مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6101|ئىنكاس: 67

تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئېتىقادى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13710
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7250 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 04:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئېتىقادى

ئاپتورى: بۈلەنت ئارىنچ (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان قەستەن سەل قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكتىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا باشلىدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بارلىق تۈركىيە ئاممىسىنىڭ، مەيلى قايسى دىننىي ئېتىقادتىكى، ئىرق ۋە تىلدىكى ئامما بولسۇن باراۋەر ھالدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشتىن بەھرىمان قىلدى.

تۈركىيەدە سانى ئاز دىندار ئامما گرىك پراۋۇسلاۋىيە دىنى مۇرىتلىرى، ئەرمىنىيەلىكلەر، ئاسسۇرىيەلىكلەر ۋە باشقا خىرىستىئان دىنىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە يەھۇدىيلار بار، ھەممىسى پۈتكۈل تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىمى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق شەكىلدىكى مۇسۇلمان بولمىغان رايونلارنى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى تەكلىپىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، پىرىزدېنت ئابدۇللاھ گۈل بىر تەرەپتىن ئىستانبولدىكى گرىك پراۋۇسلاۋىيە مۇرتلىرى پوپى بارسولېموۋ بىلەن (Bartholemew) كۆرۈشتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھاتاي ۋىلايىتىدىكى بىر خىرىستىئانلار چېركاۋى ۋە يەھۇدىيلار چېركاۋىنى زىيارەت قىلدى، بۇ تۈركىيە پىرىزدېنتىلىرىغا نىسبەتەن بىرىنچى قېتىملىق ئىش.

2009-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مارمارا دېڭىز شاھزادىسى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال بۈيۈكئادا  ئارىلىدا ھەر قايسى ئاز سانلىق دىننىي رەھبەلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ قىينچىلىقى ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى دىنلارنى مەدەنىيلىك ھالدا سىغدۇرۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئېنىق سىگنالى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغان مەنمۇ 2010-يىلى 3-ئايدا ئاز سانلىق دىننىي ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتۈم ھەمدە ئايرىم-ئايرىم 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى ئەرمەن ۋە گرىك پراۋۇسلاۋىيە دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئوخشاشلا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئەگەمەن باغىچمۇ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاز سانلىق دىندار گۇرۇھلار مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت سىياسىتىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 2010-يىلى 5-ئايدا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر باياناتقا رەسىمىي ئىمزا قويۇپ، مەمۇرىي خادىملار ۋە ئاممىنىڭ ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا ھەر قانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش قىلمىشىدا بولسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمەس ئاممىنىڭ مۇتلەق باراۋەرلىكتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ نەچچە يىلدىكى ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغان تەييارلىقلار ئەمەلىيەتتە بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. 2003-يىلى 8-ئايدا، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىر قاتار قانۇن ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا ئالاقىدار مال-مۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدا، ئاخىرى بىرىنچى قېتىم 365 پارچە زېمىن ۋە قۇرۇلۇش قانۇنلۇق ھالدا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ ئىسمىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلدى. 2008-يىلى، ھۆكۈمەت باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا قارىماي، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنى» نى ئۆزگەرتتى ھەمدە ئاز سانلىق دىننىي تەشكىلاتلارنىڭ يەر-مۈلۈك سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى (ھەمدە سوممىسى چەكلەنمىگەن چەتئەل ئىئانىسىنى قوبۇل قىلدى).

2011-يىلى 8-ئايدا، «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنى» غا قارىتىلغان بىر مۇھىم ئۆزگەرتىش 350 خىل مال-مۈلۈكنى ئاز سانلىق دىندار ئاممىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە رۇخسەت قىلدى. بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئىستانبولدىكى بايئوغلۇ رايونى پراۋۇسلاۋىيە دىنى قىزلار مەكتىپى ھەمدە يەھۇدىيلار ئىجتىمائىي مەركىزىگە قانۇنلۇق ئورۇن بەردى، بىر ئەسىرگە سوزۇلغان تالاش-تارتىشنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 2010-يىلى 11-ئايدا، تۈركىيەنىڭ خالكى ئارىلىدىكى پراۋۇسلاۋىيە دىنى يېتىم بالىلار دارىلتامى پراۋۇسلاۋىيە دىنى پوپىغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئۆزلىكىدىن دىننىي پائالىيەت قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىر قىسىم پراۋۇسلاۋىيە دىنى باستېرلىرىغا تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكى بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كومىتېتى-تۈركىيە دىن باشقۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھازىر تۇنجى قېتىم ئاز سانلىق دىننىي ئاممىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ھەيئەت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باشقۇرغۇچىسىغا ئاز سانلىق دىندار ئاممىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان سورۇنلارنى يېڭىلاش ھوقۇقى بەردى، بۇ سورۇنلار گۈكچە ئادا چاناققەلئە رايونىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئايا نىكولا چېركاۋى، يەنە ئىسكەندەرۇن شەھىرىدىكى ئاسسۇرىيەلەرنىڭ كاتولىك دىنى چېركاۋى ۋە گرىكلارنىڭ كاتولىك دىنى چېركاۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە خېلى كۆپ ساندىكى خىرىستىئانلار چېركاۋى ۋە يەھۇدىيلار چېركاۋىنى يېڭىلاشمۇ بار.

يەرلىك دائىرىلەر يەنە نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ۋە سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە تەدبىرلەرنى قوللاندى. تۈركىيە كۈلتۇر ۋە ساياھەت مىنىستېرلىكى قارا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ترابزون رايونىدىكى 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە پاناگىيا سۈمەلا موناستىرىنى يېڭىلىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تاۋاپ قىلىش 2010-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسولېنوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى، يەنە گرىتسىيە، روسىيە، گرۇزىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن نەچچە يۈز تاۋاپچى قاتناشتى.

باشقا بىر ئابىدە خاراكتېرىدىكى ئىش بولسا 2007-يىلى 3-ئايدا 1100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەرمەن ئاغتامار چېركاۋىنى يېڭىلاش ھەمدە ئېچىۋېتىش ئىدى. مەزكۇر چېركاۋدىكى ئۈزۈلۈپ قالغىلى 95 يىل بولغان تىلاۋەت قىلىشقا ئەرمەن خىرىستىئانلىرىنىڭ پوپى ئارام ئاتەشيان رىياسەتچىلىك قىلدى، نەچچە مىڭ مۇرتنىڭ كېلىشىنى جەلپ قىلدى.

بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمەس ئاز سانلىق دىندار ئامما ئۇزۇندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇردى. نەچچە ئەسىردىن بۇيان تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى يەھۇدىي مۇرىتلىرى ۋە خىرىستىئان مۇرىتلىرى بىلەن تىنچلىققا بىللە تۇرۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن. بىز ئۇلار نۆۋەتتە يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدۇق، ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. تۈركىيەدىكى يەھۇدىي مۇرتلىرى ۋە خىرىستىئان مۇرتلىرى باراۋەر ھوقۇقتىكى تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالىققا ئىگە، بىز بۇ رېئاللىقنىڭ تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەنبە: ئاپتورى بۈلەنت ئارىنچ ھازىر تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60675
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 560
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1034 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 04:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى بوپ ئورۇن ئاپتىمەندە

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13063
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1989 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شۇڭا   تۈركىيەدە ئىسلام  ئىتقادى  سۇس.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

‹ھېتلىردەك ياشاپ›

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34612
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 176
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېمىكەن تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت

داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇق؟

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13710
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7250 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-3-10 05:00 PM
شۇڭا   تۈركىيەدە ئىسلام  ئىتقادى  سۇس.

پاكىستان، يەمەن، ئىرانلىقلارنىڭ دىننىي ئېتىقادى كۈچلۈك، دۆلىتى قويۇق ئىسلام مۇھىتىغا ئىگە دەيمىز، لېكىن ياشلىرى نېمە ئۈچۈن دۆلىتىدىن چىقىۋالسىلا ، دىنسىز دۆلەتكە بېرىۋالسىلابىرىنچى بوپ جالاپ ئىزلەيدۇ؟
ئەڭ ياخشىسى ھەممە ئىش ئۆز ئىختىيارى بىلەن، مەجبورلانمىغان ھالدا، ئەركىن بولغىنى ، ئۆزى تاللىغىنى ياخشى، مەجبۇرلانسا، مەجبۇرىي تاڭسا، چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nasrulla + 30 توغرا ئېيتتىڭىز،

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

رەببىم ئاللاھ!كەچۈرگىن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11753
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 3061 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيلىكلەرمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ، بەزىلىرىنىڭ دىنى ئىتىقادى سۇس ، بەزىلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولسا كىرەك . لىكىن مۇشۇ تۈركىينىڭ كىنولىرىدا خوتۇنلىرى يېرىم يالىڭاچ ئاغزىدىن ( ئاللاھ ) نى چۈشۈرمەي يۈرۈيدۇ ، ئادەمنى بىسرەمجان قىپ .:qiray15

مەن پەقەت ئاللاھتىن قورققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76842
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق باللاردە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7170
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5090 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا دېمەيلى ئالدى بىلەم ھەرقانداق مىللەتنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك.باشقىلارغا باھا بەرگەندە تۆت تەرىپىمىز گە ياخشىراق قارىۋېتىپ ئاندىن سۆزلەيلى.ياخشى تېما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر!

ئۆزىنى تونۇغان خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5400
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5853
تۆھپە نۇمۇرى: 271
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئىسلام ئېتقادى بىزنىڭ ئېتىقادتىن كۈچلۈكمىكىن دەپ قارايمەن.ھېچ بولمىغاندىمۇ كىنولىردىكى يېرىم يالىڭاچ ئارتىسلىرى چېغىدىمۇ ئاللانى ئېغزىدىن چۈشەرمەيدۇ ،ئەمما بىزنىڭ ئارتىسلارچۇ؟

سىز قانداق بولسىڭىز سىزگە شۇنداق ھۆكۈمدار كېلىدۇ

بىلمىگەننى بىل ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12440
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 934 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-3-10 05:00 PM
شۇڭا   تۈركىيەدە ئىسلام  ئىتقادى  سۇس.

بەزى مەسىلىلەرگە كەڭ قورساق بولغان ياخشى .. ئىمان، ھىدايەت ھەمىشە رايون خارەكتىرلىك ياكى  قەبىلە،مىللەت خارەكتىرلىك بولمايدۇ. ھىدايەت ئاللا تەرىپىدىن كېلىدۇ. ئاللا ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللا ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى تەبلىغ قىلىش، تەكلىب بېرىش ..قالغىنىنى ئاللاغا قويىمىز. مەسىلىلەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىمىز. ئەتراپىزدىكى بىچارە ئۇيغۇرلارنى كۆرسەك قايسىبىر مۆمىننىڭ يۈرۈكى ئېچىشمايدۇ~؟ ئاللانىڭ ھىكمىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . شۇڭا ئاللادىن قورقىشىمىز، ئاللاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشىمىز، ئاللادىن مەغفىرەت تىلىشىمىز لازىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
oxkantag + 10 خىلى اخشى پىكىر قېلىپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش