|
|
|
|
بىرى ساختا بۇلسا ئوننى تۇلەيمىز
بىرى ساختا بۇلسا ئوننى تۆلەيمىز دىگەن ۋەدە قانۇنى كۇچكە ئىگىمۇ؟ ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇنىنىڭ 49- ماددىسىدا ئىستىمالچىلارنى ئالدىغان تىجارەتچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە " تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمنلەشتە ئالدامچىلىق قىلمىشى بۇلسا ،ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بۇيىنچە زىياننى ھەسسىلەپ تۇلەپ بىرىشى كىرەك.كوپەيتىپ تۇلەپ بىرلىدىغان سۇمما ئىستىمالچلار سىتىۋالغان تاۋارنىڭ باھاسى ياكى قۇبۇل قىلغان مۇلازىمەت بىر ھەسسىگە باراۋەر بۇلىدۇ." دەپ بەلگىلەنگەن .نۇرغۇن كىشىلەر ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇننىڭ 49-ماددىسىدىكى بۇ بەلگىلىمە تىجارەتچىلەرنىڭ تۇلەم جاۋاپكارلىقىنىڭ يۇقىرى چىكى دەپ قارايدۇ.لىكىن ئەمىليەتتە ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە تۇختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش خاراكتىېردىكى بىرى بەلگىىلىمە بۇلۇپ ،ئۇنىڭ مەقسىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرى ۋاقىتتا ،ئۇ ئەڭ تۇۋەن چەكتىى بىر خىل قۇغداش بەلگىلىمىسىدىن ئىبارەت .ئەگەر ئالاقدارلار تۇختامدا پۇتۇشكەن تۇختامدىكى تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداشقا تىخىمۇ پايدىلىق بۇلسا ئالاقىدارلار شۇ پۇتۇشكەن ماددىنى تەدبىقلاش كىرەك.دۇلەت سۇدا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ " ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىگە چىقىلىش قىلمىشلىرنى بىرتەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە بەلگىلىمە" نىڭ 1-ماددىسدا ' " تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستىمالچىلار ئۇتتۇرسىدا پۇتۇم بۇلسا ياكى تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارغا ۋەدە قىلغان بۇلسا ،پۇتۇم ياكى ۋەدە مەزمۇنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداشقا پايدىلىق بۇلۇپ ھەمدە قانۇن نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىسىدن قاتتىق بۇلسا ،پۇتۇم ياكى ۋەدە بۇيىنچە ئىش قىلىش، پۇتۇم ياكى ۋەدە ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداشقا پايدىسىز بۇلسا ھەمدە قانۇن نىزاملاردكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە قانۇن نىزام بۇيىنچە ئىجرا قىلىش كىرەك" دىيلگەن . بۇنىڭدىن قارىغاندا بىرى ساختا بۇلسا ئۇننى تۇلەيمىز دىگەن ۋەدە قانۇنلۇق ۋە كۇچكە ئىگە .تۇختا م قانۇنىنىڭ 4- ماددىسدا تۇختام تۇزۇشكىچىلەر ئۇز ئىختىيارى بىلەن تۇختام تۇزۇش ھۇقۇقىدىن قانۇن بۇيىنچە بەھرىمەن بۇلىدۇ.ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ قانۇنسىز ئارلىشىشىغا يۇل قۇيۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن .بىرى ساختا بۇلسا ئۇننى تۇلەيمىز دىگەن ۋەدە تىجارەتچىلەرنىڭ سىتىشنى تىزلىتىشتكى بىر خىل ۋاستىسى بۇلۇپ ،بۇ ۋەدىنى تىجارەتچىلەر ئۇز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگەن بۇلىدۇ.ئىستىمالچىلار مەجبۇرلىغان ئەمەس.شۇڭا بۇنى بىز تىجارەتچىلەرنىڭ ھەقىقى مەقسىتى دەپ قارايمىز.تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ خىل ۋەدە بىرىشتكى مەقسىتى ئىستىمالچىلار بىلەن سىتىش سىتۋىلىش توختامى تۇزۇشتىن ئىبارەت.بىرى ساختا بۇلسا ئۇننى تۇلەيمىز دىگەن گەپ ئىستىمالچى بىلەن سۇدىگەر ئۇتتۇرسىدكى سىتىش سىتىۋىلىش تۇختامىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھىساپلىنىدو.تۇختام قانۇنىنىڭ 8-ماددىسدا «قانۇن بۇيىنچە تۇزۇلگەن تۇختام ئالاقىدارلار ئۇچۇن قانۇنى چەكلەش كۇچىكە ئىگە .ئالاقىدارلار پۇتۇشكىنى بۇينچە ئۇز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلشى ،تۇختامنى ئۇز مەيلىچە ئۇزگەرىتمەسلىگى ياكى بىكار قىلىۋەتمەسلىگى كىرەك.قانۇن بۇيىنچە تۇزۇلگەن تۇختام قانۇن تەرەپىدىن قۇغدىلىدۇ.» دىيىلگەن.بەزىلەر بىز بەرسە سىتىۋالساق تۇختام تۇزمەيدىغان تۇرساق دىيىشى مۇمكىن .سىزنىڭ شۇ سۇدا سارايدىن نەرسە سىتۋىلىىپ تالۇن ئىلىشىڭىز سىز بىلەن سۇدىگەرنىڭ سىتىش سىتۋىلىش تۇختامى تۇزگەنلىگىنى كۇرسىتدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن مال سىتلىۋالغاندا ئامال بار ئۇلچەملىك تالۇن ئىلىش ،تالۇنغا تامغا بىسىلىشى (ئىمزا قۇيۇلىىشى) كىرەك . بەزى سۇدا سارايلار سۇدىگەرلەر تالۇن بىرىشنى رەت قىلدۇ،بۇنداق قىلىشتكى مەقسەت باجدىن قىچىش ،ۋە مالدىكى سۇپەت مەسىلىسگە كىيىن ئىگە بۇلماسلىقنى كۇزدە تۇتقان بۇلىدۇ.شۇڭا ئىستىمالچىلار مال سىتىۋالغاندا چۇقۇم تالۇن ئىلىشى كىرەك .بۇ دۇلەتنىڭ باج كىرىمىگە ۋە ئۇزىڭىزنىڭ ئىستىمال ھۇقۇقىڭىزنىڭ قۇغدىلىشىغا پايدىلىق . شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنىدىن بەختىيار ئادۇۋكات 2012- يىلى 3-ئايننىڭ 11-كۇنى دۇنيا ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش كۇنى تەشۋىقاتى قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854 چ چ 1471561935
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-11 07:19 PM
|
|
|
|
|
|