كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ماڭا تېلىفۇن ئۇرغىنىڭىزدا ،قارشى تەرەپنىڭ تېلىفونىنىڭ ئېتىكلىك ئۇچۇرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا،ماڭا ئازاپلانماسلىققا ،ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە ،مېنى سېغىنماسلىققا ۋەدە بېرىڭ .ئەڭ مۇھىمى مېنىڭدەك بىرسىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىمەڭ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،سىزنىڭ تېلىفونىڭىز توختاۋسىز سايرىمىغىنىدا ،مەندىن تېلىفون كېلىشىنى كۈتمەڭ ھەم ساقلىماڭ ،مېنى ئىزدەپ تېپىشنىمۇ ئەسلا ئويلىماڭ .چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ،مەن خاتىرجەم ھالدا سىزدىن ئايرىلىپ كېتەلەيمەن .
ئەمدى ھېچكىم قۇلاق تۈۋىڭىزدە بىزار بولدۇم ، ئۆچ بولدۇم دېمەيدۇ ، ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىپ جاھىللىق قىلمايدۇ .ئەمدى ھېچكىم سىزگە قوپاللىق قىلىپ ئاچچىقلانمايدۇ ،تېلىفوننى مەن سىزدىن بۇرۇن قويىۋىتىمەن ،مەن قويماي تۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق دەپ ئۇششۇقلۇق قىلمايدۇ ،ئۇنى- بۇنى باھانە قىلىپ تېلىفون قويۇشقا ئۇنىماسلىق پەقەت ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ . مانا بۇ مەن ، مەن غايىپ بولسام ،مېنى سېغىنامسىز ؟
ئەمدى تېلىفونىڭىزنىڭ ئۇچۇر ساندۇقىدا سىزگە خوشاللىقىنى ،قايغۇ-نەپرىتىنى سىز بىلەن تەڭ بەھرىمان قىلغان ئۇچۇرلارنى قايتا كۆرەلمەيسىز .سىز بىلەن كۆرىشىدىغانغا ئاز قالدى دەپ ئەركىلىگەن ،ئۇچۇر قايتۇرمىغاندا ماڭا نېمىشقا گەپ قىلمايسىز دەپ باتنىغان ئۇچۇرلارنى كۆرەلمەيسىز .مەندىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ئازاپلىنامسىز ؟
ئەمدى ھېچكىم سىزنىڭ يولىڭىزغا ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۈرمەيدۇ ،خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن مۇۋاپىق تېلىفون قىلىش ۋاقتىنى ساقلىمايدۇ .ئەگەر مەن يىراقلارغا كەتسەم ،مېنى ئەسلەرسىزمۇ ؟
لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە راست شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ،مەن سىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئازاپلىنىشىڭىزنى ،مەيۈسلىنىشىڭىزنى ،مېنى سېغىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .ماڭا ئائىت ئەسلىمىلىرىڭىزدىن كىچىككىنە بولسىمۇ ،پەقەت ۋە پەقەت كىچىككىنە بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،كومپىيوتېرنى ئاچقىنىڭىزدا ،مېنىڭ چ چ باش سۈرىتىم مەڭگۈ كۈلرەڭ ھالىتىدە . مېنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دېمەڭ ،مەن چارچىدىم ،ھارغىنلىق ھېس قىلدىم ،كۆڭلۈم ئازار يېدى .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،مەن تۇرمۇشىڭىزدىن غايىپ بولىمەن .مېنىڭ ياخشىلىقىمنى ،جاھىللىقىمنى ؛ كەڭ قورساقلىقىمنى ،كۈيۈمچانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ .كىچىك بالىلاردەك قىلغان گەپلىرىمنى ۋە بەزىدە ساراڭلارچە قىلغان تەلۋىلىكىمنى ،ئازاپلانغاندا تۆككەن ياشلىرىمنى،نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئۇف تارتقانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ .ۋە لېكىن شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭكى ،بىز باشقا -باشقا يەرلەردە بولساقمۇ ، ئۈستىمىزدە ئورتاق بىر كۆك ئاسمان ،ئاستىمىزدە ئورتاق يېشىللىق، ئوخشاش ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپتىمىز .بەلكىم بۇ يەردىن ئۆزىڭىزگە تەۋە خۇشبۇي ھىدلاردىن ھۇزۇرلىنارسىز .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،مەن خاتىرە بەتلىرىڭىزدىن غايىپ بولىمەن . بىز بىرگە خوشال ئۆتكۈزگەن ھەر مىنۇت ھەر دەقىقىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ .مېنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ،نېمىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىمنى ،نېمىنىڭ بەخت نېمىنىڭ ئازاپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ئەلۋەتتە مەنمۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئەسلىمىلەرنى يۈتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن . مۇھەببەت دۈنياسىدا باراۋەرلىك بولمايدۇ ،مەن بۇلارنى زىغىرلاپ كەتمەيمەن ،بىز بىرگە بولغان ئاشۇ ۋاقىتلار ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلاردۇر .سىزنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭىز نى،ماڭا دېگەن سۆزلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن .لېكىن مەن ئەسكى ،مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم ،مەن سىزنىڭ مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قايتىدىن بەختكە ئېرىشكىنىڭىزنى كۆرگىچە ساقلاپ تۇرالمىدىم.سىز بارلىق ئازاپنى ئۇنتۇپ ،قايتىدىن خۇشال بولغىنىڭىزنى كۆرمەي تۇرۇپ كېتىپ قالدىم .
ئەمدى تۇرمۇشىڭىزدا مەن مەۋجۈت ئەمەسمەن ،ماڭا ئائىت ئەسلىمىلەرنىڭ سىزنى ئازاپلىنىشىدىن ،مېنى قايتا ئەسكە سېلىپ قويىشىدىن بەك قورقىمەن .چۈنكى كۆيگەن يامان ئەمەس ،كۆنگەن يامان . بىر كىشى ھاياتىدا يەنە بىر كىشىگە كۆنۈپ قالغىنىدا ،گەرچە ئارىدا مۇھەببەت ياخشى كۆرۈش بولمىسىمۇ ،ئۇنى ئەسلەيدۇ ،يوقلىقىدىن ئازاپلىنىدۇ ،گەرچە ئۇنىڭ مىجەزى ئىتتىك ،كۈنلەمچى بولسىمۇ .بىلسىڭىز مەن سىزنىڭ مەندىنمۇ ياخشى ئۆتىشىڭىزنى، ھەر كۈنلىرىڭىزنىڭ شاد-خۇرام بەخت ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئەھۋاللار راستىنلا يۈز بەرسە ،ئۇ مېنىڭ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمدىن ،ئازاپلانغانلىقىمدىن ،چارچىغانلىقىمدىن دېرەك بېرىدۇ . چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا مەن ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىمەن . ئەجىبا مەن راستىنلا پەرۋا قىلماسمەنمۇ ؟سىزچۇ ؟ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن ،ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن ،چۈنكى مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم ،مەن ھەر قانداق ۋاقىتتىمۇ سىزدىن ئايرىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن . سىزدىن ئايرىلسام قانداق بولۇپ كېتىدىغىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن دېگىنىڭىز ھېلىھەم يادىمدا . مەن چۈشىنىمەن ،مەن ئەسكى ، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم ،ئەسلى ھاياتىڭىزدا پەيدا بولماسلىقىم ، ھەممىگە بەرداشلىق بېرىپ ئۈن-تۈنسىز ۋەدەمدە چىڭ تۇرماسلىقىم ،سىزنى سېغىنماسلىقىم كېرەك ئىدى . لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىز بىلدىڭىز ، ھېس قىلدىڭىز ،چۈشەندىڭىز ،تەسىرلەندىڭىز ،لېكىن ئاخىرىدا مەن ئايرىلىشنى تاللىدىم .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنى قايتا ئىزدىمىسەم ،مېنى سېغىنامسىز ؟؟؟؟