مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3868|ئىنكاس: 41

سىتودىنتلارنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان سۆزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10362
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3053 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 08:49:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ( ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور ئەھلى ، مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، ئەتراپىمغا دىققەت قىلىش ۋە بەزى ماتىرياللارغا ئاساسلىنىپ '' سىتودىنتلارنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان سۆزلىرى '' نى رەتلەپ چىقتىم. سىز ئەگەر بۇرۇن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز ئۆتمۈشىڭىزنى ئەسلىپ بېقىڭ، ئەگەر سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىتودىنت بولسىڭىز ئاز-تۇلا ئىبرەت ئېلىپ قويۇڭ، ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تورۋاتقان بولسىڭىز تۈۋەندىكىلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئەگەر سىزنىڭ بىرەر تۇنۇشىڭىز ،دوستىڭىز،پەرزەنتىڭىز ياكى قېرندېشىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇلارنى چۈشىنىپ قويۇڭ.)
       ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەككىز  ئېغىز يالغان سۆزى

    1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىمەن .
        نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا '' مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم تىرشىپ ئوقۇيمەن '' دەپ قەسەملەرنى بىرىدۇ . بۇخىل ئەھۋال كۆپۈنچە مەۋسۇملۇق ئىتىھانغا بىر-ئىككى ھەپتە قالغاندا ياكى ئالدىنقى مەۋسۇمدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي تولۇقلاپ ئمتىھان بېرىش يېڭىلا ئاياغلاشقان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ .
      لېكىن ياخشى ئۆگنىش  پەقەت ئۇلار بىلىپ -بىلمەي دەپ قويغان گېپى خالاس. ئۇلارنى كىتاپنى كۆتۈرۈپ سنىپقا كىردى دىسەكمۇ ئۇلار كىتاپنىڭ بىر نەچچە ۋارىقىنى ۋاراقلاپ قويۇپلا قولىغا تېلىفۇننى ئېلىپ QQ نى ئاچىدۇ ياكى بىرەر دوستىغا ئۇچۇردىن بىرەرنى يېزىپلا ھېلىقى ۋەدسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەدىسى پەقەت بىر قانچە كۈنلۈكلا بولىدۇ.
   
   2. ئەمدى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىمايمەن.
      نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن  ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ناتۇنۇش ئەمەس. دەرىس ئۆگىنىش، ئۇيۇشما پائاليتىگە قاتنىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ تورخانىلاردا ئويناشنى خېلى كۆپ قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلار '' ئۆگىنىش بېسىمىنى يەڭگىللتىش ، كاللسىنى ئارام ئالدۇرۇش '' دەپ قارايدۇ . ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى شۇنچە زورمۇ ؟؟
     ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئويناش كېرەك ، لېكىن بىكار ۋاقتى ۋاقتى چىققاندا مۇۋاپىق ئوينىسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ خۇمار بولۇپ قالماسلىق كېرەك .  دەرستىن چۈشۈپلا ھەتتا دەرستىن قېچىپ ئويۇن ئويناشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

3. ئەمدى ئالدىراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن.
   نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن  مۇھەببەتلىشىش 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا چۇقۇم لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدىغان دەرىسلىك . توغرا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياش، كونىلاردا '' چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە ، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر '' دېگەن گەپ بار . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىدا مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھىس-تۇيغۇلىرى ۋە ئاچچىق ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ، نۇرمال ئەھۋال . لېكىن بىر تۈپ دەرەخ ئۈچۈن چوڭ بىر ئورمانلىقتىن ۋاز كىچىش نادانلىق .
   ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ،   ئالىي مەكتەپلەردىكى '' كېلىشكەن يىگىت '' ۋە '' گۈزەل قىزلار '' نىڭ '' قايمۇقتۇرىشى '' ياكى باشقا سەۋەپلەر تەرپىدىن بەزىلەرنىڭ خوشال كۈنلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن . بۇنداق چاغلاردا زەربىگە ئۇچرىغان تەرەپ ئازاپلانغان ھالدا  '' ئەمدى ھەرگىز ئالدراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن '' دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلىشى مۇمكىن . لېكىن بىر سەبى قىز ياكى كېلىشكەن يىگىت ئۇلارغا قايتىدىن '' ھاياتلىق '' ئاتا قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەسەملرى يەنە يوققا چىقىدۇ .

4. ئەمدى قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن .
  ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى '' يۇۋاشلاپ '' قالىدۇ. كۈندە يەيدىغىنى بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىر - ئىككى قاپ تەييار چۆپ . بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئېغزدىن '' كېلەر ئايدىن باشلاپ قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن، مۇۋاپىق خەجىلەيمەن '' دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايسىز. بۇنداق چاغدا ئۇلارنى راستىنلا تىجەشلىك بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇمۇ ئۇلارنىڭ دەپ قويغان گېپى
    يېنىدا پۇل ئاز قالغاندا ئاتا - ئانسىغا پۇلدىن ئېغىز ئاچالمىغانلىرى سىرتتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەيدۇ. بىر كۈن ئىشلەپ ئازغىنە پۇل تېپىپ كەلگەندە ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي '' پۇل تېپىشنىڭ نەقەدەر قيىلقىنى ، ئاتا-ئانامنىڭ قانداق قيىچلىقلارنى تارتقنىنى ئەمدى بىلدىم ، ئەمدى چوقۇم تىجەشلىك بولىمەن '' ديىشىدۇ . لېكىن بۇنداق سۆزلرىنى ئسىدە تۇتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، يۇقىرقىدەك ئەھۋال ھەر ئايدا تەكرارلنىپ تۇرىدۇ.

5. چۇقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
  نۇرغۇن ئوغۇللار ئارىلاپ-ئارىلاپ توپ ئويناپ تۇرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ تورخانا ۋە باشقا جايدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ .
   ئوغۇللار دائىم كەچتە ياتاقتا قورساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولىدۇ. بىرنچى كۈنى 15نى ، ئىككىنچى كۈنى 25نى ، ئۈچىنچى كۈنى 30نى .... لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارسىڭىز ئۇلار بىر كېچىدە يەر بېغىرلاشتىن ئاران بىرنى ئىشلەيدۇ. يەنى كەچتە كارۋىتىدا يەر بېغىرلاشنىڭ ''تۈۋەنگە چۈشۈش '' ھەركتىنى تاماملىسا '' ئۈستىگە قوپۇش '' ھەركتىنى ئەتىسى ئويغانغاندا تاماملايدۇ.

6. چوقۇم ۋاقتىدا پايپاق يۇيىمەن.
     پايپاق ۋە ئىچ كيىملرىنى يۇيماسلىق كېسىلى بەلكىم ئوغۇللارغا خاس ئورتاق كېسەللىك بولشى مۇمكىن . بۇ خىل ئەھۋال قىزلاردا ئانچە كۆرۈلمەيدۇ.
     ئوغۇللار ئۆزى كيىپ سېستىۋەتكەن پايپاق-ئىچ كىيملرىدىن ئۆزى سەسكىنىپ يۇيۇش خوشياقماي كارۋتىنىڭ ئاستىغا ياكى ياتاقنىڭ باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىمايدىغان بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپلا يۈرۋىرىدۇ .
    پەقەت ياتاق تەكشۈرگچىلەر بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئوڭايسىزلنىپ '' ئەمدى چوقۇم ۋاقتىدا يۇيىمەن '' ديىشىدۇ . لېكىن ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ياتاقتا سېسىق پايپاقلار يەنە كۆپىيىپ قالىدۇ.

  7. ئەمدى باشقىلارنىڭ چايدىنىدىكى چاينى  ئوغۇرلۇقچە ئىچمەيمەن.
    قىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ قايناق سۇ ئېلىش خوشياقمىغانلار باشقىلار بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ چايدنىدىكى چاينى ئچۋېلشى ياكى يۈز-كۆزىنى يۇيۇشقا ئىشلتىۋېلىشتەك ئەھۋال ھەر قىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئېگىسى بايقاپ قالغاندا بولسا '' ئاداش خاپا بولما ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلمايمەن '' دەيدۇكى لېكىن سوغوقتا سىرتقا چىقىش خوشياقمىغاندا يەنە قلىدىغنىنى قىلىۋېرىدۇ.

8.ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن.
  ئاي ئاخرىدا يېنىدا پۇل قالمىغان بەزى '' ئاغىينىلەر '' سىز ئاشخانىغا تاماققا كىرگەندە '' ئاداش، بۈگۈنپورتمالمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خاتىرجەم بول، ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن '' دەيدۇ. قاراڭ ئۇنىڭ '' نۇمۇس '' قىلىپ '' بۈگۈنكى تاماقنىڭ پۇلىنى سەن تۈلىۋەت '' دىيەلمگنىنى. بۇنداق چاغدا ياق دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن ئەتىسى سىز ئاشخانسدىن ئۇ '' دوستىڭىز '' نى ھەرگىز تاپالمايسز. ياكى '' دوستىڭىز '' سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرىدۇ. سىز يېنىغا بېرىپ ئېغىز ئاچالمايسىز.

  (ئەسكەرتىش :بۇ خىل ئەھۋاللار  ھەرقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىداچۇقۇم بار دېگەنلىك ئەمەس ،لېكىن  بۇ خىل ئەھۋاللار  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىدا راستىنلا مەۋجۈت )




           مەنبە : ئەتراپمدىكى ئىشلار ۋە بەزى ماتىرىياللار
          يازغۇچىسى : لىياۋنىڭ پىداگوكا ئۇنۋېرىستىتىدىن  ھەزرتېلى .
          2012-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 10:35 PM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

مۇساپىرچىلىق يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8219
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9941
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 6069 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ئانچەكۆپ ئەمەسكەن ،پەقەت تۆتىلا بار ئىكەن:qiray121

باشقىلاردىن ئەقىللىق بول  ، ئەمما بۇنى ئۇلارغا بىلدۈرمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12367
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7712 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولغاندا بۇ تىمىنىڭ ئالدىغا « بەزى » دىگەن سۆزنى قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەن . دىمەكچى بولغىنىم بۇيالغانچىلىق پەقەت بەزى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭلا سۆزى بۇلۇشى مۇمكىن.

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ ھاياتى :qiray3

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلىرى بىزدىمۇ بولغان.

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7976
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋا،،، مەن ئوقىماپتىكەنمەن شۇ   ئالىي  مەكتەپتە ،،مەندە يوقكەن جۇما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 637
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9205
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:06:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىمۇ بۇلغان بۇرۇن  ھىھىھى

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە ئىككى يېرىمى باركەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 20 ھا ھا ھا نىمدا قىززىق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19091
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:14:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە بۇلارنىڭ بىر نەچچىسى بولۇپتىكەن ، بولۇپمۇ ئاۋۇ پۇل خەجلەش ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ، تور ئويناش دېگەنلەر ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ھازىرمۇ تاشلىمىدىم ئەمما ئىزچىل قىلىپ بولالمايۋاتىمەن ، ئىسىمگە كەلسە جىق قىلىۋېلىپ دېگەندەك ،
ئىشقىلىپ بۇ ئىشلار ھەممە سىتۇدېنىتلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر تېپىلغۇدەك ...

www.sajiye.org

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:42:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىدىن  قىزىقى  قورساق  ئاتلاش ھسەرىكىتىنىڭ  بىشنى قويسا  ئەتىگەندە  كۆتۇرۇپ تاماملايدۇ  دىگىنى :qiray124

لىكىن مەن  ئۇ يەردە  ئوقىمايدىكەنمەن... لىكىن بۇلارنىڭ  بىر نەچچىسى مەندىمۇ باركەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش