|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نورۇز پەيتىدە ئۆزىنىڭ «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى پىلان قىلدى.
نورۇز بىز ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى، بالىلار بىز ئۈچۈن ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى. بىز تۇنجى ساننى ئەنە شۇ ئوماق، تاتلىق بالىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت سۆزلەشمىدىن باشلاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
بىز بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شۋېتسىيە Goteborg ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى رەنا مۇھەممەد خانىمنى تەكلىپ قىلدۇق.
تورداشلار دوكتور رەنا مۇھەممەد خانىمدىن سورىماقچى بولغان بالىلار كېسەللىكلىرى، بالىلار ساقلىقىغا ئائىت سۇئاللىرىنى مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويسا، بىز بۇ سۇئاللارنى رەتلەپ، سۆھبەت داۋامىدا رەنا دوكتوردىن سوراپ، تورداشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەيمىز!
دىققەت: سۆھبەت 11-مارت (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىنماقچى. شۇڭا، سۇئال سورىماقچى بولغانلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سورىماقچى بولغانلىرىنى ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى 2012-يىلى 9-مارت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eldawa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-9 01:01 PM
|
|
|
|
|
|