مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 15

قاسىم سىدىق ئەسەرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەككە مالىكۇلا تەركىۋىدىكى «زەرەتلەرنىڭ تارقىلىش»خەرىتىسىنىڭ ئەھمىيىتى

قاسىم سىدىق



2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۆنى پەن-تىخنىكا تورىدا ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC)نىڭ 3-كۆنى تەتقىقاتچىلارنىڭ تۇنجى قىتىم يەككە مالىكۇلا تەركىۋىدىكى زەرەتلەرنىڭ ئورۇنلۇشۇش خەرىتىسىنى ئىشلەپ چىققانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاتقانلىغىنى ئېلان قىلدى.


该科研组的第一项电荷分布测量结果与理论完全相符

بۇ خەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۆچۆن مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.
شەكىل نەزەريىسىدە ئالەمدىكى بارلىق جىسىم ۋە تۆزۆلۆشكە ئىگە زەررىچىلەر قايتا پارچىلانمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە «ئېن»لاردىن تۆزۆلۆدۇ،«ئېن»لار بولسا ماسسا-ئىنىرگىيە،زەرەتلەرنىڭ ئىلمىنتار بىرلىكى،ئۇلارنىڭ تىزلىكى كىرىتك تىزلىك بولۇپ ئالەمدىكى ئومۇمى ھەركەت مىقدارى،ماسسا-ئىنىرگىيە،زەرەت مىقدارى قاتارلىقلار «ئېن»لارغا تەقسىملەنگەن ۋە ئۇلاردا ساقلىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ.بۇ ئۇچۇر شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن قىلغان پەرەزلىرىگە نىسبەتەن تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇردىن ئىبارەت.ئاتوم ۋە مالىكۇلالاردىكى زەرەتلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىش تەبىئى ھالدا تېخىمۇ مىكرۇ بولغان دۇنيادىكى زەرەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۆشۆنۆشتە مۇقەررەر بىسىپ ئۆتۆشكە تىگىشلىك بىر باسقۇچ.مۇبادا «ئېن»دەك مۇشۇنداق بىر ئىلىمىنتار رىياللقنىڭ مەۋجۆتلىگىنى ئ
ىتراپ قىلغان ئەھۋال ئاستىدا «ئېن»لاردا زەرەتلىك خۇسۇسىيەت بولمايدۇ دەپ قارالسا ئۇ ھالدا بۇ خىل خۇسۇسىيەت تۆزۆلۆشكە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ قايسى باسقۇچىدا ،قانداق شەرىتلەرگە ئاساسەن پەيدا بولۇپ قالدى ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تىپىش كىرەك.بۇندىن باشقا بۇ ھالدا بىز زەرەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ ئۆزۇل -كىسىل مەنىدە ساقلىنىش قانۇنى بولالمايدىغانلىغىنىمۇئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز لازىم.
كۆرۆنۇپ تورۇپتۇكى زەرەت زەررىچىلىك خارەكتىرگە ئىگە ئۇبىكتىپ ماددى رىياللىق.ئەگەر ئۇ «ئېن»لاردا ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولمىسا ،ئۇ ھالدا ھەجىمى «ئېن»دىن چوڭ بولغان،زەرەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يەنە بىر خىل ئىلىمىنتار زەررىچە بار دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.مىنىڭچە بۇنداق ئىھتىماللىق يوق دىيەرلىك.

2012.3.6





ئۇچۇر مەنبەسى :

研究人员获得首个单分子“电荷分布”图


  http://www.stdaily.com   2012年03月04日  来源: 新浪科技  作者: 秋凌

................
这项研究的第一论文作者法比安-莫恩说:“现在我们已经可以从单个分子级别研究原子和分子的个别化学键形成时,它们表面的电荷是如何重新分布的。这是我们探寻建造原子和分子级别的装置的基础。”(秋凌)-中国科技网

تولۇق ئۇچۇرنى يۇقۇرقى ئۇلىنىشتىن كۆرۆۋىلىڭ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 06:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:52:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاسىم سىدىق ماقالىلىرىدىن

ماشىننىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى


قاسىم سىدىق


كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپ قاسىم سىدىق كۆپ يىللاردىن بېرى ئىلمىي تەتقىقات بىلنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەزكۈر ماقالىسى جۇڭخۇا مائارىپ سەنئىتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن «جۇڭخۇا مائارىپ سەنئىتى» ژۇرنىلى بىرلىكتە بۇ يىل 4-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن «مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىللىرى ۋە ئىىديۋى تەربىيە سەنئىتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلۇپ مەمىلكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبى، باھالىغۇچى ئالىملار ۋە يىغىن قاتناشچىلىرى ئارىسىدا زور قىزىقىش قوزغىدى.

قاسىم سىدىق 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى باشلىغان. ئۇنىڭ بۇ يولدىكى جاپالىق ئىزدىنىشلىرى ئاخىرى مېۋە بەردى ھەم قىسمەن ماقالىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ، كەڭ كىتاپخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ۋە مۇتەخەسسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ يېزىپ تاماملىغان يېرىك ئىلمىي ئەسەر «بوشلۇق نەزەرىيىسى»، «ئىلھامنىڭ سىرى» قاتارلىقلار ئۇنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ قالدى.

بىز كەڭ ئۇقۇرمەن ۋە ئاپتورلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق ئۆزگىچە ئىلھام ۋە تەسىراتلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ـــــــــ مۇھەرىردىن

1. "تەبىئى ئادەم" ۋە "ئىجىتمائىي ئادەم"


بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىمىز ھەققىدە ئانترۇ پولۇگلار(ئىنسانشۇناسلار) ئىچىدە "بىر ئاتا تەلىماتى" ۋە "كۆپ ئاتا تەلىماتى" دىن ئىبارەت تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت. ھازىر ئىلىم ئەھلى تولاراق "بىر ئاتا تەلىماتى"غا مايىل. ھالبۇكى، بۇخىل كۆزقاراش ئىسلام ۋە خىرستىيان تەلىماتىنىڭ "ئادەم ئاتا" ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى بىلەن مۇئەييەن مەنىدە ئورتاقلىققا ئىگە.

ئىنسانشۇناسلارنىڭ قانداق بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىن قەتئى نەزەر، بىر نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولدۇكى، ئەڭ ئىپتىدائى ئادەم ياكى ئەڭ ئىپتىدائى ئادەملەر جەزمەن ھازىرقىدەك ئىجىتمائىيلاشقان ئادەم بولماي، بەلكى رۇشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا (خاسلىققا) ئىگە تەبىئى ئادەملەردۇر.

"تەبىئى ئادەم"


"تەبىئى ئادەم"نىڭ ھاياتىلىق تارىخىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئارخىپى ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن تىخى تۇرغۇزۇلغىنى يوق. شۇنداقلا، مىنىڭ بىلىشىمچە بۇ ھەقتە سىسېتىمىلىق توختۇلۇش قولىمىزدىكى تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. پەقەت بىر نوقتا رۇشەنكى، زامان ۋە ماكان نوقتىسىدىن ئالغاندا، "تەبىئى ئادەم" ۋە "تەبىئى ئادەم"لەرنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.

چىن مەنىدىكى، ئەڭ دەسلەپكى "تەبىئى ئادەم" زادى قانداق خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە؟ ئۇنى ھازىرىقى زامان ئىلم-پەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا

مۇنداق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ:

(1) ئەڭ دەسلەپكى "تەبىئى ئادەم". ئىجىتمائىي فۇرما ۋە ئىجىتمائىي ئاڭغا ئىگە ئەمەس. (2) ئىجىتمائىي ئالاقە ۋە بىلىش قورالى بولغان جانلىق تىلىغا ئىگە ئەمەس. (3) لوگىكا چەكلىمىسىگە ئىگە ئەمەس. (4) فىزىئولوگىيلىك مەقسەتكە ئىگە. (5) يۇكسەك ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە. (6) يۇكسەك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە. (7) يۇكسەك تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە. (8)يۇكسەك پىداكارلىق روھىغا ئىگە. (9) ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە ئەمەس.

يۇقۇرقى جاپاكەش ئادەمنىڭ مەدەنيەت تارىخىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگۇرۇشلەرگە سەۋەپ بولغان تۈپ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ يۈكسەك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىدە. دەرۋەقە، تەبىئى فىزىلۇگىك ئېھتىياج (ھاياتلىق ئېھتىياجى) بۇ ئادەمدىن ئىجادى پىكىر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساددا ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇر، ئىجاتكارلىق ۋە يۇكسەك پىداكارلىق روھى،ھىچقانداق لوگىكىلىق چەكىمىگە ئىگە بولمىغان بۇ ئادەمدە، ئەركىن جارى بولىدىغان تۈپ خۇسۇسيەتلەردۇر. بۇ ھەقتە داۋرىننىڭ "تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى" ۋە "ئىنسانلارنىڭ كىلىپ چىقىشى" ناملىق كىلاسسىك ئەسەرلىرى بىزگە زۆرۇر مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

"ئىجىتمائىي ئادەم"

"ئىجىتمائىي ئادەم" تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسيەتلەرگە ئىگە:

(1) ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەمەس. (2) ئىجادچانلىققا ئىگە ئەمەس. (3) لوگىكا چەكلىمىسىگە ئىگە. (4) ئىجىتمائىي ئاڭ ۋە فۇرمىغا ئىگە.

(5) ئىجىتمائىي ئالاقە ۋە بىلىش قورالى بولغان جانلىق تىلغا ھەم ئىشارەت تىلىغا ئىگە. (6) ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە.

"ئىجىتمائىي ئادەم"، ئىجىتمائىي مائارىپنىڭ مەھسۇلى. بۇ يەردە ئۇزۇل-كېسىل مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بۇلىدۇكى، ھېچقانداق شەكىلدىكى مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرمىگەن ئادەم، "ئىجىتمائىي ئادەم" بولالمايدۇ. مەيلى قايسى دەۋىردە بولمىسۇن، ئىجىتمائىي ئادەمگە ئايلانغان ھەرقانداق شەخىس ئىككى قاتلاملىق ئادەمدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بىرى، "تەبىئىي ئادەم" قاتلىمى، يەنە بىرى، "ئىجىتمائىي ئادەم" قاتلىمىدۇر.

يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئادەمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى مودېلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز بۇ بۇۋاقنى روبىنزۇن كىرۇزۇ(1) بىر زامانلاردا ياشىغان ئارالغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ھىچقانداق تەربىيە بەرمەي، چوڭ قىلالىساق ئەڭ ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئادەمنىڭ جانلىق تىپىغا ئېرىشىمىز. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى، تەربىيە قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىق ئادەملەر، ئىككى قاتلاملىق ئادەملەردۇر.

2. ئىپتىدائىي مائارىپ


تارىخى نوقتىدىن قارىغاندا مائارىپنى ئىپتىدائىي مائارىپ ۋە زامانىۋى مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى تۇرگە ئايرىشقا بولىدۇ. زامانىۋى مائارىپ ھەققىدە ئىزاھات خاراكتىرلىك ئەسەرلەر شۇنچە نۇرغۇن يېزىلدىكى، بۇ يەردە قايتا توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاپتۇر پەقەت تېما ئىھتىياجىنى

كۆزدە تۇتۇپ، ئىپتىدائىي مائارىپ ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

ئىپتىدائىي مائارىپ تارىخىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. مائارىپنىڭ نېگىزلىق ئېنىقلىمىسى "ئۆگىنىش" نى كۆزدە تۇتقاندا،بۇخىل تارىخنى، ئىنسانىيەت تارىخىدىن قەدىمىي تارىخ دەپ، ئۈزۇل-كېسىل مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ. مەيلى قايسى خىل جانلىققا نىسبەتەن ئېيتىلسۇن، قاچان ۋە قەيەردە "ئۆگىنىش" ۋە "ئۆگىتىش" ئەمەليىتى شەكىللەنگەنىكەن. شۇ يەردە، شۇ جانلىقلار تۇرىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىپتىدائىي مائارىپ تارىخىغا ھۇل بېسىلدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. (بو نوقتىدا ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئارتۇق توختىلالمايمىز.) "ئۆگىتىش" ۋە "ئۆگىنىش" ئەمەليىتىنىڭ تارىختىكى ۋاقىت تەرتىۋى قانداق ئىدى؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىش، ماقالىمىزنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.

ھازىقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىزگە شۇنداق ھوقۇق بېرىدۇكى، ئەڭ ئىپتىدائىي مائارىپ بىرخىل ئىستىخىيىلىك مائارىپ بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن "ئۆگىتىش"جەريانى ئەمەس. بەلكى "ئۆگىنىش" جەريانىدۇر! پۈتكۈل جانلىقلار تارىخىدىن قارىغاندا، ئۆگىنىش ئەمەليىتى، ئۆگىتىش ئەمەليىتىدىن ئىلگىرى تۈرىدۇ. بىر جانلىق ئۆزى بىلەن تۈرداش ياكى تۈرداش بولمىغان يەنە بىر جانلىقنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز دورىغىنىدا، ئۇ دەل ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئەمەليىتىنى باشتىن كەچۇرگەن بولىدۇ. مانا بۇ تەبىئى، ئىستىخىيىلىك بىر جەرياندىن ئىبارەت. قەدىمقى يۇنانلىقلارنىڭ "تەقلىتچىلىك تەلىماتى" نى بىر يولى ئىنكار قىلىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بۇ تەلىماتنى يەنىلا ھاياتىي قۇدىرەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. "مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاش" كېرەك.

"ئۆگىتىش" ئەمەليىتى، ئىجىتمائىي ئاڭنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەرقانداق شەكىلدىكى "ئۆگىتىش"، مۇئەييەن "پىرۇگرامما" نى چىقىش قىلىدۇ.

كۆرۈنۇپ تۇرۇپتۇكى، ئەڭ ئىپتىدائىي ئادەملەر، ناھايتى ئىجدىھاتلىق ئادەملەر، جاپاكەش ئادەملەر ۋە ئۆزلۇكىدىن ئۆگەنگۇچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ دەرىسخانىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پايانسىز ۋە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسى ئىدى.

3. "ئىجادى نەرسە" ۋە "تەقلىدي نەرسە"


تۇنجى ئىجاتكار

ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىمىز قاچان، قەيەردە بىرەر ھەرىكەت ياكى بىرەر نەرسىنى كەشىپ قىلغان ئىكەن، دەل شۇكىشى (ياكى مەخلۇق) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىجاتكار ھېسابلىنىدۇ.

"ئىجادىي نەرسە"


"ئىجادىي نەرسە" – يۇكسەك ئىندىۋىدۇئاللىققا ۋە تەڭداشسىزلىققا ئىگە نەرسىدىن ئىبارەت.

"ئىجادىي نەرسە" پۈتكۈل مەدەنيەت تارىخىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى. مەدەنىيەت تارىخى، قەدىمقى زامان مۇتەپپەككۈرلىرى، ئالىملرى، سىياسىئۇنلىرىدىن تارتىپ، ھازىرقى زامان مۇتەپپەككۇرلىرى، ئالىملىرى ۋە سىياسىئۇنلىرى ياراتقان تارىخ. مەدەنىيەت تارىخى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۇل ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئومۇمىي پائاليىتىنىڭ ئىپادىلىنىش تارىخىدىن ئىبارەت.

"تەقلىدى نەرسە"

"تەقلىدى نەرسە" – ئىجادىي نەرسىنىڭ كۆچۈرۇلمىسى، شۇنداقلا ئومۇملاشتۇرۇلغان، كۆپەيتىلگەن نوسخسىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق شەكىلدىكى"تەقلىدى نەرسە" ئىككى ئاساسىي شەرىت ئۇستىدە قارار تاپىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئىجادىي نەرسە، يەنە بىرى، مائارىپ.

بىرلىككە كەلگەن جەمىيەت


بىرلىككە كەلگەن ھەرقانداق جەمىيەت "تەقلىدى نەرسە" لەرنىڭ يىغىندىسى. ئىجىتمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئاڭ-ئىدىيە ساھەسىدىكى ئورتاقلىقلار، ھاياتلىق ھەركىتى ۋەھاكازالاردىكى ئورتاقلىقلارنىڭ ھەممىسى "ئىجادىي نەرسە" نىڭ كۆچۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،"ئىجادىي نەرسە"، جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ يادۇرۇسى ۋە ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى. بۇ يادرۇنى مەركەز قىلغان سىستېما بولسا، "ئىجادىي نەرسە" نىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇلغان تەقلىدى گەۋدىسىدىن ئىبارەت. "ئىجادىي نەرسە" بولمىسا، "تەقلىدىي نەرسە" بولمايدۇ. "تەقلدىي نەرسە" بولمىسا، بىرلىككە كەلگەن جەمىيەتتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

خىرستۇس مۇئەييەن مەنىدە "ئىجتىمائىي ئادەم" ۋە "ئىجادىي نەرسە" سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، بىر پۈتۈن خىرستىيان دۇنياسىنى ياراتتى. مۇئەييەن مەنىدە ئېتىشقا بولىدۇكى، خىرىستىيان دۇنياسى، ئەيسانى ئەندىزە قىلغان "تەقلىدى نەرسە"دىن ئىبارەت. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىمۇ، مۇھەممەت پەيغەمبەرنى مەركەز قىلغان تەقلىد دۇنياسىدۇر.

سىممىترىك دۇنيا


"ئىجادىي نەرسە" بىلەن "تەقلىدىي نەرسە" ئوتتۇرىسىدا بىرمۇ-بىر ماسلىق تۈزۈلگەن بولسا، ئومۇمىي سىستېما سىممىتىرىك سىستېما بولۇپ ھىسابىلىنىدۇ ۋە مۇشۇ ئەندىزە بىلەن قۇرۇلغان دۇنيا سىممىتىرىك دۇنيادىن ئىبارەت. ئۇنىڭ خۇسۇسيىتى:

(1) بۇخىل دۇنيا، تەكرارى جەريانلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. (2) بۇخىل دۇنيا، كونسىرۋاتىپ دۇنيادىن ئىبارەت. (3) بۇخىل دۇنيا، ئۆلۈك دۇنيادىن ئىبارەت. بىز"ئىجادىي نەرسە"نى ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە ھاياتلىق روھىنىڭ يادرۇسى دەپ قارىغىنىمىزدا، ئەھۋال دەل شۇنداق بولىدۇ. سەۋەبى سىممىتىرىك دۇنيا، ئۆزى سادىق بولغان ئەندىزدىن باشقا ھەرقانداق "ئىجادىي نەرسە" نى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۇخىل دۇنيا ھەقىقى مەنىدىكى ئۆلۈك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. (4) بۇخىل دۇنيا تۇرغۇن، بىرلىككە كەلگەن دۇنيادىن ئىبارەت.

غەيىرى سىممىتىرىك دۇنيا


"ئىجادىي نەرسە"بىلەن "تەقلىدىي نەرسە" بىرمۇ-بىر ماسلىق تۈزمىسە بۇ خىل دۇنيا غەيرى سىممىتىرىك دۇنيا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. غەيرى سىممىتىرىك ھالەت ئومۇمەن ئىككى نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ.

(1) ئەندىزە سوبيېكتى بولغان"ئىجادىي نەرسە"دىكى ئۆزگۇرۇش ۋە ئىچكى زىدىيەتلەر.

(2) ئەندىزە ئوبيېكتى بولغان "تەقلىدىي نەرسە"دىكى ئۆزگۈرۈش ۋە ئىچكى زىدىيەتلەر.

دېمەك، ھەرئىككى نۇقتىدا ياكى بىر نوقتىدا ئەسلىگە سادىق بولماسلىق ھالىتى مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل دۇنيا سىممىتىرىك دۇنيا بولالمايدۇ. غەيرى سىممىتىرىك دۇنيانىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى:

(1) ئۆزگۈرۇشچان بولىدۇ. (2) ئىچكى زىدىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ. (3) بىرلىككە كەلمىگەن بولىدۇ. (4) ھاياتى قۇدىرەتكە تولغان بولىدۇ. كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، ئىنسانيەت جەمىيىتى تاھازىرغىچە مەيلى ئىلىم-پەن مەيلى باشقا نوقتىلاردىن ئېتايلى، غەيرى سىممىتىرىك ھالەتنى ساقلاپ كەلدى ۋە ساقلاپ كەلمەكتە.

"ئىجادىي نەرسە"نىڭ ئىنقىلابيلىقى


(1) تارىخى نوقتىدىن ۋە ئومۇمىيلىقتىن قارىغاندا، "ئىجادىي نەرسە"ئىنقىلابى بولىدۇ. "قۇياش مەركەز تەلىماتى"، "نىسبىيلىق نەزىريىسى" قاتارلىقلار بۇنىڭ رۇشەن دەلىلى. گالىلىي، نيۇتۇن، ئارخېمىد قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتى ئەينى ۋاقىتتا، ئەنە شۇنداق ئىنقىلابىي ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ، ئىلم-پەن تارىخىدا ئالەمشۇمۇل بۇرۇلۇش ياسىمىغانمىدى؟!.

(2) "ئىجادىي نەرسە" ئۆز نۆۋىتىدە، ئۆزى تۇغۇلغان جەمىيەتكە نىسىبەتەن "قارشى ئىلنمايدىغان نەرسە" بولۇپ قالىدۇ. بىرۇنونىڭ ئوتتا كۆيدۇرۈلىشى، گالىلينىڭ جازالىنىشى،ئېنىشتېيننىڭ مەسخىرىگە ئۇچۇرشى رىئال پاكىت.

(3) "ئىجادىي نەرسە" ئۆز نۆۋىتىدە، مۇقەرەر نەرسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نوپۇزلۇق تەلىماتلار، ئۆز زامانىسىدا قانچە كەمسىتىلىشىدىن قەتئىنەزەر ھامان غەلبىگە ئېرىشىپ كەلدى.

(4) "ئىجادىي نەرسە" تارىخى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، "كونسىرۋاتىپ نەرسە" گە ئايلىنىپ قالىدۇ. نىيۇتۇن مەلۇم مەنىدە ئېنىشتېيننىڭ دۇنياغا كىلىشىگە "ئاداۋەت" تۇتمىدىمۇ؟!

"تەقلىدىي نەرسە"نىڭ كونسىرۋاتىپلىقى

(1) "تەقلىدىي نەرسە" ئومۇملاشقان نەرسە بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۆز مەنبەسىدىن باشقا غەيرى تەقلىدىي نەرسىلەرنى چەتكە قاقىدۇ. پىتولمى كوپىرنىكنىڭ تۇغۇلىشىنى ئون سەككىز ئەسىر كەينىگە سۇرۋەتمىدىمۇ؟!

(2) "تەقلىدىي نەرسە" نوپۇز تىكلەپ، "مۇقەددەس نەرسە"گە ئايلانسا، ئۆز مەنبەسىدىن باشقا ھەرقانداق ئىنقىلابى خاراكتېرگە ئىگە، "ئىجادىي نەرسە"نى چەكلەيدۇ. "مۇقەددەس نەرسە" چېقىلغىلى بولمايدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۇچۇن، ئەڭ كونسىرۋاتىپ بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، گۇمانلىنىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقى، ئىنسانىيەت ئۆزى كەشىپ قىلغان "مۇقەددەس نەرسە" نىڭ زەربىسىگە تا ھازىرغىچە ئۇچىراپ كەلمەكتە.

4. ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى


ماشىنا دىگەن نىمە؟

(1) "ماشىنا" – ئابىستىراكىت (ۋە ياكى كونكىرېىت)، ماددى شەكىلگە ئىگە بولمىغان ئىنسان تېخنىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ ماددىيلىشىشى ۋە ئوپتىكلىق ئوبرازىغا ئايلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمەك، ماشىنا ئادەمنىڭ كۆچۇرۇلمىسى، فۇنكىسيە نوقتىسىدىن ئالغاندا، ماشىنا ئادەمنىڭ تەقلىدىدۇر. ئادەمنىڭ فىزۇلۇگىك مىخانىزىملىرىنىڭ فۇنكىسيىسى بىلەن ماشىنىنىڭ فۇنكىسيىسى ئۆزئارا ماسلىق تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، فۇنكىسيە نوقتىسىدا ئادەم بىلەن ماشىنا بىرخىل سىممىتىرىك ھالەتكە ئىگە.

(2) "ماشىنا" – تۈپ ئالاھىدىلىك نۇقتىسىدىن ئېتقاندا، ئالدىن تەييارلانغان پىرۇگراممانى مىخانىك ھالدا تەكرارلىغۇچى نەرسىدىن ئىبارەت. ئارخېمىدىنىڭ پىشاڭىدىن تارتىپ، ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكتىرۇنلۇق مېڭىگىچە بولغان بارلىق ماشىنلار سىستېمىسى ئادەمنىڭ تەقلىدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(3) شۇنداق دەپ ھۆكۇم قىلىشقا بولىدۇكى: ئالدىن تەييارلانغان مۇئەييەن "پىراگرامما"نى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز، مىخانىك ياكى ئورگانىك تەكرارلىغۇچى ھەرقانداق نەرسە، فۇنكىسيە نۇقتىسىدىن ئېتقاندا ماشىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى


ھەرقانداق شەكىلدىكى "ماشىنا" فۇنكىسيە نۇقتىسىدىن ئادەمنىڭ تەقلىدىي، شۇنداق ئىكەن بارلىق ماشىنىلار سىستېمىسىنى ئادەمنىڭ ئۈچۈنچى قاتلىمى دەپ قاراش كېرەك (تەبىئىي ئادەم قاتلىمى، ئىجىتمائىي ئادەم قاتلىمى، مىخانىك ئادەم قاتلىمى) بۇ قاتلام ئەلۋەتتە، بىئولوگىيىلىك ۋە پىسخېلۇگىيىلىك قاتلام ئەمەس. ئۈزۇل-كېسىل مىخانىك قاتلام. ئالدىنقى ئىككى قاتلام ئوتتۇرىسىدا ھەم بىئولۇگىيىلىك ھەم لوگىكىلىق باغلىنىش بولسا، كېيىنكى قاتلام بىلەن ئالدىنىقى ئىككى قاتلام ئوتتۇرىسىدا پەقەت لوگىكىلىق باغلىنىش مەۋجۇت. بۇ نوقتىدا كونكىرېىت توختۇلۇش، مەخسۇس بىر تېما تەلەپ قىلىدۇ.

ئادەمنىڭ ئۈچۇنچى قاتلىمى تەدرىجى ھالدا يوقلۇقتىن بارلىققا، ئادىيلىقتىن، مۇرەككەپلىككە ۋە تەكەممۇللۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىپ بارغۇچى قاتلامدىن ئىبارەت. ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى، ئېلېكتىرۇنلۇق مېڭىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، "ماشىنا" نىڭ "ئادەم" لىشىشىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىنىڭ بىرى.

كونكىرېىت ئادەم فۇنكسيىسى بىلەن كونكىرېىت بىر"ماشىنا"نىڭ فۇنكىسيىسى ئوتتۇرىسىدا، قانچىلىك ئوڭ تاناسىپلىق (سىممىتىرىكلىك) مۇناسىۋەت شەكىللەنسە، بۇ "ماشىنا" شۇنچىلىك "ئادەم" لەشكەن بولىدۇ. نۆۋەتتىكى تىخنىكا ئىنقىلابى، دەل مۇشۇ ۋەزىپىنى تۈپ مەقسەت قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مۇبادا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئەڭ ئالىي فۇنكىسيىسى بولغان، ئىجادىي تەپەككۇر فۇنكىسيىسىنى "ماشىنا"غا كۆچۇرۇش مۇمكىن بولسا، ئۇھالدا "ماشىنا"، "ئادەم"نىڭ بارلىق ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز زىمىسىگە ئالالايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى بىر نوقتىدا "ماشىنا"، "ئادەم"دىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ بولسىمۇ – سۇرئەت!

ئادەمنىڭ ماشىنلىشىشى


بارلىق "تەقلىدىي نەرسە"لەر، سۇنئى نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئۈزۈل-كېسىل لۇگىكىلىق ئىدىيە شۇنداق قارايدۇ. ئىجادچانلىققا ئىگە بولمىغان ئادەم، شەك-شۇبھسىزكى "تەقلىدىي نەرسە"ۋە سۈنئىي نەرسىدىن ئىبارەت. ئادەم، ئادەمنىڭ تەقلىدىي. مانا بۇ ئىجىتمائىي ئىنساننىڭ فۇرمىسى. بۇ يەردە بىز ئاناتومىك، ئانتىروپومتىرىيلىك خاسلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرمايمىز. بۇخىل خاسلىقلار تەبىئى ئادەم قاتلىمىدىكى خاسلىقلار بولۇپ، ئجدىمائىي ئادەمنىڭ فۇنكىسيىسىنى تەتقىق قىلشتا ھېچقانچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى، ئالدىنقى بىر ئادەمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى (پىرۇگىرامما) بىلەن بىرمۇ –بىر ماسلىق تۈزسە، مانا بۇ تولۇق ماس تەقلىد ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئادەم گويا بىر پىروگىرامما سۈپىتىدە، كېيىنكى ئادەم (ماشىنا) گە كىرگۈزۇلىدۇ. ئەگەر بۇ "ماشىنا" پىروگىراممىغا مۇتلەق بوي سۇنسا، ئو ئەلۋەتتە مۇكەممەل "ماشىنا"بولىدۇ. ئەگەر بۇ "ماشىنا" پىروگىراممىنى ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى بويسۇنمىسا، "بۇزۇلغان ماشىنا" ھېسابلىنىپ، "رېمونىت" قىلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پىتولمىنىڭ "يەر مەركەز تەلىماتى" بىر پىروگىرامما سۈپىتىدە، تاكى كوپىرنىكقىچە، تەقلىتچى ئىلىم ئەھلىدىن ئىبارەت "ماشىنا" لار سىستېمىسىغا كىرگۈزۇلۇپ، ئۇزىنىڭ قاششاق ۋە كونسىرىۋاتىپ ئىمپېىريىسىنى ياراتمىدىمۇ؟! گالىلى قاتارلىقلار بۇ پىروگىراممىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولىۋىدى ئۇلار "رېمۇنىت" قىلىندى. ھەتتا، بىرۇنو"چۇۋۇپ" (2) تاشلاندى.

يۇقارقىلاردىن شۇنداق يەكۇن چىقىرىش مۇمكىنكى، ئادەمنىڭ ئىجتمائىلشىش دەرىجىسى بىلەن ماشىنلىشىش دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

يەنە مائارىپ ھەققىدە


مائارىپ ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن ئىدىيىلەرنى ئۆزىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش نىشانى قىلغاچقا، ئۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىن بىر كونسىرىۋاتىپ سىستېما. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تىخىمۇ شۇنداق. بۇخىل كونسىرىۋاتىپلىق ئەلۋەتتە، زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە مائارىپ بۇخىل خۇسۇسيىتىنى مۇئەييەن چەك ئىچىدە تەرىك ئەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن بۇ دىگەنلىك، مائارىپ ئۆز بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان ھەرقانداق "ئادەم" نى "ماشىنا"غا ئايلاندۇرۋەتسۇن دىگەنلىك ئەمەس.

مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىدى ۋە ئەڭ ئالىي نىشانى تەبىئى ئادەمنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇرى، گۇمانلىنىش ئىقتىدارى ۋە پىداكارلىق روھى قاتارلىقلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش بولۇشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرقى ئىقتىدار ۋە روھلار تۈپ نىشان قىلنماي، ئەكسىنچە چەكلىنىدىكەن ئۇ ھالدا ئىلم-پەن تارىخى كىرزىسكە يولۇقىدۇ. بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسىبەتەن بۇ تولىمۇ ئېغىر پاجىئە!

ئېلېكتىرۇنلۇق ئوقۇتۇش بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز مەسىلىگە دىيالىكتىكا نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك. ئېلېكتىرۇنلۇق ئوقوتۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە مىتۇدى توغرا تاللانمىسا، تۆتىنجى ئادەم قاتلىمى مەيدانغا كېلەمدۇ. قانداق؟ بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۇزۇشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، "ماشىنا"، "ئىجىتمائىي ئادەم" دىن ئىگىلىگەن مىخانىك ئىقتىدارنى، يەنە بىر ئەۋلات "ئادەم"لەرگە ئۈگەتسە، تەبىئىي ھالدا، "تەبىئىي ئادەم" نىڭ ئىقتىدارى تەرىك قىلنىدۇ-دة، بىئولوگىيىلىك سۈپەتكە ھەم مىخانىك فۇنكىسيىگە ئىگە "ئادەم" (ماشىنا) لەر قاتلىمى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بەلكىم مۇبالىغىدۇر، لېكىن بۇ نوقتىنى نەزەرگە ئىلىش بەكمۇ زۆرۇر.

ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تۈپ شۇئارى شۇكى، مائارىپنىڭ يۆنۈلۈشى ھەققىدە قايتا- قايتا ئويلىنىش لازىم. مائارىپنىڭ تۈپ نىشانىنى "تەبىئىي ئادەم" نىڭ بارلىق ئىجادىي ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۇرۇش، جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا قارىتىش كېرەك. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە.


ئىزاھلار:

(1) دانئېل دېفۇنىڭ "دېڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرۇنزۇ"رومانىدىكى باش قەھىرمان.

(2) بىرۇنو-"قۇياش مەركەز تەلىماتى" غا سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆيدۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىللىق 5-سانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 05:15 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-17 06:02 PM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاسىم سىدىق:كۆرەلمەسكە

كۆرەلمەسكە


قاسىم سىدىق


كۆرەلمەستىن خەلق ئاگاھ بولغۇسى،

دەۋر ھەمدە تارىخ ئاگاھ بولغۇسى،

ھەي كۆرەلمەس قويۇپ بەرسەك مەيلىڭگە،

ئەۋلاد ئۈچۈن دوۋزاق دەرگاھ بولغۇسى.

يىلان بىلەن چايان ئىكەن ئۈلپىتىڭ ،

ئۇلاردىنمۇ چارى ئىكەن زەخمىتىڭ،

ۋەتەن ياكى مىللەت ئۈچۈن پايداڭ يوق،

دۈشمەن ئۈچۈن كەتمەن چېپىش ئادىتىڭ.


تۇقالمايسەن قاملاشتۇرۇپ ماتانى،

ياراتمايسەن خەق تۇقۇغان تاۋانى،

تېخى بازار تالىشىسەن ماتاغا،

يەپ قويدۇڭمۇ نان ئورنىدا ئىزانى .


باشلىق بولۇپ قالساڭ تېخى ئىش چاتاق،

قۇرۇق شاختىن چىقىرىسەن ھۆل پۇتاق،

ئەندىشەڭ شۇ: مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ،

قول ئاستىمدا ئىشلەۋاتقان قۇڭالتاق؟


ساڭا قانچە ئىختىرالار يولۇقتى،

لېكىن شۇئان بۈشۈكىدە تۈنجۈقتى،

ساغلام پىكىر ،ئىنسانىي ئاڭ سەندە يوق،

سېنى كۆرسە يىرتقۇچمۇ ھۇدۇقتى.


كەسپ قىلدىڭ،پىتنە بىلەن نەيرەڭنى،

قانچە تارتتۇق سېنىڭ سالغان جەبرەڭنى.

يامانلىما شۇڭا بىزدىن زىدى پەس،

چوڭقۇر قىلىپ كولىۋەتسەك قەبرەڭنى!


نەس بولۇپ كەت، پەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،

كوچىدىكى خەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،

مانا ساڭا قەدەھ سۇندۇم لەنەتتىن،

قىيامەتكە مەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس!




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاسىم سىدىق:سىنىڭ ئالقىنىڭ خىزىر ئالقىنى!

سىنىڭ ئالقىنىڭ خىزىر ئالقىنى!


قاسىم سىدىق



بوۋا!

ئالقانلىرىڭ سىنىڭ نېمانداق،

شۇنچەيىرىك، شۇنچە كۆپ قاداق؟!

نادانلىق ھەم ھەيرانىلىقتا ،

قورقۇمسىراپ،

كۆزتىكىپ ئۇزاق،

دەيتىم"ئالقان بولامدۇ شۇنداق؟!"



ئەمدى چوڭ بولدۇم،

يىشىلدى سىر، يىشىلدى ھىكىمەت.

گويا ئىچىل دەستۇرخىنىمدەك،

ئالقانلىرىڭدىن،

بوغۇنلىرىڭغا توكۇپسەن نىھمەت.

ئۆزۇڭ تەشنا تۇرساڭمۇ شۇنچە،

بىزگەتۇگۇنۇپ،

ساقلاپسەن شەربەت!.

كۆرمىسەڭمۇ تۇزۇكېرەك راھەت،

قىلماپسەن مىننەت.

ئەمدى بىلدىم،

قۇربان قىلىپ بەرنالىغىڭنى ،

ئانا تۇپىراققا بىرىپسەن زىننەت!.

توۋا،

قىنى مىنىڭ ئادەم بولغۇنۇم،

شۇنچە ئەجىرىڭگە ،

تاكى شۇڭغىچە،

ئىتماپتىمەن تۇزۇكرەك رەھمەت!.



بۇۋا،

نۇرغۇن ئالقانلارنى كۆردۇم شۇڭغىچە،

بەزىلىرى ھىسپتەك دىقماق،

بەزىلىرى پىلىكتەك يۇمشاق.

"ۋازىلىن"نى تەرىك ئەتمەيدۇ،

تەرىك ئىتىدۇ ئەمگەكنى ھەر ۋاق!.

بوۋا!،

"ۋازىلىن"نى ئەسلا بىلمەيسەن،

ئالقانلىرىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇپ.

چىڭ تۇتىسەن كەتمەن دەستىنى،

يىرىلمىسۇن بۇ ئالقان قانداق؟!.



توۋا!،

ھەرقەيەردىن ئىزلەپ يۇرۇپتۇق،

يىنىمىزداتۇرساڭ،

---گۇزەللىك سىنى.

ھارمىدىڭمۇ ئەي رەسسام،

تالمىدىڭمۇ ئەي ھەيكالتاراچ،

سىزىۋرىپ،

تاراۋىرىپ،

خىنىملارنىڭ گىلاس لىۋىنى.

ئاپتاپ كورمىگەن ئاق نانچى ئەرنىڭ،

يۇزماي سۇركىگەن ئاپپاق مەڭزىنى.

گۇزەللك نىمە؟

بارچە گۇزەلكنىڭ رەمزى – مىزانى ،

مۇشۇبوۋايلارنىڭ قاداق ئالقىنى.

سىزىغىن بۇ ئالقاننى ،

تارابۇ ئالقاننى،

ھەيرانۇ-ھەس قالدۇراي دىسەڭ،

جاھان سەنئەت كورگەزمىسىنى!.

بۇئالقانلار،

بىسىپ چۇشىدۇ،

جىمى ھۆرلەرنىڭ جەزىبىسىنى!.

بۇ،ئالقانلارنى ئۇلۇغلا،

سۆيگىن،

تاپاي دىسەڭ،

سۇلايماننىڭ غەزىنىسىنى.



بوۋا!

سىنىڭ ئالقىنىڭ خىزىر ئالقىنى،

پاتىھەبەر نەۋرىلىرىڭگە ،

نۇرغا تولسۇن ئىقبال گۇلشىنى!.

پاتىھەبەر،

روناق تاپسۇن ھالال ئادەملەر،

زاۋال تاپسۇن ئوغرى چاشقىنى!.

پاتىھەبەر،

ئىشلىمەستىن چىشلىگەنلەرنىڭ،

چىقىپ كەتسۇن،كۇكۇم- تالقىنى!.


2003-يىلى9-مارىت.

                                                   مەنبە: ئىلى دەرياسى ژورنىلى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 01:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ھېككىس زەررىچىسىى» ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە ئەمەس


قاسىم سىدىق



  «ھېككىس زەررىچىسى» (پەرۋەردىگار زەررىچىسى) «ئۆلچەملىك مودىل» تەلەپ قىلغان بىر زەررىچە بولۇپ، فېرمى تەجرىبخانىسى ۋە ۋە ياۋرۇپا يادرۇ سوقۇشتۇرۇش مەركىزى بۇ يىل (2011-يىل) ياكى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ زەررىچىنى تىپىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ زەررىچىنىڭ مەۋجۈت ياكى مەۋجۈت ئەمەسلىگى «ئۆلچەملىك مودىل»نىڭ تەقدىرىگە زور تەسىر كۆرسىتەر ئىكەن.
بۇ زەررىچە نۆۋەتتە پۈتكۈل ماددى ئالەمنى تۈز
ىدىغان ئەڭ ئاساسىي زەررىچە دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئىنتايىن قىسقىلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
  مېنىڭچە ئەگەر «ھېككىس زەررىچىسى» بايقالسا ۋە ھەقىقەتەن «ئۆمۈر»گە  ئىگە بولسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «ئېن») بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرنى «ئۆمرى قىسقا ياكى ئۇزۇن» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەسلا تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ. ئۇ ئەبەدى، ئەزىلى، مەڭگۈلۈك زەررىچىدىن ئىبارەت. ئىھتىمال «ھېككىس زەررىچىسى» ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمىنتار زەررىچە (ئېن) لەردىن تۈزۈلگەن، قانچىلەمچىلىگى ئىنىق بولمىغان ھاسىلى زەررىچە بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ھالدا بارلىق ئۈمىدنى «ھېككىس زەررىچىسى»گە باغلاپ قويۇش «ئۆلچەملىك مودىل»نىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى بولالمايدۇ. «ھېككىس زەررىچىسى» زادى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىمۇ -ئەمەسمۇ؟ دېگەن بۇ نوقتا يەنە ئەتراپلىق ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدۇ. مۇبادا، ئۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە بولمىسا بۇ ھالدا «ئۆلچەملىك مودىل» تېخىمۇ مكرۇ بولغان بىر دۇنيانى ئۆزىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان - ئاخرقى ھېسابتا يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى
سىرتىدا قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇ.

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 06:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 12:00:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىز قانداق قارايسىز؟


قاسىم سىدىق


نېيتىرۇنۇ تىزلىگىنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئىشىپ كەتكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان بۇتەجىرىبە نۆۋەتتە بەزى تەجىرىبىخانىلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىش باسقۇچىغا كىردى.

جوڭگۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇتۇن دۇنيادىكى فىزىكا ئالىملىرى ھازىر بۇتەجىرىبىنىڭ نەتىجىسىگە جىددى كۆز تىكمەكتە ۋە ھەرخىل پۇزىتىسىيىلەردە بولماقتا،ئۇلار:

1.تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىشەنمەيدىغانلار

2.تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىشىنىدىغانلار

3.سۈكۈتتىكىلەر

بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىگەئىشەنمەيدىغانلار ئاساسەن «ئاساسىي ئىقىم»تەرەپدارلىرى دەپ قارىلىدىغانلار ئىكەن. ئەنگىليىدىكى بىر داڭلىق فىزىكا ئالىمى ھەتتا بۇ تەجىرىبە راست بولۇپ چىقسا ئۆزىنىڭ كالتە ئىشتىنىنى يىرتىپ تاشلاپ تىلىۋزىيەنىڭ بىۋاستە كۆرسۈتۈش پىراگىراممىسىغايالىڭاچ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ

جوڭگۇنىڭ«ئاساسىي ئىقىم»تەرەپدارلىرىمۇ ئاساسەن بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىشەنمەيدىكەن.

بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىگە ئىشىندىغانلار تەجىرىبە قىلغۇچىلار ۋە نىسبىلىك نەزەرىيىسىدىن گۇمانلىنىدىغان فىزىكا ئالىملىرى، ئاتالمىش«ئەل ئىچى تەتقىقاتچىلىرى»ئىكەن.

فىزىكا ئالىملىرى ئىچىدىكى سۈكۈتتە تۇرغۇچىلارنىڭ كۆپۇنچىسى ئەلبەتتە ئۆزىنى ئايايدىغان «ئاقىل»لار ياكى پۇرسەت كۇتىۋاتقانلار بولۇشى تەبى.
بۇ تەجىرىبە نەتىجىسى دەلىللەنسە ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى ھول ئاساسىدىن ئايرىلىپ ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋەئالەمشۇناسلىغىنى قايتىدىن ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ-دەپ قاراش، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي قاراش ئىكەن.


شەكىل نەزەرىيىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقۇرى تىزلىكنىڭ مەۋجۈتلىگى شەكىل نەزەرىيەسى تەلەپ قىلغان ئەقەللىي مەسىلە، مەن نېيتىرۇنۇنىڭ ماسسىسى فۇتۇننىڭ ماسسىسىدىن كىچىك بولغان زەررىچە ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا يۇقۇرقى تەجىرىبە نەتىجىسىنى توغرا دەپ قارايمەن، لېكىن بەسلىشىپ كالتە ئىشتانسىز سەھنىگە چىقىش ۋەدىسىنى بەرمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇ ئەپەندىگە قارىغاندا بىر ئۇبدان كالتە ئىشتاننى يىرتىۋەتكۇدەك باي  ۋە مەشھۇر كىشى ئەمەس!.


قەدىرلىك تورداش، سىز يۇقۇرقى مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟، مۇستەقىل بىرەركۆز قارىشىڭىز بارمۇ ياكى «ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ» دەپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرامسىز؟!

فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن يۇقۇرقى دۇنياۋى قىززىق نوقتىغا ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈرۈدىغانلار  چىقماسمۇ؟!


2011.11.16

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=post&action=edit&fid=38&tid=6841&pid=20514&page=1


يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟

ـــــــــــــــــــــــــ
我对于中微子超光速最新消息的看法



昨天(223)中微子超光速有了最新消息

对于去年9月意大利OPERA实验室宣称发现中微子速度超过光速的报道,欧洲核子研究中心在223公报中承认,该机构使用的测速方法可能存在问题。原因是实验中连接电脑和全球卫星定位系统(GPS)装置的光纤连接器有松动,以致时间上出现差异,但须进一步测试才能下结论。 按照计划,新一轮实验将于今年5月启动


我的初步看法如下

上述消息说明了欧洲实验人员对于实验结果高度负责的态度

其实,中微子超光速并不是孤立的现象

19872, SN1987A超新星爆发时既有中微子又有光子前往地球,中微子到达时间比光子到达时间早了3个多小时

我在1985年提出中微子可能是超光速粒子,主要理由是:有中微子参加的“在弱相互作用中宇称不守恒”。如果中微子有微小的固有质量,中微子速度应该超光速

总之,超光速中微子是物理学中一个前沿,值得进一步探索和研究


http://blog.ifeng.com/article/16472763.html

国内主流“科学家”对中微子超光速的态度



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 12:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 12:10:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر


(1)

قاسىم سىدىق

(غۇلجاشەھەر دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

ئاساسىي مەزمونى:

زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت يورۇقلۇقلا ئەمەس،بەلكى بارلىق ھەرىكەت سوبىكىتلىرىنىڭ (زەررىچە،جىسىم) ماھىيىتى بولۇپ،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت پەقەت تۈرلۈك- تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى بىرشەكىلدىن ئىبارەت.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەرىكەت شەكلى دەپ تونۇپ،ماكرو جىسىملارھەرىكىتىگىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.ھالبۇكى،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت شەرتلىك،ۋاستىلىق،پەيتلىك،ھادىسە ۋە نەتىجە خاراكتىرلىك رېئاللىق.زەررىچە(ماددى نۇقتا)لىك بولسامۇتلەق،بىۋاستە،ئىزچىل، ماھىيەت ۋە سەۋەپ خاراكتىرلىك رېئاللىق.شۇڭائىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ،بىرلىككەكەلگەن نەزىرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.

يەككە زەرىچىنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغاندا،دولقۇن تەلىماتىدىن ۋاز كېچىپ،ھەرىكەت شەكلى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشى قاتارلىقلارغامۇراجەت قىلىش كېرەك.‹‹ماسسا-ئېنىرگىينىڭ مۇتلەق ھەجىمى››،‹‹ھەرىكەت بىلەن ئارقاكۆرۈنۈش مۇناسىۋىتى››،‹‹كېكىم ئۆلچىمى ›› قاتارلىق يېڭى ئىدىيە ۋە ئۆلچەملەردىن پايدىلىنىپ،ئىنتىرفىرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.


ئاچقۇچلىق سۆزلەر: دولقۇن ئۇزۇنلىقى ،دولقۇن چوققىسى،چاستوتا،مۇتلەق ھەجىم، مۇساپە،ھەرىكەت شەكلى،يۆنىلىش،ك ك م ئۆلچىمى.


مەسىلىنىڭ قويۇلىشى ۋە زۆرۈرىيەت


يونان ئەپسانلىرىدا «ئادەم باشلىق، ئات تەنلىك غەلىتە مەخلۇق» ھەققىدە رىۋايەت بولۇپ، بەزىلەر ‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇندىن ئىبارەت ئىككى ياقلىملىقق رىئاللىق›› نى دەل شۇ مەخلۇققا ئوخشاتقان(1)

‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇن››دىن ئىبارەت زىددىيەت نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىنى بۇ خىل ئىدىيىنىڭ ئاقىۋەت خاتا بولۇپ چىقىش مۇمكىن دىگەن ئەندىشىگە سالغان(2) ئۇ، ئەزەلدىن بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارىلىپ كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا دۇنياسىنى ئەمدى كىلاسسىك فىزىكا ۋە كۋانت فىزىكىسىدىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان‹‹قانۇنىيەت››لەرگە بويسۇنىدىغان ئىككى لاگىرغا ئايرىۋەتكەن .بۇ ھال ‹‹فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئىنرىتسىيلىك سېستىمىلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك››دىگەن پرىنسىپنى مەسخىرە قىلدى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى زەررىچەنۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىنترفىرىنسە، دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش،زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى .تۆۋەندە، يوقىرىقى تەشەببۇسلارغا ئالاقىدارمۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.


1


‹‹دولقۇن››-‹‹ دولقۇن ئۇزۇنلىقى››،‹‹دولقۇن چوققىسى››،‹‹چاستوتا(تەۋرىنىش)››،‹‹سىنۇس ئەگرى سىزىقى›› قاتارلىق ئۇقۇملارئۈستىگە قۇرۇلغان .ھالبۇكى يوقۇرىقى ئۇقۇملار ماكان(مۇساپە)نىڭ مۇئەييەن مىقدارلىرى ۋە ھەرىكەتنىڭ گىئومېتىرىيلىك شەكىللىرىدىن ئىبارەت.يەنى ئۇلارنى پەقەت زەررىچىنىڭ مۇساپىسى ۋە ھەرىكەت شەكلى(سىنۇس ئەگرى سىزىقى ،دەۋر،چاستوتا)دەپ چۈشۈنىشكەبولىدۇ،ماددا دەپ چۈشۈنىشكە بولمايدۇ.يەنى دې بىروگلى ‹‹ماددى دولقۇنى ››نىڭ ھەرگىز‹‹ماددى ››ئەمەسلىكىنى دې بىروگلى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان.(3)مۇبادا يۇقۇرقىلارنىمۇماددى رىئاللىق دەپ قارىساق،ئۇلارمۇ ماسسىغا،زەرەتكە ئىگە ئىگە بولىشى كىرەك.


2



‹‹فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى››دە ئالەمدىكى ماسسا ئېنىرگىيە مۇتلەق ھەجىمگە ئىگە ،،بۇ ئىدىيەمۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھەر قانداق شەكىلدىكى زەررىچىنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 7-ئاكسىئومىسىدا:‹‹ھەر قانداق ھەرىكەت ئارقا كۆرۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ››دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ(بۇ يەردىكى ئارقا كۆرۈنۈش نىيوتون ماكانىدىن ئىبارەت).ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى پەقەت زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى دەپلا چۈشۈنىشكە بولىدۇ.

‹‹ماسسا –ئېنىرگىيە ھەجىمگە ئىگە بولمايدۇ›› دىگەن ئىدىيە ئۆزىگە ئىسپات تاپالغان شارائىتتلايوقارقى نۇقتىنەرەر مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمى››ۋە ھەرىكەت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى7-ئاكسئوما ئېتراپ قىلىنغان ئەھۋالدا،يەنە‹‹دولقۇن تەلىماتى››نى سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.


3


بارلىق‹‹دولقۇن تەلىماتى›› تەرەپدارلىرى يورۇقلۇقنىڭ مەنبەدىن چىققاندا ۋە ئېكراندا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتنى
ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇنداقتامەنبە بىلەن ئېكران ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتا ‹‹دولقۇن››ئىدىيسىنى قوللايدىغان قانداق رېئاللىق بار؟بىز ئېكراننى مەنبەگە قارىتىپ قانچە سۈرسەك(مەنبەنى سۈرسەكمۇئوخشاش)يەنىلا ئارىلىقنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىدا زەررىچىلىكىنى بايقايمىز،تاكى مەنبەبىلەن ئېكراننى چەكسىز يېقىنلاشتۇرغىچە ئەھۋال شۇنداق ئۇنداقتا ‹‹دولقۇنلۇقخۇسۇسىيەت ››قەيەرگە كەتتى؟سەۋەپ شۇكى،زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى ماكان ۋە زامانداھېچقاچان روشەن ئىز قالدۇرمايدۇ.ھالبۇكى،زەررىچىلىك مۇتلەق ۋە ئىزچىل بولىدۇ.


4


ئىنتىىفرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرى زەررىچىلەر(كوللىكتىپ)ئېقىمىنىڭ يىغىندى نەتىجىسى بولۇپ،يەككە زەررىچىدە بۇھادىسەشەكىللەنمەيدۇ.‹‹دولقۇن››تەلىماتى تەرەپدارلىرى بۇ نۇقتىنى ئېتراپ قىلىدۇ.(باشقىچەئېيىتقاندا بۇ ھادىسىلەر گويا ‹‹بىر توپ كىشى››نىڭ ئورتاق نەتىجىسى.ھالبۇكى،بىرتوپ كىشى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىشىلەرنىڭ يىغىندىسى)ئورتاق نەتىجىنى نوقۇل يەككىلىك بىلەن ئورۇنلىغىلى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.يەككە زەررىچىدىن ئىنتىرفىرىنسىيە ھادىسىلىرىنى تەلەپ قىلىش بىمەنىلىكتۇر.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاستىكا مېتود سۈپىتىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.لېكىن ئۇلار ئېلىمىنتار فىزىكىنىڭ ھوقوقىنى تارتىۋالسا بولمايدۇ.


5


ھەر قانداق مەنبە مۇئەييەن ماسسا مەركىزىگەئىگە.بۇمەنبەدىكى زەررىچىلەرنى مەركەزگە نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ۋە كۋانىتلىق ھالدائورۇنلاشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئورۇنلىشىش تەرتىۋى ئۈزۈل-كېسىل مەنىدە:ماكان-ماددا-ماكان-ماددا-ماكان....شەكلىدە بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە ۋە ياكى تار يوچۇقتىن()قوزغالغان زەررىچىلەر ماسسا مەركىزى بىلەن تىك بولغان بىر تۈز سىزىق شەكىللەندۈرگەن ئاساستا ئېكرانغاسوقۇلىدۇ ۋە ئېكراندىكى ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنىشەكىللەندۈرىدۇ.ئېكراندىكى تىلىمچە ۋە بەلۋاغلارنىڭ رېئال خاسلىقى مەنبەدىكىك ۋانىتلىق ھالەتنىڭ كېڭەيگەن شەكلى.باشقىچە ئېيىتقاندا،فوتۇنلارنىڭ يۆنىلىشى بىلەن دەسلەپكى ئورۇن فازىسى ئوخشاش بولىدۇ.(4)دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،بۇ يەردە بىر بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت مەۋجۇت!قۇياش رادىئاتسىيسى چوڭ پارتىلاش؛ۋە ياكى ھەر قانداق مىكرومەنبەگە نىسبەتەن بۇنداق قاراش ئورۇنلۇق.(ئەنئەنىۋى تىل بىلەن ئېيىتقاندا‹‹سىفرىك يۈز››).


6


فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 29-تىئورمىسىدا،‹‹زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەتجەريانىدا،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ››.دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ،.بۇ خىل ئېغىش ‹‹دولقۇن››نى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى.يەنەبىر شەرت شۇكى ،سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان زەررىچنىڭ ئۆز ئوقىمۇ ئايلىنىشى  كېرەك.فوتون دەل يوقارقىدەك ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىدۇ،يەنى فوتوننىڭ ئوقى ئايلانغاندىن باشقا بۇ ئوققا تىك ھالدا،29-تىئورمىدا كۆرسىتىلگەندەك،زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى ئايلىنىدۇ ۋە ئاغىدۇ.ئوقنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇئوققا تىك بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەملىك بولىدۇ.

ئوقنىڭ تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىدىن تەكشىلىكتە سىنۇس ئەگرى سىزىقى، بوشلۇقتا سېفىرال سىزىقياكى كونۇس شەكىللىنىدۇدەپ پەرەز قىلشقا بولىدۇ.ئوقنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن دولقۇن ئۇزۇنلىقى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.(47-تىئورما)

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،يۇقارقى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرگەن ھەر قانداق زەررىچە ۋەياكى جىسىمنى(ئاسمان جىسىملىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)دولقۇن شەكلىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

ھالبۇكى،‹‹دولقۇن››تۈرلۈك–تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى شەرتلىك ھادىسە خاراكتىرلىك بىرلا شەكىلدىن ئىبارەت.


خۇلاسە


‹‹دولقۇن-زەررىچەئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››سېپى ئۆزىدىن زىدىيەتلىك مەسىلە بولۇپ،ئۇ ھەرىكەت سوبىكتىنىڭ شەكلى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى.يوقارقى زىدىيەتلىك ئىدىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ،بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا،نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋەمۇتەپپەككۈرلەر بىمەنە نەزىرىيە دەپ قاراپ كەلگەن(4) ‹‹دولقۇن تەلىماتى››دىن ۋازكېچىش كېرەك.‹‹دولقۇن››نى ھەرىكەت شەكىللىرى ئاتلىسى ئىچىدىكى بىر شەكىل سۈپىتىدەقىستۇرۇپ قويۇش كۇپايە.ئېشىپ كەتكەندىمۇ ‹‹ھەرىكەت شەكىلشۇناسلىقى›› ئىچىدە‹‹دولقۇنشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بىر تەتقىقات تېمىسى تۇرغۇزۇشقىلا بولىدۇ.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاتىستىكا ئەلۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك قورالى.


يۇقۇرقلار مىنىڭ دەسلەپكى پەرەزلىرىم،داۋاملىق ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزمۇنلار بىيىشى ۋە ئۆزگىرىشى مۆمكىن.سەھۋە-خاتالىقلار كۆرسۆتۆپ بېرىلسە قىزغىن قارشى ئالىمەن.


پايدىلانغان ماتىرىياللار:


(1).رىدنىك‹‹مەيدان›› پەننى ئوموملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى1986-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 242-بەت.

(2) jبروۋن، w.c.p. داۋس «ئاتوم ئىچىدىكى ئەرۋاھ» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى2005- يىل 8- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى
7- بەت

(3)لىيۇيوۋچاڭ‹‹ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيلىرىنىڭ مەنبەلىرى›› ؛بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى نەشىرىياتى ؛1995-يىل نەشىرى105-بەت؛

(4)‹‹فىزىكىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەر››شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى117-بەت؛

(5)قولۇڭلاردىكى بۇ ماقالە ‹‹زەررىچە-دولقۇن ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى لوگىكىلىق تەھلىل بولۇپ،فىزىماتلىق ئىسپاتلارئۆستىدە ئايرىم ئىزدىنىشكە توغراكىلىدۇ.


2009 -يىل12-ئاينىڭ10-كۈنى

ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 12:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 12:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زۇرۇرى ئۇلىنىشلار:

爱因斯坦错了还是光缆松了


质疑爱因斯坦时空弯曲论


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 12:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73607
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 01:32:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5-ئەۋلات ھەرخىل تىلفۇنلارغا پۇل قاچىلاش سىستىمىسى سېتىلىدۇسىزگە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان مەزكۇر تېلېفۇنغا ھەق تاپشۇرۇش سېستىمىسى- ئونىۋېرىسال ھالەتتىكى قىممەت تولۇقلاش سېستىمىسى بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش ئاددى ھەم ئوڭاي، سېستىمىنىڭ مۇقىمچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، پەقەت كومپيۇتېرىڭىزدا نورمال تورغا چىققىلى بولسىلا، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ياكى تېلېگراف تېلېفۇنلىرى ، QQكەسىپلىرى ۋە ھەرخىل تور ئويۇنلىرى قاتارلىقلارغا مەيلى رايون سىرتى ياكى ئۆز تەۋەلىكىڭىزدىكى نومۇرلار بولسۇن، پەقەت يېرىم مىنۇت ئىچىدە ھەق تاپشۇرالايسىز (ئەڭ كىچىككەندىمۇ 2 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىراق، بۇنداق ئەھۋال يۈز قېتىمدا بىرەر قېتىم كۆرۈلىدۇ ياكى كۆرۈلمەيدۇ)، تۆلىگەن تېلېفۇن ھەقلىرىگە تالون بېسىپ چىقىرىپ بېرەلەيسىز. مەزكۇر سېستىمىنىڭ سېتىلىش باھاسى پەقەت 300 يۈەن بولۇپ، سىزنىڭ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە بېرىپ، رەسمىيەت بىجىرىشىڭىزنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق، پەقەت 300 يۈەن خەجلىسىڭىزلا مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ھەمدە سىستىمىنى ۋاكالىتەن سېتىپ چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. مەزكۇر سېستىما كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھازىرقى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ھەر قايسى تىجارەت نوقتىلىرى ۋە ۋەكالەتخانىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، خۇددى كومپيۇتېرغا ئوخشاشلا، ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگۈسى. مەزكۇر سېستىمىدىن قانچىكى بالدۇر پايدىلانسىڭىز، سىز ئەڭ بالدۇر ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن. سىستىمىدىن پايدىلىنىپ تاۋباۋ، پەي پەي ، سودا توربىكەتلىرىدە دۇككان ئاچسىڭىز مۇ بولىدۇ،بىر تال سىستىمىدا تاۋباۋ تورىدا 3دۇككان ،پەي پەي تورىدا 3دۇككان ئاچالايسىز ،كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا مۇقۇم ئولتۇرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق كومىيۇتىرىڭىز ئۆچۈرۈگلىك بولسىمۇ،،سىستىمىنىڭ ئاپتوماتىك سودا قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بار،دۇككان ئىچىش ۋە باشقا جەھەتلەردە باشتىن ئاخىر ياردەم قىلىمىز سودا تورى دۇككان ئادىرسىمىز: http://ablimit.taobao.comتاۋباۋ تور دۇككان ئادىرسىمىز  مەزكۇر سېستىمىنى سېتىۋالغىنىڭىزدىن كىيىن، بىز بارلىق مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇللىرىنى سىزگە تور ئارقىلىق ھەقسىز ئۈگىتىمىز. سىستىما ھەققىدە تىخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ، http://pur5.com غا كىرىپ ئاپتوماتىك پۇل تۆلەش سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىققايسىز، ئەگەر چۇشەنمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ئالاقىلىشىش تىلفۇنى:- 18699902671 چ چ نى قوشۇۋىلىڭ QQ:384199330

ماڭا كەلگەن ساڭا كەلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5299
تۆھپە نۇمۇرى: 1027
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 10:52:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇشۇ ئاتالمىش«ئەسەرلەر»نىڭ نوپوزلۇق ژورنالللاردا بىسىلىشىنى ۋە شۇ يەردە كۆرۇشنى
ئۇمىد قىلىمىز..........

ئەلۋەتتە، ئاۋۇ شىئېرلار نى باسىدىغان ۋە باسقان ئەدەبىي ژورناللار ئۇيغۇردا كۆپ.

باشقىلىرى پەقەت «توردا بىسىشقىلا يارىمىسا بولاتتى» .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش