مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 15

تېرخىن مەڭگۈ تېشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5474
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4397 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:04:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزنىڭ مەڭگۈ تاش دەۋىرىدە نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن كومپىيۇتىرىمدا شۇلارنىڭ بىرسى بولغان تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ (تەرجىمىسى ئەمەس)يەشمىسى  باكەن مۇنبەرداشلار پايدىلدنسا دەپ  يوللۇدۇم


تېرخىن مەڭگۈ تېشى
غەربىي يۈزى
1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى
2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە
3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ،
4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى  سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن .
5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ  ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! »
6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ
7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار
8.  ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى
9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى
شىمالىي يۈزى
10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى .
11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى .
12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق
13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق
14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە  « بېرىڭلار »
15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .
شەرقىي يۈزى
16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى
17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز
18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا
19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە
20.  ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم
21.  ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى
22.  ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)
23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە
24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.
جەنۇبىي يۈزى
25.  ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى
26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) .......  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .
27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)
28. كىردى . شۇ چاغدا .......  تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار .......  توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »
29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ)پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان
30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .                  بۇ مەڭگۈ تاشنى ياراتقۇچى : بۆكە تۇتام     ( بۇ ماقالىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان )

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7667
تۆھپە نۇمۇرى: 1776
توردا: 2215 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىندىشىم بەك جاپا چىكىپ ياخشى بىلىم بىلەن قانائەتلەندۇرغىنىڭىزغا .... بولدا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ...

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8168
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورخۇن مەڭگۈ  تېشىمۇ يا................رۇسچىدىن ئاھاڭ تەرجمىسىنىلا ئېلىپ قويغانمىدۇ ؟ياكى ئەسلى ئىسمى شۇنداقمىدۇ

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5474
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4397 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saraghutun يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 11:06 PM
ئورخۇن مەڭگۈ  تېشىمۇ يا................رۇسچىدىن ئاھاڭ تەرجمىس ...

ياق ئۇنىڭكىنىمۇ پات يېقىندا يوللايمەن

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8168
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 11:08 PM
ياق ئۇنىڭكىنىمۇ پات يېقىندا يوللايمەن

ھە..رەھمەت

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27358
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72186-1-1.html
بۇ يازمامدىمۇ بىرقانچە مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەزمۇنلىرى يېزىلغان.پايدىلانغايسىزلەر.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:07:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قەدىمى مەڭگۈ تاشلار شۇدەۋىردىكى خانلىرىمىزنىڭ قەۋرە تاشلىرى بولۇپ 6-7-8-ئەسىردىكى ۇيغۇر ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ شانلىق كۈرەش تارىخىنى ىپادىلەيدۇ ھەمدە ئاتا بوۋىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شانلىق وبرازى ۋە مەڭگۈلىك خاتىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .سىلىنگا دەريا بويلىرى ۋە مۇڭغۇلىيەدىن تىپىلغان ۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ ۇستىگە يىزىلغان تارىخى خاتىرلەر .ئەژداتلىرىمىزنىڭ تارىخىمەدىنىيىتىنى ئەسكە سالادۇ .بولىپمۇ ۇرخۇن ۇيغۇر خانلىرىدىن ئايچۇر‹مۇشۇ ىسىم توغرىمۇ.ئالمىشىپ قالغانبولسا تۈزتىپ وقاسىلەر.›نىڭ مەڭگۈ تىشىدا 50قۇردىن ئارتۇق ۇرخۇن ۇيغۇر خىتىبىلەن يزىلغان مۇشۇنىڭغا وخشاش مىلتىمىزنىڭ شۇدەۋىردىكى شانلىق كۈرىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىپ ئاتا بوۋىمىزنىڭ مەرىت مەردانە قەھىرمان قاۋۇل سىماسىنى كۈز ئالدىمىزغا ئەكىلىپ .ۇرخۇن سىلىنگا دەريا بويلىرىنى مەركەز قىلىپ شەرقى شىمالدىن تارتىپ ۇتىر ئاسىيانى ھالقىپ ۈتىپ ىيران ىيراققا بارغىچە بولغان.كەڭ زىمىنلارغا ھۈكۈم سۈرىپ خوجايىن بولغان ۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدىنىيىتىنىڭ يۈكسەك ۇلۇق قۇدىرەتلىك بىر مىللەت ىكەنلىگىنى ئەكىسئەتۇرىپ ىسپاتلاپ تۇرغان پولاتتەك پاكىتلىرىمىز مەۋجۇت .قىرىندىشىم ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزىپسىز رەخمەت ،ۇزەمنىڭ بىلىشىچە ئازىراق ىنكاس قىلىپ قالدىم كەچۈرەسىلە.    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bazarbay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-10 12:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5560
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 10:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار ياراتقان مەدىنىيەتلەر ئىچىدە پەقەت تىل  مەڭگۈ  ئۆڭمەي ساقلىنىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59724
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-10-9
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:06:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىكىت قۇيۇلغان يارلەرنى تەرجىمە كېلالمىدىڭىزمۇ نېمە؟

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5474
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4397 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musajan307 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-10 11:06 AM
چىكىت قۇيۇلغان يارلەرنى تەرجىمە كېلالمىدىڭىزمۇ نېمە؟


تەرجىمە قىلمايدۇ...يەشمىسىنى يىشىدۇ .....چىكىت قويالغان يەرلەر بەلكىم ئۇزۇن يىللار مابەينىدە  ئۇپىراپ ئۆچۇپ كەتكەن بولشى  ياكى مەلۇم بىر مەنانى ئىپادىلىگىدەك ھالەتتە قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولشى مۇمكىن ...
                      بۇنى مەن يېشمىگەن  ...ئاخرىغىچە تولۇق ئوقۇڭ شۇنىڭدا بار ھەممىسى :qiray8 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-10 12:52 PM  


فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش