ئاكامنى ئەسلەپ ئويناق كۈلكە،ئۆزگىچە خۇلق، ھەمراھ ئىدى سىنڭ روھىڭغا. خىسلەتلىرىڭ شۇنچىلىك تۇلۇق، ئىلھام بەرگەن مىنىڭ دىلىمغا.
چاقچاق ئارىلاش قىلغان نەسىھىتىڭ، ماڭا قىلغان ئۆلمەس مىھنىتىىڭ. تىنىم تاپماس ئىشچان خىسلىتىڭ، ماڭا ئۈلگە مەڭگۈگە ئاكا.
سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنا ھايات، مەن ئۈچۈن گوياكى بىر ئابىيھايات. ۋاقىتسىز ئايرىلدىڭ،ئۆرلىدىڭ كۆككە، پاكلىق ئالىمىدە ئاچقىن كەڭ قانات.
قەلبىمدە ئۆركەشلەر ئۈنسىز بىر نىدا، دائىما ياد ئىتەر سىنىڭ ئىسمىڭنى. ئازابلىق جۇدالىق ئۆرتەر قەلبىمنى، ماڭا تايانىچ يۆلەكتۇر پەقەت بىر خۇدا.
سەن كىتىپ ئۆيىمىزدە قالدى بىر بوشلۇق، پاك جۈپتۈڭ چېھرىدە يۇقالدى خۇشلۇق. ئاكا قانمىغان بىز سەندىكى ھەممە،ھەممىگە، سەنسىز يۈرۈشىمىز مۇمكىنمۇ روھلۇق.
قېرىنداشلىق مېھرى چاقنىغان قەلىب، ئىرىتەركەن ھەتتاكى تاشنىمۇ يېرىپ. سەندىكى شۇ گۆھەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ، ھوسۇل ئالارمەن قەلبىمگە تېرىپ.
|