|
|
|
|
ماڭا نىمە بولدى؟ مەن چوڭ بولماقتىمەن،بالىلىق ئىسكەنجىسىگە ئورانغان روھىم قايتدىن تاۋلانماقتا.مەندىكى ھىس-تۇيغۇلار ئۆزگىرىشكە باشلىدى،تېخى ھېلىغىچە ئانامنىڭ ئىللىق مېھىر-مۇھەببىتى تەپتىدىن ھېچقانداق جاپا-مۇشەققەت تەمىنى تېتىپ كۆرمىگەن،كۆڭلىدە ئوقۇشتىن ئۆزگە بۆلەك ئارمان يوق غەمسىز قىزدىن بىلىپ-بىلمەي ئۆزگىرىۋاتىمەن. "ئاپلا،ماڭا نىمە بولدى؟"دەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە نىدا قىلىپ.ئەقلىم بىلەن ھىسياتىم دائىم مۇنازىرە ھالەتتە،بۇ مۇنازىرىلەر بەزىدە شۇنچىلىك كۈچىيىپ كېتىدۇكى ھەتتا ئۇلار ئارىسىدا بىچارە جىسمىم خىجىلچىلىق ئىچىدە قالىدۇ،بۇرۇن ئەقلىم بىلەن ھىسياتىمنىڭ ئوتتۇرىسىىدا بۇنداق جېدەل-ماجرا يۈز بەرمەيتىغۇ؟ ئەمدى نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار كىلىپ چىقىدىغاندۇ.بۇرۇنقى ئويناق ھىسياتىمنى ئەقىلممۇ شۇنداق قوللايتى،ئۇلار ئىجىل-ئىناق ئۆتەتتى،ئەمدى نېمىشقا؟.................... شۇنداق سۇئاللار پۈتۈن روھىمنى ئىگەللىۋالدى،روھىم دائىم"مەن پاكلىققا مۇھتاج"دەيدۇ ماڭا.ئەقىلىم روھىمنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشقا رازى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەھدە بەردى،ئەمما ھىسياتىمدىن ھىچ ئۇنداق سادا كىلىدىغاندەك ئەمەس،مەن ئويلايتتىم:ئەگەر ھىسياتىم بويىچە ئىش كۆرسەم،ئەقىلىم تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ،ئەقلىم نۇرلانسا ،روھىم ئەلۋەتتە پاكلىنىدۇ. بىراق مەن خاتالاشتىمۇ نىمە؟ھىسياتىم نىمە ئۈچۈن روھىمنىڭ پاكلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەدە بىرەلمەيدۇ؟ ئۇمۇ خۇددى ئەقلىمگە ئوخشاش روھىم پاكلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟بۇ ئۈچەيلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلاشسا ،مەن ئاندىن مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرلىيەلەيتىمغۇ.بۇلار مىنىڭ ھاياتلىق سەپىرىمدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەم ئەڭ يېقىن مەسلەكداشلىرىم ئەمەسمىتى،بۇلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئاقىۋەتتە مىنى ئوتقا ئىتتىرىشى مۇمكىن،ياق مەن بۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرشۇم كېرەك.ئەقلىم بىلەن روھىم بىرلىشەلىدى،ئەمما ھىسياتىم ئۇنداق قىلالمايۋاتىدۇ،مەن ھىسياتىمنى كونتۇرۇل قىلمىسام بولمىغۇدەك،مەندە ھىسياتىمنى كونتۇرۇل قىلغۇدەك قۇرال بارمىدۇ؟مەن بۇنداق قۇرال تېپىش ئۈچۈن ئەسلىملىرىمگە قايىتتىم.بۇرۇن ھىسياتىمنى باشقۇرۇپ تۇرغان مەۋھۇم نەرسىنى ئىزلەشكە باشلىدىم،باللىق خاتىرلىرىمنى ئاختۇردۇم،بۇ چاغدىكى ھىسياتىم شۇنچىلىك ساپ،ئەقلىم نۇرلۇق،روھىم پاك ھالەتتە ئىكەن،ئۇ چاغلاردا ئەتراپتىكى ھەممە شەيئىگە شۇنچە قىززىقسىناتتىم،ئۇلارغا ئىشەنچ بىلەن قارايتىم.مىنىڭ ھىسياتىم ئىچىگە چوڭقۇر بىر ئەقىدە يۇشۇرۇنغان ئىدى،شۇ ئەقىدە تۈرۈتكىسىدە ھىسياتىم چىن،ساپ ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنىدى.باللىق ئەسلىملىرىم قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،ئۆسمۈرلۈك ئەسلىملىرىمنى قازغىلى تۇردۇم،بۇ چاغدىمۇ ئەقلىم بىلەن ھىسياتىم ئوتتۇرىسىدا كۆپ ئىزتىراپلار يوق ئىدى،ھېلقى ئەقىدەممۇ ئۆزگەرمەپتۇ،بىراق مەندە نامەلۇم نەرسە يىتىلىۋاتقاندەك تۇراتتى،بۇ زادى نىمە نەرسە بولغىيتى؟ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغىنىمدىن كۆپ ئەپسۇسلاندىم.ئەمدى بىر ھەقىقەتنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم،بۇ نامەلۇم نەرسىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ،ھىسياتىم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتىپ بارغاندەك تۇراتتى.ئەقىدەم ھىسياتىمنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا ئۈندەيتى،بىراق ئەقىدەم بۇ نامەلۇم نەرسىنىڭ زورىيىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئامالسىىز ئىدى،مەن ئىتبارسىز قارىغان بۇ نەرسە ئەمدىكى ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتى بولغان ياشلىق مەزگىلىمدە ھىسياتىمغا خۇجا بولماقچى بولىۋاتىدۇ،ئۇ ھىسياتىمنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلۋالغاندەكلا تۇراتتى،ھېلقى ئەقىدە ھىسياتىمغا تەنبىھ بەرسىمۇ،ئۇنىڭ ھىچ خىيالىغا كىرىپ چىقىدىغاندەك ئەمەس.ئەمدى ئامال تاپتىم،مەن ياكى ئەقىدەمنى كۈچلەندۈرۈپ ئۇنىڭ ھىسياتىمغا بولغان ھۆكۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشىم كىرەك ئىكەن ياكى بولمىسا ئۇ نامەلۇم نەرسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،نەدىن پەيدا بولغان بولسا شۇ يەرگە قوغلۇشۇم كىرەك. ئەقىل،ھىسيات ،روھ سىلەر رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ نىمەتلىرىدۇرسىلەر،سىلەرنى ئىختىلاپقا سېلىپ قويسام ،ئاخىرەتتە رەببىم ئالدىدا نىمە دەپ جاۋاب بىرىمەن،سىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مىنىڭ بۇرچۇم.مەن تۇغۇلۇشۇمدىلا پاك روھىمغا سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ ئەقىدەمنى تېخىمۇ بېيىتاي،بۇ ئەقىدە تۈرۈتكىسىدە ياشلىق پەيتىمدىكى بۇ داۋالغۇشلارنى بۈسۈپ كىتەلەيدىغىنىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
مەنبە:ئۆز قەلمىم.
كۆڭۈل خاتىرەمدىن -شىرنە.
|
|
|
|
|
|