مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1578|ئىنكاس: 24

بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇسۇلماننىڭ بەختى ئىسلام بىلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70853
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4731
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 08:06:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن


ئەلھەمدۇ لىللەھى رەببىلئەلەمىين، ۋەئەقىبەتۇ لىلمۇتتەقىين، ۋەسسالەتۇ ۋەسسەلەمۇ ئەلە راسۇۋلىھى مۇھەممىدىۋۋەئەلىھى ۋەئەسخەبىھى ئەجمەئىين.


جىمى ھەمدۇ – سانا گۈزەل ماختاشلار پۈتۈن ئالەمەلەرنى ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى بولغان ئاللاھقا بولسۇن. ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى پۈتۈن ھاياتلىقىنى ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋە شۇنىڭغا چاقىرغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.
ۋاقىت بولسا ئىنساننىڭ ھاياتى، ئۇنى ھەرگىز زايا قىلماسلىق كېرەك ۋە پايدىسىز ئىش – ھەرىكەتلەرگە سەرىپ قىلىپ بىھۇدە ئىشلار بىلەن تۈگەتمەسلىك كېرەك. ۋاقىتنى زايە قىلماي تىجىگەن كىشى ئەقىللىق، سائادەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنى يامان ئەمەل ۋە ناچار سۆز –ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكۈزمەستىن بەلكى ئۆمۈرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاۋات قىلىش كېرەك. ئۆمرىڭىزنىڭ ھەر بىر مىنوتىدا ئىززەت – ھۆرمىتىڭىز ۋە ئابرۇيىڭىزنىڭ ئۈستۈن بولۇشىغا ، قەدەممۇ – قەدەم يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئاساس قويالايسىز. ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۈيۈك بەخت ۋە ئالىي مەرىۋەم بولسۇن دېسىڭىز راھەت- پاراغەتنى ۋە بىھۇدە ئۇيۇن تاماشىلىرىڭىزنى تاشلاڭ. ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. بىر مىنوت ۋاقتىڭىز ئارقىلىق كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىسىز. بىر مىنوتتا قىلغان ياىشىلىغىڭىز بىلەن ئۆمرىڭىز زىيادە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سىزگە قىلغان ئاتاسى كۆپ بولىدۇ. دىنى چۈشەنچىڭىز زىيادە بولىدۇ. ھەر مىنۇتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلسىڭىز، ياخشىلىق دەپتىرىڭىزگە نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلار يېزىلىدۇ. ئۆتكۈزگەن ۋاقتىلار ھەققىدە ئاللاغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز ئاسان بولىدۇ.
تۆۋەندە بىر مىنوتتا قولغا كېلىدىغان كۆپ ساۋاپلىقنى ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى بايان قىلىمەن. ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى چەكلىك ھاياتىمىزدا ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئەمين !
1. بىر مىنوتتا«سۇرە فاتىھە» نى 5 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بىر قېتىم ئوقۇسىڭىز 1400 ساۋاب، 5 قېتىم ئوقىسىڭىز 7000 ساۋابقا ئېرىشىسىز. قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ؟
2. بىر مىنوتتا « ئىخلاس» (قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد) سۇرىسىنى 10 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بىر قېتىم ئوقىسىڭىز قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىسىز. دېمەك 3 قېتىم ئوقۇسىڭىز قۇرئاننى بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگەتكەننىڭ ساۋابىنى ئالىسىز.(بۇخارى)
3. بىر مىنوتتا بىر بەت ياكى يېرىم بەت قۇرئان ئوقۇيالايسىز. بۇنىڭ ھەر بىر ھەرىپىگە 10 ساۋاب بېرىلىدۇ. (تېرمىزىي)
4. بىر مىنوتتا قۇرئاندىن بىر ئايەتنى ئۆگىنەلەيسىز ياكى يادلىيالايسىز، بىر ئايەتنى ئۆگەنسىڭىز ياكى يادقا ئالسىڭىز، ئاللاھ جەننەتتە بىر دەرىجىڭىزنى ئۈستۈن قىلىدۇ.(تىرمىزىي)
5. بىر مىنوتتا « لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لەشەرىكەلەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلەكۇللى شەيئىن قەدىر»
مەنىسى: « يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۈپ، جىمىكى نەرسىگە ئاللاھنىڭ تولۇق قۇدرىتى يېتىدۇ» نى 10 قېتىم ئوقۇيالايسىز. ئۇنىڭ ساۋابى تۆت قۇل ئازات قىلغاننىڭ ساۋابى بىلەن ئوخشاش. (بۇخارى)
6. بىر مىنوتتا « سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى » يەنى(ئاللاھ ھەممىە نوقساندىن پاكتۇر، ئاللاھنى مەدھىيەلەيمەن) نى 100 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ سۆزنى 100 قېتىم ئوقۇغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى ئازات قىلغاننىڭ ساۋابى بىلەن ئوخشاش.(بۇخارى)
7. بىر مىنوتتا « سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھەنەللاھىلئەزىم » يەنى ( ئاللاھ ھەممە نوقساندىن پاكتۇر. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمەن، ئاللھ ھەممىدىن بۈيۈك ۋە مۇقەددەستۇر) نى 40 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ سۆزنى 40 قېتىم ئوقۇيالايمىز. بۇ كەلىمە تىلغا يەڭگىل، ئاللاھنىڭ تارازىسىدا ئېغىر كىلىدىغان ۋە ئاللاھ ياخشى ككرىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ سۆزلەرنى بىر قېتىم دېسىڭىز جەننەتتە سىز ئۈچۈن بىر تۈپ كۆچەت تىكىلىدۇ. (بۇخارى)
8. بىر مىنوتتا « سۇبھەننەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللەھى ۋەلە ئىلەھە ئىللەللەھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر» يەنى ( ئاللاھ مۇقەددەستۇر، جىمى ھەمدۇ – سەنا ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك، بىر ئاللھدىن باشقا ئىلاھ يوق) نى 10 قېتىمدىن كۆپرەك ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر، ئەڭ ئەۋزەلدۇر، تارازا – مېزانغا ئەڭ ئېغىردۇر.(مۇسلىم)
9. بىر مىنوتتا « لاھەۋلە ۋەلە قۇۋۋەتە ئىللە بىللە» يەنى ( كۈچ – قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر) نى 30 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمە جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن چوڭ بىر خەزىنە، غەمدىن خالاس بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.( بۇخارى)
10. بىر مىنوتتا « لائىلاھە ئىللەللاھۇ » يەنى ( بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق) نى 40 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ كەلىمە بولۇپ، تەۋھىد كەلىمىسى، ئەڭ پاك ۋە ئىمان سۆزى بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى بولسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ.( بۇخارى)
11. بىر مىنۇتتا « سۇبھەنەللاھى ۋەبىھەمدىھى ئەدەدە خەلقىھى ۋەرىزا نەفسىھى، ۋەزىنەتە ئەرىشىھى، ۋە مىدادە كەلىمەتھى» يەنى ( ئاللاھ ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللھنى مەدھىيەلەيمەن، ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىچە ۋە ئۆزى رازى بولغانغا قەدەر ۋە ئەرشىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە چىڭلىقى باراۋىرىدە ئاللاھنى ھەممە نۇقساندىن پاك دەپ مەدھىيەلەيمەن) نى 15 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمىلەرنىڭ ساۋابى باشقا زىكرى – نەسىھەتلەرنىڭ ساۋابىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. (مۇسلىم)
12. بىر مىنوتتا « ئەستەغفىرۇللاھ » يەنى ( ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلەيمەن» نى 100 قېتىم ئوقۇيالايسىز. ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتى ھەممىگە مەلۇم. ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتى بىلەن گۇناھكار كەچۈرۈلىدۇ. جەننەتكە كىرىشكە ئاساس بولىدۇ، قۇۋۋەت زىيادە بولىدۇ، بالا ۋە مۇسبەت كۆتۈرىلىدۇ، يامغۇر كۆپ چۈشىدۇ. ئاللاھ ئىقتىساد ئاتا قىلىدۇ، ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. دۇنيادا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ . بۇ ئىشلارنىڭ ھەمىسى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان.
13. بىر مىنوتتا رەسۇلۇللاھقا 20 قېتىم دۇرۇد ئوقۇيالايسىز، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ سىزگە 200 قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.
14. بىر مىنوتتا ئاسمان – زىمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە تەپەككۈر قىلالايسىز.
15. بىر مىنوتتا دىلىڭىز ئاللاھقا تەشەككۈر ئىيتىشقا ۋە ئاللاھنىڭ بەرگەن مول نېمەتلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ ئاللاھقا رەھمەت ئىيتىشقا ۋە ھەمدى ئېيتىشقا ئىنتىلىشى مۇمكىن.
16. بىر مىنوتتا قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ مەزمۇنى بولغان دۇئالاردىن خالىغىنىڭىزچە ئوقۇپ ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلىيەلەيسىز.
17. بىر مىنوتتا توققان ياكى دوستلىرىڭىزغا تېلېفۇن ئارقىلىق ياخشى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن.
18. بىر مىنۇتتا بىر نەچچە مۇسۇلمانغا سالام بېرىشىڭىز مۇمكىن.
19. بىر مىنوتتا بىر يامان ئىشنى توسۇيالىشىڭىز مۇمكىن.
20. بىر مىنوتتا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى بولسىمۇ ياخشى ئىشقا بۇيرىشىڭىز مۇمكىن.
21. بىر مىنوتتا بىر قېرىندىشىڭىزغا بولسىمۇ نەسىھەت قىلىشىڭىز مۇمكىن.
22. بىر مىنوتتا بىرەرسىگە بىر ياخشىلىق قىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
23. بىر مىنوتتا غەمگە چۆمگەنلەرنىڭ بىرەرسىگە غەمخۇرلۇق قىلالايسىز.
24. بىر مىنوتتا مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن ئەرزىيەتلىك نەرسىنى ئېلىۋېتەلەيسىز.

دېمەك، ھەر كۈنى بىھۇدە زايە بولىۋاتقان ، پايدىسىز ئىشلار بىلەن ئىسراپ بولىۋاتقان بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتلىرىڭىزنى ياخشى يوللارغا سەرپ ئەتسىڭىز ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى يىققان بولىسىز. ھەر بىر مىنۇتلىرىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئادەتلەنسىڭىز تەبىئيكى سائەتلىرىڭىزنى، كۈنلىرىڭىزنى ۋە ئايلىرىڭىزنى بىھۇدە سۇدەك ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالالايسىز.
قېرىندىشىم! بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئىخلاسىڭىزغا ، جەننەتكە ھېرىسلىغىڭىزغا باغلىق. ئاخىرەت دەسمايىڭىزنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىتا قىزغىنلىقىڭىزغا باغلىق. قېرىندىشىم بۇ ئىشلارنى قىلماق تەس ئەمەس، ئۆگەنمەك ھەم
تەس ئەمەس. ئاللاھ سۆيگۈسى بولغان قەلىبدە بۇ ئەمەللەر قىزغىنلىق بىلەن ئورۇندىلىدۇ.
ئى قېرىندىشىم! بۇلاردىن سىز ئائىلىڭىزدىكىكەرگە، يار – بۇرادەرلىرىڭىزگە ۋە قېرىنداشلىرىڭىزگە تەلىم بېرىڭ، چۈنكى قانچە ئادەم سىزنىڭ تەلىمڭىز بىلەن بۇ ئىبادەتلەرنى قىلسا، قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ساۋابى سىزگىمۇ ئوخشاش ساۋاب بولۇر!

مەنبە:http://tozimas.com/a/eser/02/2012/0305/386.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 09:21 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
نۇربىيە + 300
hal305 + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 397   باھا خاتىرىسى

بىلىمسىزلىكنىڭ بالياتقۇسىدا قۇللۇقتىن ئبارەت تۆرەلمە يىتىلىدۇ.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8054
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 09:26:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ماقالە بوپتۇ ......   ئادەم ئوقۇپلا بىر خىل ئويغا سېلىپ قويدىكەن

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11502
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2780 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 09:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،بەكمۇ تەپسىلى يىزىپسىز ،  دىللار ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15033
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2436 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 09:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك ماقالە بوپتۇ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

قۇرئاننى ئىگىز كۆتۈرۋالغانلارغا ئەمەس،قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلغانلارغا ئىشىنىڭلار.چۈنكى ئۆز دەۋىردە بىر قىسىم مۇناپىقلار ھەزرىتى ئەلىنى قۇرئاننى ئىگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.
_مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەر خانلىق مەدىرسىدە ياڭ زىڭشىن تەيىنلىگەن مولل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38501
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4255
تۆھپە نۇمۇرى: 194
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 09:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممىدىن 14-سىنى ياقتۇردۇم.

باشقىلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلسۇن دېسىڭىز ، ئاۋۋال سىز باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ !

خەيرى-خوش باللىقىم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24464
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7300
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5057 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك تىما يولاپسىز، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن..

ئالاھىم ھارامغا قارشى مىنى ھاللالغا قانائەتكار قىل، سەندىن باشقىسىغا مىنى مۇھتاج قىلما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6445
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3328 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:30:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12347
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2718 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،    ئىسىل تېما يوللاپسىز!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76096
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 12:08:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ...
سىزنىڭ بىھۇدە ئۆتكەن بۈگىنىڭىز تۈنۈگۈن ۋاقىتسىز كەتكەنلەرنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئىدى..
مەن بۇ سۆزنى بەك ياقتۇرىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 09:48:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ، نۇرغۇن ۋاقىتلىرىمىزنى بىھۈدە ئۆتكىزىۋىتىمىز ، اللە دىن ئۆزەمگە مەغپىرەت تىلەيمەن ، ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەن ‹‹ 1مىنۇت›› لارنىڭ ھىسابىنى كىيىن قانداقمۇ بېرىپ بۇلارمەن ، ئەھمىيەتلىك تېمىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش