ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولغان خېرىدارلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە Windows8 كۆرۈنمە يۈزىنى ياساشنى پىلانلاۋاتىمىز.
ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزنىڭ توغرا تەرجىمە قىلىنىشى ۋە كەڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە يېقىشى ئۈچۈن، سىزنى Win8 ئۇيغۇرچە سېستىمىسىنڭ كەسپىي ئاتالغۇ سۆھبەت مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز .
ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىڭىزدا توردا ئەھۋال ئىگەللەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ (ئۇلىنىش ئادرېسى تۆۋەندە) قىمەتلىك پىكىر -تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماي بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ خەتنى ئۆپ-چۆرىڭىزدىكى ئۇيغۇر دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز .
Winwdows8 ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە توربەت ئۇلىنىشى
سېستىمىسى مېنىڭ تىلىمدا سۆزلەمدۇ؟ ئويلىغىنىڭىزنى ئېلىپ كىلىڭ، بىللە جاۋاپ ئىزدەيلى.
سىزنى مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئاچقان windows8 سېستىمىسى ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز
ئىنتايىن ئاددىي!
تىزىم تەرتىپىگە ئاساسەن، ئاتالغۇلارنىڭ ئېسىڭىزگە ئېلىش بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن تەكلىپ (يەنى قويۇلغان ناملار) كە پىكىر بېرىسىز ياكى بىلەت تاشلايسىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى بايان قىلىسىز.
كېلىپ بىلەت تاشلاشنى ئۇنۇتماڭ! نېمىشقا كېيىنرەك قوشۇلغان تەكلىپلەرگە بىلەت تاشلاپ باقمايسىز؟
ۋاقتى؟
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە
مۇشۇ ئارىلىقتىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا سىزنىڭ تەكلىپىڭىز ۋە بىلەت تاشلىشىڭىزنى قوبۇل قىلىمىز.
قانداق قىلىمەن؟
3 ئاسان مەشغۇلات
1. بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ، تىزىملىتىسىز ۋە كىرىسىز. (
Uyghur MTCF (
http://www.microsoft.com/Languag ... 2249&cult=fa-IR)
2. Glossary (سۆزلۈك) نى چېكىپ، ئەسلى ئېنگلىزچە سۆزلەر ۋە بىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر (ئۇيغۇرچە ناملار) نى كۆرىسىز، يەنە بىرقىسىم مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرەلەيسىز.
3. نام ئاتالغۇلارنى قايتا كۆرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەرجىمىگە بىلەت تاشلىسىڭىز، باھالىسىڭىز، ياكى يېڭى تەكلىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ۋەياكى بىۋاستە بىلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە:
http://www.intil.biz/home/thread-9085-1-1.html