مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2232|ئىنكاس: 0

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بالوچىستاندا تىركەشتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13711
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7255 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بالوچىستاندا تىركەشتى

پاكىستاننىڭ بالوچ ئۆلكىسى يەنە بالوچىستان (Balochistan) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىران، ئافغانىستان ھەمدە پاكىستان ئۈچ دۆلەت چېگىرلىنىدىغان رايونغا جايلاشقان، يەر كۆلىمى 340 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر، پاكىستاندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە، پاكىستان يەر مەيدانىنىڭ %43 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يەرلىكلەر بالوچ مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدە. 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاندا بۆلۈنگەندە بالوچىستاننىڭ كالات شىتاتى پاكىستانغا كىرىشنى رەت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بالوچىستان مۇستەقىل دۆلىتى قۇرغانلىقى جاكارلىغان، پاكىستان ھۆكۈمىتى باستۇرۇپ تاشلىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، بىر قىسىم بالوچلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئارمىيىسى، ھۆكۈمىتى ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە قىلچە ئورنى يوقلىقىنى، پەنجاپلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان. 1973-يىلىدىن 1976-يىلغىچە، بالوچىستاندىكى قەبىلىلەر قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەن، باش مىنىستىر ئەلى بۇتتو ئالدى-كەينى بولۇپ 100 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ توپىلاڭنى تىنجىتقان، ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلغان.

1977-يىلى مۇھەممەد زىيا ھەق تەختكە چىققاندىن كېيىن بالوچلارغا ئەمىن تاپقۇزۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، چوڭ كەچۈرۈم جاكارلاپ، تەرەققىيات خىراجىتىنى كۆپەيتىپ، زىددىيەتنى سەل پەسەيتتى، ئەمما مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، بالوچلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى بەزىدە كەسكىنلىشىپ بەزىدە بوشاپ قالدى.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پارلامېنتى بىر تەكلىپ لاھىيسىنى ماقۇللىدى، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر لاھىيىسىنى بالوچىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش دەپ قارىدى. روسىيە كۆزەتكۈچىسىنىڭ قارىشىچە: ئامېرىكا ناھايىتى بۇرۇنلا بالوچىستانغا قىزىققان. بالوچىستاندا پاكىستاننىڭ %70 كۆمۈرى، %80 خرومى ۋە %85 تەبىئىي گازى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئەمما بۇلار ۋاشىنگىتونغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىملىرى ئەمەس.

ئەڭ مۇھىمى بالوچىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى. بالوچىستاننى كونترول قىلغاندا ئىستراتىگىيىلىك دېڭىز پورتى ۋە نېفىت-گاز ئۇزۇتۇش تۇربا يولىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرغان گۋادار (Gwadar ) پورتى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىرى. كەلگۈسىدە پاكىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە پورتى بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك رەقىبى جۇڭگو بۇ پورتتىن پايدىلانماقچى. بۇنىڭدىن سىرت، بالوچىستانىڭ قوشنىسى دەل ئىران.

زور قوشۇن چېگرىسىغا يېقىنلاپ كېلىپ قالغان ئىران ۋەزىيىتىگە قارىتا، پاكىستان يېقىندىلا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان-پاكىستان-ئىران ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىسلامئاباد يىغىنىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۈچ دۆلەت پىرىزدېنتىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ھەركىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرگە دۈشمەنلىشىش ھەركىتىدە ئۆز زېمىنىنى تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىران ئۇرۇشىدا سىرتقى توسالغۇلارنى كۈچىنىڭ بارىچە تازىلاۋاتقان ئامېرىكىغا نىسبەتەن خېلى چوڭ زەربە. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئۈچ دۆلەت يىغىنىدىن كېيىن بۇ لاھىيىنى ماقۇللىشى پاكىستاننىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە يۆلىنىشىگە بولغان چەكلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان دارۋاڭ قىلغان جۇڭگو پاكىستاندا قۇرماقچى بولغان ھەربىي پورت دەل بالوچىستاننىڭ گۋادارغا جايلاشقان. ئەگەر بالوچىستان پاكىستاندىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئامېرىكا پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىپ تاشلىيالايدۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاننى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاچقا، ئەمەلىيەتتىمۇ جۇڭگونىڭ ئىران بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى ۋاستىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانغا باراۋەر.

جۇڭگونىڭ گۋاداردىكى ئىستراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە مەبلىغىنىڭ ھەممىسى يوققا چىقىدۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھىندى ئوكيان، ئوممان قولتۇقى، پارس قولتۇقىغا يۈرۈش قىلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تىرىكىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلايدۇ. پاكىستان دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىنىڭ كۆپ قىسىمى بالوچىستاندا، بالوچىستاندىن ئايرىلىپ قېلىش پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك چوڭقۇرلاپ كىرىشىنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرۇپ تاشلايدۇ، كەلگۈسىدىكى ھىندىستان پاكىستان تىركىشىشىدە، پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسى مۇقەررەر ئىستراتىگىيىلىك ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

يەنە كېلىپ %40 دۆلەت زېمىنى ۋە بايلىقنى يوقىتىپ قويۇش پاكىستاننىڭ دۆلەت كۈچىنى قاتتىق زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. پاكىستاننى ئاجىزلىتىدىغان سىياسەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگونى قورشاش ئىستراتىگىيىسى بىر-بىرگە ماسلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئىككى مۇھىم لىنىيە بار، بىرى روسىيەنىڭ شەرقىي سىبىرىيەدىن كەلگەن نېفىت تۇربا يولى، يەنە بىرى ئىراندىن پاكىستان چېگرىسى ئارقىلىق كەلگەن نېفىت تۇربا يولى. بۇ ئىككى لىنىيە ئەگەر ھەممىسى يۈرۈشۈپ كەتسە جۇڭگونىڭ دېڭىز نېفىت ترانسىپورتىغا تايىنىشى ۋە خەۋپىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىدۇ. ئەمما ئەگەر ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا بالوچىستان مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، جۇڭگونىڭ بۇ ئېنىرگىيە يولىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېخى پاتقاققا پېتىپ تۇرماقتا، نۆۋەتتە يەنىلا پاكىستاننىڭ قوللىشىغا موھتاج، ۋاشىنگىتون بالوچىستان مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن قىلچىمۇ مۇرەسسە قىلماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بالدۇرلا بىلىدۇ. ئەمما ئىسلامئاباد يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ خىل قىلتاق قۇرۇش شەكلىدىكى تەكلىپ لاھىيىسى پاكىستانغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپلا قالماي، يىراق مەزگىللىك ئىستراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

بۇ چوقۇم جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ يېتەرلىك ئاگاھ بولىشىغا تۈرتكە بولىشى كېرەك. ئەمما كۆز ئالدىمىزدىكى ئىران ۋەزىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا بالوچىستاندا ئىش تېرىمىسۇن دېسە، پاكىستان يېڭىلا ئېلان قىلغان ئافغانىستان-پاكىستان-ئىران ئۈچ دۆلەت باياناتىدىن ۋاز كېچىشى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيىسىدە يول قويىشى كېرەك. پاكىستان گېزىتى « Jaagran» ۋە «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» بىرلا ۋاقىتتا قارىشىچە، ئامېرىكا بالوچىستاننى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسز ئايروپىلانىنىڭ يېڭى بازىسى قىلماقچى. بۇ ئېھتىمال ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي غەرىزى بولىشى، ئاساسىي مەقسىتى ئىران ئۇرۇشى ئۈچۈن سىرتقى توسالغۇلارنى تازىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى زورايتىشى ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.

مەنبە: ھەقدارلار بازىسى تورىدىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 08:11 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
QINSOYGU + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
guzaltarim + 99 دەت بەرمىسۇن داۋاملىق.
ياۋۇز + 300
ALDIRAX + 11 تاقىۋىتىپتاي ما تېمىن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 710   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش