇ بۇ ئۆيدە مەن ئىسىمنى بىلگەن چاغدىن تارتىپ تاھازىرغا قەدەر جىدەللىشىپ كىلىۋاتىسىلەر نىمە سەۋەپ بار زادى بىلگۈم بار قىنى دەپ بەرگىنە ؟ بۇنى ئاڭلىغان
ئاتا - ئانام جىدەلدىن تۇختام مەن سورىغان سۇئالغا جاۋاپ ئىزلىدى بولغاي جىمىپلا كەتتى .
مەن ئاستا ئانامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئانا - ساڭا نىمە جاپا مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ جىدەللىشىپ كىلىۋاتىسىلە ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە 3 بالىنى قاتارغا قۇشۇپ چوڭ قىپسىلە ، بىز كىچىك چىغىمىزدىلا ئاجرىشىپ كەتسەڭلا بولماسمىدى دىدىم .
ئانام بىردەم تۇرۇپ كىتىپ - مەن ئۇنىمۇ ئويلىغان ئاجرىشىپ كەتسەم سىلە قانداق قىلاتتىڭلا قاراپ تۇرۇپ سىلەرنى تىرىك يىتىم قىلەرمەنمۇ يەنە تىخى ھەر بىرىڭلا بىر-بىرىڭلاردىن چىرايلىق ھەم سۇيۇملۈك ، ئۇماق، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ياش پەرقىڭلا ئاران بىر يېرىم ياش پەرىق قىلىدۇ بالىلىرىم ! سىلەرگە قارا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ شۇ ! ئاتا - ئانا دىگەن پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا قۇربانلىق بېرىش كېرەك .
ۋاي قۇيە قۇربانلىقىڭنى نىمە جاپا دەيمەن ساڭا بولدى قىلە ........................................................................
مەن ئاخىرى تۇلۇق ئۇتتۇر مەكتەپنى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم .
مەن ئاشۇ ئالى مەكتەپكە ماڭغان كۈنىدىن تارتىپ ئاتا - ئانام جىدەللىشىشتىن تۇختىدى .
نىمە سەۋەپ بولدى ؟ ھەنىلا شۇ قۇربان بېرىش ( قىزىمىز ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىدۇ ئۇنۇڭ ياخشى ئۇقۇپ كەلگۈسىدە ئەلا نەتىجە ئىلىپ كىلىشى ئۈچۈن ) ....................................................
مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ، خىزمەتكىمۇ چىقتىم ، تۇرمۇشمۇ قۇردۇم ئانامنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن ماڭىمۇ ئەينەن كەلدى < كالىنىڭ بىشىغا كەلگىنى ، موزاينىڭكىگىمۇ كەلدى > دىگەندەك مەنمۇ دەل شۇ چاغدا بۇ قۇربان بېرىشنىڭ تىگىە يەتكەندەك بولدۇم . ئاتا - ئانىلار ھەر دائىم پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن .........................
سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق ،
ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن .
خاتا كەنكەن جايلىرى بولسا تۈزۈتىش بېرەرسىلە :
مەنبەسى : ماتىريالىم