مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2533|ئىنكاس: 24

لويۈەن: گىن ئۆزگەرگەن جانلىقلارنى قورال قىلغان يېڭى ئىستىراتىگىيى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2351
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27669
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لويۈەن: گىن ئۆزگەرگەن جانلىقلارنى قورال قىلغان يېڭى ئىستىراتىگىيىلىك ھۇجۇمدىن ھوشيار بولۇش كىرەك





ئاساسى مەزمۇنى:2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چاقىرىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-قېتىملىق 5-ئومۇمىي يىغىنىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن كاتىپى مايور گېنرال لويۈەن 3-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەتنىڭ  جانلىقلار بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى  ۋە گېنى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن جانلىقلار (ماددىلار)نىڭ توختاۋسىز تۈردە كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە چەتئەلنىڭ جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىغا قول تىقىۋاتقانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتتى. ھەمدە دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۈرلەر ۋە <<ئالاھىدە ۋاكسىنا>>نى قورال قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نوپۇسىغا قارىتا ئىستىراتىگىيىلىك ھۇجۇم قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك جانلىقلار بىخەرلىكى تەجىربەخانىسىنىڭ قۇرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بېرىپ ئۆتتى.

ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا،1996-يىلىدىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن ماددىلارنىڭ بازارلىشىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ۋە بۇ تېخنىكا يېزا-ئىگىلىك، دوراگەرلىك، سانائەت ھەتتا ھەربىي ئىشلار ساھەسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ گېنى ئۆزگەرگەن ماددىلار بارا-بارا ئىستىمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرگەن.

لويۈەن مايور گېنرالنىڭ قارىشىچە ھەرقانداق بىر پەن-تېخنىكا ۋە جەمىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، گېنى ئۆزگەرگەن جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى بولسا پۈتۈن دۇنيا سودا بازىرىدىكى سەزگۈر مەسىلە، شۇنىڭ بىلەن بىردەك مىللەتنىڭ كەلگۈسى داۋاملىشىشىغا چېتىشلىق قىززىق نوقتا ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو جانلىقلار بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرىنەرلىكى بولسا گېن ئۆزگەرتىلگەن تۈرلەرنىڭ توختاۋسىز تۈردە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كېتىشى ۋە جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا ساھەسى ۋە باشقا دورا ياساش جەريانىغا چەتئەللىكلەرنىڭ قول تىقىشىنى مەيلىگە قويىۋېتىشىدۇر. بۇنىڭدا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق تەھدىت بولسا دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۈرلەر ۋە <<ئالاھىدە ۋاكسىنا>> لارنى قورال قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نوپۇسىغا يېڭى شەكىلدە ئىستىراتىگىيىلىك زەربە بېرىشىدۇر. ئەمما بۇنىڭغا بولسا جۇڭگونىڭ ھوشيارلىقى تېخىچە كەمچىل يەنى مۇداپىئە قىلماسلىق ۋە پاسسپ ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر!

لويۈەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە يۇقۇرى قاتلامدىكىلەرنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە قارىتا جىددى قارىشىنى ئۆستۈرىشى كرەكلىكىنى تەكلىپ بەردى. جانلىقلار بىخەرلىك مەسىلىسى دۆلەت ئىچىدىكى قېلىپلاشتۇرۇلمىغان تەتقىقاتلار ۋە سودىدىن كېلىشى مۇمكىن، ياكى چەتئەللەردىن ھەرخىل مەقسەتتە كىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك تەھدىتى شۇنداقلا يېڭى شەكىلدىكى ئىستىراتىگىيىلىك زەربە بېرىش ۋاستىسى، شۇ تۈپەيلى بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئۇرۇشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن تۆۋەن ئەمەس.

شۇڭا پۈتۈن خەلققە جانلىقلار بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كادىرلار بۆلۈمى ۋە خىزمەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، مەسئۇلىيەتچان رەھبەر بولۇش، دۆلەتلىك جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى جانلىقلار بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا تەكشۈرۈش، جۇڭگونىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىك لېنىيىسىنىڭ دۆلەت ئىستىراتىگىيىسى ۋە قانۇن-سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىش كېرەك.

لويۈەن ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى بېرىپ جانلىقلار بىخەتەرلىكى دۆلەتلىك تەجىربەخانىسى ۋە باھالاش مەركىزىنى قۇرۇش، ھەربىيلەر ۋە يەرلىكتە تەڭ ئورگان قۇرۇشنى ئېلىپ بېرىش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش. ئىمپورت قىلىنغانلىكى بارلىق گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ بىر ۋاقىتتا ئىككى باھالاش مەركىزىنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىشى كېرەك. ۋە بۇ ئورگان جانلىقلار بىخەتەرلىكى تەھدىتىنىڭ ھەربىيلەردىن، پەن-تېخنىكىدىن، ھۆكىمەت ئورگىنىدىن، رەھبەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دەۋىرىدىن ھالقىغان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشى كېرەك شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنىڭ قالقىنىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

مەنبە: شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تورى


بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىلا قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2595
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10489
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا نىمە ئىشتۇ بۇ ؟ بىز بازاردىن ئىپ يەۋاتقان پاچىغى بالامنىڭ پۇتىدەك يوغان توخۇلار شۇ گېنى ئۆزگەرگەن نىمىلەرمىدۇ ؟

غۇلجا شەھەر چۇغلۇق يىزا-ئېگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:39:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى خەۋەر ئىكەن بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك سىرلىق تەشكىلات دىگەن تىمىدا ئاشۇ تەشكىلاتنىڭ مۇشۇنداق ھۇجۇم ئىلىپ بىرۋاتقانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم بۇ خەۋەر راس ئوخشىمامدۇ؟ئەگەر راستىنلا چاتاق بۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئىغىر بولىدىغاندەك قىلىدۇ،دۆلەت بۇنىڭغا قارىتا ياخشى تەدبىر قوللىنشى كىرەك دەپ قارايمەن!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللىرىمىزغا ۋاكسىنا سالدۇرمىساق بولامدۇ نىمە،  يىقىندىن بۇيان مۇشۇ ۋاكسىنا توغۇرلۇق مىش-مىش پاراڭلار ئاۋۇپ قالدى دىسە.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئو! مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئەتە-ئۆگۈن «生化危机» كۆز ئالدىمىزدىلا كۆرەمدۇق نىمە؟ ھۆكىمىتىمىز قاتتىق ئىھتىيات قىلسا بولغۇدەك جۇما!

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10144
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7861 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا ۋاكسىنا سالغۇزمىسا يەسلىگە ۋە مەكتەپكە كىرگەندە ئاۋارىچىلىق بولىدۇ،سالغۇزاي دىسە خىلمۇ خىل مىش-مىش پاراڭلار،گاڭگىراپلا  قالدۇققۇ؟

كۈچىمىز يەتمىگە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5611
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 3079 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:36:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەتنىڭ مانۋىررىنى كۆردىكەنمىزدە ...شۇنداق بولىۋەرسە..

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش