مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1244|ئىنكاس: 18

كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ تۈنۈگۈنكى پارچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 08:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەركەكلەر ئۆلمەپتۇ

بۈگۈن  خانىم-قىزلار بايرىمى بولغاچقىمىكىن كەيپىياتىم خېلى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.ئەمما ئەتىگەنلىك ناشتا قىلاي دىسەم،چايدانلاردا  قايناق چاينىڭ يوقلۇقى بەك جېنىمغا تەگدى ،شۇنداقتىمۇ بۈگۈن ياتاقدېشىم مىھرىنىسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇقچە كەيپىياتىمنى بۇزغۇم كەلمىدى.ئەمدى بولغاندا مەكتەپ ئاشخانىسىغا چىقساق ،ئېنىقلا  دەرىسكە ئۈلگۈرەلمەي قالاتتۇق،ئامالسىز ناشتا  قىلماي ئالدىراپ-تىنەپ دەرىسخانىغايۈگۈردۇق،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پەقەت ئىككى سائەت دەرس ئۆتىلەتتى،دەرىستىن يېنىپ دوستۇم ئالمىرە بىلەن مەلۇم بىر ئىشنى بىجىرگىلى مەكتەپ سىرتىغا چىقتۇق.ئىشىمىز بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئاران پۈتتى،ئەتتىگەن ناشتا قىلمىغاچقا ھەرئىككىلىمىزنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىشقا باشلىدى.بۈگۈن ياتاقدېشمىز مېھرىنىسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن چۈشتە ياتاقداشلار بىرلىكتە يېقىن ئەتراپىكى داپەنجىخانىغا بېرىپ بىرگە تاماق يىيىشكە پۈتۈشۈپ قويغانىدۇق،شۇڭا ھازىر تاماق يەپ قورساقنى تويغۇزىىۋالساق قاملاشمايتتى.بىز مەكتەپكە قايتىدىغان يولدا سامسا ساتىدىغان بىر ناۋاي ئۇستام بار ئىدى،شۇنىڭدىن بولسىمۇ تۆت تال سامسا ئېلىپ قورسىقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ تويغۇزىۋالماقچى بولدۇق.شۇنىڭ بىلەن تۆت تال  سامسىنى ئېلپ يولدا يەپ ماڭدۇق.

   ئەگەر مەن يۇرتۇمدا بولغان بولسام يولدا ھەرگىزمۇ بىر نەرسە يەپ ماڭالمايتىم،بۇرۇنلاردا سىنىپتىمۇ ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ  بىرەر نەرسە يىيەلمەيتىم.بىراق ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ماڭا سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ  بىر نەرسە يىيىش ئادەتتكى ئىشتەك تۇيۇلىدىغان بولدى، بارا-بارا يوللاردىمۇ بىر نەرسە يەپ مڭىشنى ئۆگەندىم مانا.سامسىنى ئەمدى ئىككى چىشلەم چىشلەپ تۇرشۇمغا ئالدىمغا تۇرغان كىيىنىشىدىن لۈكچەك شامال كۆرۈنىدىغان،بىز دىمەتلىك بىر ئۇيغۇر بالىغا كۆزۈم چۈشتىيۇ،سامسا  چىشلەۋاتقان قولۇم ئىختىيارسىز پەسكە سىيرىلدى.ئۇ ھەدەپ بىز تەرەپكە قاراپ قۇياتتى،مەن ئۇنى بىرەرسىنى ساقلاۋاتقان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىىن،تېخى يىيىشكە ئۈلگۈرۈپ بۇلالمىغان ھېلقى سامسىنى يەنە قايتىدىن ئېغزىمغا سالدىم.ئويلىمىغان يەردىن ھېلقى بالا بىزگە يىتىشىېلىپ ئالدىن گەپ تەشتى:

_قىزلار ياخشىمۇسىلەر؟

بىز بۇ بالىنى بىز ھېلقىدەك كۇچا لۈكچەكلىرى قاتارىدا كۆرۈپ سالامغا جاۋابمۇ قايتۇۇرماي يولىمىزغا قاراپ  مېڭىۋەردۇق.بىراق ئۇ بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي گېپىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى:

_ قارىغاندا ئوقۇغۇچى ئوخشىمامسىلەر؟مۇشۇ ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشايسىلەر ھە؟قورسىقىڭلار بەك ئېچىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ...........................؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزۈم ۋىللىدە قىزىرىشقا باشلىدى،ئۇنىڭغا قاراشقا مەندە ئاللىبۇرۇن جۈرئەت قالمىغانىدى.

_ ھە يولدا بىر نەرسە يىيىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭلار ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇىللىرى ئىكەنسىلەر بولمىسا،گەپ قىلمايسىلەرغۇ؟

بىز يەنە ئۈن-تىنسىز بېشىمىزنى يەرگە ساڭگىلاتقانچە مېڭىۋەردۇق.ئۇ گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:

_ سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ھە؟ بولدى يەۋاتقان نەرسەڭلارنى خاتىرجەم يەپ مېڭىۋىرىڭلار بۇ ئازادە كوچىدا!

ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئالدىمىزدا يۈگۈرۈپ دىگۈدەك كىتىپ قالدى.

   دوستۇم  ئىككىمىز يا كۈلىشىمىزنى يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمەي بىر -بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق."ئاداش،ئەتىگەندىن بېرى تويغۇدەك تۈزۈك بىر نەرسە يىيەلمىگەنىدۇق،بۇ بالا ئىككى ئېغىز گەپ  بلەن ئېغىز بۇرنىمىزغىچە تويغۇزپ قويدى ھە" دىگىنىمىزچە بىر-بىرمىزگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشۈپ كەتتۇق،بۇ كۈلكىمىزنىڭ ئاچچىق بىر خىل خىجىللىق يوشۇرۇنغان ئىدى.ئۇ بىزدىن بىردەدىلا يىراقلاپ كەتتى،ئۇ يىراقلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت يۇيغۇم چوڭقۇرلۇشۇپ بېرىۋاتاتتى.

   ئالمىرەنىڭ قانداق ئويلىغىنىنى بىلمەيمەن،بىراق مەن دەل ۋاقتىدا خاتالىقىمىزنى كۆرسخـخپ  بىرىشكە جۈرئەت قىلغان بۇ بالىدىن بەك سۆيۈنۈپ قالدىم،ئۇ بۈگۈنكى بايرام  كۈندە ماڭا چوڭقۇر بىر ساۋاق قالدۇرپ قويۇپ  كەتتى.ئادەم  كىچىككىنە ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتا ئىكەنلىكىنى ېنىق بىلىپ تۇرپ ،ئۇ ئىشنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرالمىسا ،بۇ ئۆز  ئەسلىنى ئۇنتۇشقا قاراپ  يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئايرىم بىر ئىپادىسى بولۇپ قالىدىكەن.

   يەنە بىر نوقتىدىن مەن ھازىر بۇرۇندىدەك جەسۇر ئوغلانلىرىمىز قالمىدى،شۇڭا قىزلار بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،ئەگەر ئۇلاردا بىز قىزلارنى باشقۇرۇپ تۇرالىغىدەك ئەركەكلەرگە خاس جاسارەت بولغان بولسا،بىز بۇ ھالغا قالمايتۇق دىگەن قاراشتا ئىدىم.ئەمما مەن بۈگۈن شۇنى ھىس قىلدىمكى،تېخى ئەركەكلىرىمىز ئۆلمەپتۇ،،ئۇلاردا يەنىلا ئەركەكلىك جاسارەت ،بىز قىزلارنى ھايالاندۇراليدىغان ئەرلىك غورۇر بار ئىكەن..........



مەنبە:ئۆز  كەچۈرمىشىم


كۈندىلىىك خاتىرەمدىن _شىرنە


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38501
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4265
تۆھپە نۇمۇرى: 194
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 09:50:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەن جۇمۇ!  ھەقىقى ئەركەك.

باشقىلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلسۇن دېسىڭىز ، ئاۋۋال سىز باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ !

خەيرى-خوش باللىقىم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24464
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7313
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5060 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق سانىلىدىغان ئشنىڭ بىرسى تالادا بىرنەسە يىيىش.

ئالاھىم ھارامغا قارشى مىنى ھاللالغا قانائەتكار قىل، سەندىن باشقىسىغا مىنى مۇھتاج قىلما.

خەيرى-خوش باللىقىم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24464
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7313
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5060 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىق سانىلىدىغان ئشنىڭ بىرسى تالادا بىرنەسە يىيىش.

ئالاھىم ھارامغا قارشى مىنى ھاللالغا قانائەتكار قىل، سەندىن باشقىسىغا مىنى مۇھتاج قىلما.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كىيىن تالادا بىر نەرسە يىمەڭ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63062
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3995
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم [ تەقدىرداش ] ..................
ئالدى بىلەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ... بۇ سىزنىڭ ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ بايرىمى ئەمەس . بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ .
2- ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ . دېققەت قىلساق .
3- ئەبجەش [ داپەنجى ] ئەمەس [ چوڭ تەخسىلىك توخو قورۇمىسى ] .
كەچۈرۈڭ جىق سۆزلەپ قويدۇم .

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى  يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا .................

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11234
تۆھپە نۇمۇرى: 1866
توردا: 2323 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . دىگەن بىلەن بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغانلارغا خىلى پايدىسى بولىدىكەن . مۇخسىن ئەپەندىم ئىتقاندەك بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئەمەس . بىلىپ قىلىڭ .. ئىملاغىمۇ دىققەت قىلىپ قويارسىز ... رەھمەت سىزگە .

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhsin. يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 10:44 PM
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم [ تەقدىرداش ] ..................
ئالدى بىلە ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت،مەن بۇرۇن كۆپ نەرسە يوللىمىغاچقا ئىملا خاتالىقىغا تازا دىققەت قىلماپتىمەن،بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12398
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32452
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوچىدا بىرنەرسە يەپ مېڭىش ئادەمنىڭ كۆزىگە غەلىتى كۆرىنىدىغان ،ئەدەپسىز قىىلقلارنىڭ بىرى ....
تېمىڭىزدا تىلغا ئالغان ھېلىقى بالىدىن سۆيۈندۈم..

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76096
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:05:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنقىدنى توغىرا چۈشىنىپ خاتالىقىڭىزنى تۈزەتكىنىڭىزدىن سۆيۈندۇم...............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش