تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.
تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەييارلىق باسقۇچىغا كىردى. تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەييارلىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: مۇسابىقىگە جەمئىي يەتتە كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى يەرلىك ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە ئاممىسىدىن ئىبارەت پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ؛ 3- ئاينىڭ 11 – كۈنى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، رەسمىي باشلىنىدۇ. يىغىندا، ھەرقايسى كوماندا مەشقاۋۇللىرى ئۆز كوماندىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە بولغان تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يىغىندا يەنە مۇنۇلار قارار قىلىندى: مۇسابىقە جەريانىدا مەيدان ئىنتىزامىنى قوغداش، مۇسابىقىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىنتىزام نازارەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە گۇرۇپپا باشلىقى بېكىتىلدى، ھەمدە ئىنتىزام نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرۇش، جازالاش چارىلىرى كۆرۈپ چىقىلدى. مۇسابىقە يەتتە كىشىلىك ئايلانما شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق «يەتتە كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقە ئۆلچىمى» نى ئاساس قىلدى. مەيدان ئۆلچىمى (چوڭ – كىچىكلىكى)، كوماندا ئەزا سانى، كوماندا ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر، مۇسابىقە ۋاقتى، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرى ۋە باشقا مۇسابىقە قائىدىلىرى پۈتۈنلەي مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» رېستورانىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىشى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ماقۇللىشى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» نىڭ قاڭقىل رېستورانى، قاڭقىل تېز تاماقخانىسى، قاڭقىل – چىمەنبۇلاق ئارامگاھى قاتارلىق تارماقلىرى بار. قاڭقىل رېستورانى تۇرپان شەھىرىنىڭ كوناشەھەر شەرقىي قۇۋۇقتىكى تۆت كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمى ئىگىلىگەن ھەجىمى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، رېستوران ئىچى مىللىيچە بېزەلگەن بولۇپ، ھەرخىل چوڭ – كىچىك ئولتۇرۇش، توي – مۇراسىملىرىغا ماس كېلىدۇ. ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، بىرلا ۋاقىتتا 50 ئۈستەللىك مېھماننى ئۇزاتقىلى بولىدۇ؛ قاڭقىل تاماقخانىسى يېڭىشەھەر شەرقىي قۇۋۇق كەنتىدە بولۇپ، بىزىلىشى كۆركەم، پولو، تونۇر كاۋاپ، گۆش كاۋاپ، يەرلىك توخۇ قۇرۇمىسى، چۆچۈرە قاتارلىق مىللىيچە خاسلىققا ئىگە تائاملار كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدۇ.
قاڭقىل چىمەنبۇلاق ئارامگاھى بولسا، 312 دۆلەت تاشيولىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ياز پەسىلىدە ھەرقايسى يۇرتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھى بولالايدۇ. ئارامگاھنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي تەكزارلىق بولۇپ، ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ ۋە سالقىن. ئارامگاھ ئىچىدە، تاماقخانا، ئۈژمىزارلىق، ئۈزۈم باراڭ كوچىسى، ئىككى يۇيۇنۇش كۆلچىكى قاتارلىقلار بولۇپ ئومۇمى ئىگىلىگەن ھەجىمى جەمئىي 200 مو ئەتراپىدا. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يۇيۇنۇش كۆلچىكى ئىنتايىن چوڭ ھەجىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تاغ سۈيى توختىماي ئايلىنىپ، كۆل سۈيىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. مۇسابىقە ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتتىكى پۇتبول سۆيەر ئاممىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە قارىتىپ، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۆتىۋاتقان ئامما توختىماي، مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. مۇسابىقە ئەھۋالى، نومۇر جەدۋىلى، مەرگەنلەر قاتارى قاتارلىقلار «تۇرپان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى» دا ئۆز ۋاقتىدا كەڭ ئاممىغا خەۋەر قىلىنىپ، يېزىقچە، رەسىملىك (ئىمكانىيەت يار بەرسە ۋىدىيۇلۇق) ھالەتتە تارقىتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ۋە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ تېپىۋاتقان ئەكرەم، بارى، مىرئەخمەتجان، دىلمۇرات، ئەرافات، ئابدۇۋەلى، يەھيا، شاۋكەت قاتارلىقلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىشىغا بولغان تەبرىك سۆزلىرىنى ئەۋەتتى. (تەبرىك سۆزىنىڭ تور ئادرىسى) «پۇتبولنى قىزغىن سۆيۈپ، دوستانە مۇسابىقىلىشىپ، ساغلام تۇرمۇشقا يۈزلىنەيلى! » نى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىشىنىمىزكى كەڭ پۇتبول سۆيەر ئاممىنىڭ قوللىشى بىلەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى پۇتبولچىلىقىغا يېڭى چولپانلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگۈسى!
شارائىتىمىز ناچار بولسىمۇ ئىرادىمىز كۈچلۈك! مەنبە: تۇرپان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Atesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-9 10:39 PM
|