توپكاپى سارىيى ئىستانبۇلدىكى چوڭ ئوردا بۇلۇپ ،ئوسمانلى سۇلتانلىرى 624يىللىق ھۈكۈمرانلىق تارىخىدا تەخمىنەن تۆتيۈز يىل (1465-يىلىدىن 1856-يىلىغىچە)تۇرغان جاي.بۇ بىر خان قەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ،ۋەزىر –ۋۇزرالارنىڭ پادىشاھ بىلەن كېڭىشىشىگە ۋەئوردىدىكى بەگزادە_خېنىملارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا خاس قىلىپ لايىھەلەنگەن.توپكاپى سارىيى ھازىر ئىستانبۇلدىكى داڭلىق سەيلە ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپلا قالماستىن، ئۇ يەردە يەنە پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن قالغان نۇرغۇن تەۋەرۈكلەر ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.توپكاپى سارىيىدائىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئاسار ئەتىقىلىرى كۆپ ساقلانغان بۇلۇپ،1985-يىلى ب د ت پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئورداقۇرۇلىشىغا 1453-يىلى ئىستانبۇلنى ۋىزانتىيەلىكلەر قولىدىن فەتىھ قىلىپ بۈيۈك ئىسلام مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرغان سۇلتان مەھمىت ئىككى بۇيرۇق چۈشۈرگەن بۇلۇپ،1459-يىلى قۇرۇلۇش باشلىغان.ئوردا تۆت چوڭ ھويلا ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن چوڭ كىچىك ئىمارەتلەردىن تەشكىل تاپقان.ئەڭ ئاۋات بولغان چاغلاردا ،ئوردىدا 4000دىن ئۇشۇق ئادەم تۇرغان،ئوردىنىڭ بىر تەرىپى گۈزەل دېڭىز ساھىلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.1509-يىلىدىكى يەر تەۋرەش ۋە 1605يىلىدىكى ئوت ئاپىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن توپكاپى سارىيى نەچچە ئەۋلات سۇلتانلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن زور دەرىجىدە كېڭەيگەن.ئوردىدا ھەرەم –قەسىرلەردىن سىرت يەنە،مەسجىد،دوختۇرخانا ،ناۋايخانا ۋە پۇل قۇيۇش زاۋۇتلىرى بار ئىدى. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىدىن تارتىپ ،ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ فوسفۇر بويىغا سالدۇرغان يېڭى ئوردىلىرىنىڭ قەد كۈتۈرىشى بىلەن ،توپكاپى سارىيى ئاستا ئاستا ئۆز مۇھملىقىنى يوقاتتى.1865-يىلى سۇلتان ئابدۇلمەجىد بىر شەھەردىكى بىردىنبىر ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان دولمەباغچا ئوردىسىغا كۆچۈپ كىتىشنى قارار قىلدى.ئەمما خەلىپىلىك خەزىنىسى،كۈتۈپخانا ۋە پۇل قۇيۇش زاۋۇتلىرى توپكاپى سارىيىدا قالدۇرۇلدى. ئوسمانىلارخەلىپىلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ،1921-يىلى توپكاپى ساريى ئۆزگەرتىلدى،1924يىلى خەلىپىلىك دەۋرىدىكى مۇزىيغا ئايلاندى.توپكاپى سارىيىدائوسمانىلار خەلىپىلىگىنىڭ بىناكارلىق نەمۇنىلىرى ياخشى ساقلانغان.توپكاپى خەزىنىسىدە نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جوڭگۇدىن كەلتۈرۈلگەن نەپىس فار فورلار،يىپەك كىيىم كېچەكلەر ،قورال ،نەيزە قېلىچ ،ئوسمانلى دەۋرىدىكى مىنيارۇت رەسىملىرى ،ئىسلامى ھۆسىنخەت ،قوليازما ،تام رەسىم ۋە ئوسمانلى جاۋاھىراتلىرى ساقلانغان.قېنى دوستۇم،بىرلىكتە توپكاپى سارىيىنىڭ بىباھا گۆھەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى!!
ئالتۇن چۆگۈن
ئالتۇن چۆگۈن
ئەتىرگۈل شەكىللىك جام
كۆك ياقۇت قۇيۇلغان ئالتۇن كومزەك
ئالتۇن دەستىلىك قورال
ئالتۇن دەستىلىك مىلتىق
ئاپتۇۋا
ئالتۇن شەمشەر
قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن كومزەك
ياقۇت كۆزلۈك لوڭقا
خىرۇستال كۇپ
ئالتۇن لوڭقا
شاھانە تەخىت
ئالتۇندىن ياسالغان ماروژنى قاچىسى
ئالتۇن خەنجەر
مەرۋايىت كۆزلۈك تاجا
شاھانە ئورۇندۇق
ئالتۇن دۇبۇلغا
ئالتۇن قەلەم قېپى
ئالتۇن بۆشۈك
ئالتۇن تام سائىتى
ئالتۇن سائەت
زەڭگەر چىنە قاپاق
نەپىس ئىسرىقدان
جوڭگۇنىڭ چىنىسى
قىزىل ياقۇت كۆزلۈك پىيالە
زىننەتلەنگەن پىيالە
زەڭگەر چىنە تاۋاق
ئىنگىلىزچىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى پايدىلانغان مەنبە:تۈركىيە بىلكەنىت ئۇنۋىرسىتىتى تورى ئىنگىلىزچە ۋىكى ئىنسىكولوپىدىيەسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-9 07:30 PM
|