|
|
|
|
يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىسىز
بىر يىگىت بىلەن ئۇچراشقاندا توختىماي سائەتكە قارىماڭ، چۈنكى بۇ قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك بولىدۇ.
كەچلىك تاماق يېگەندە، يىگىت سىزدىن نېمىگە كۆڭلىڭىز تارتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ‹‹ نېمە بولسا مەيلى، سىز تاللاڭ›› دەپ قويۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆز ئالدىڭىزغا تاماق بۇيرۇتۇپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ.
تاماق ئېتەلەيدىغانلىقىڭىزدىن ماختىنىپ، قاچا يۇيۇش، ئۆي تازىلاشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ يۈرمەك.
ئاشخانا، رېستۇرانلارغا كىرگەندە يىگىتىڭىز بىلەن كارىڭىز بولماي، ئەپلىك جاينى تېپىپ ئولتۇرۇۋېلىشتەك ئەدەپسىزلىكنى قىلىپ سالماڭ.
ئوزۇقلۇققا ناھايتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىز ياكى ئورۇقلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتىپ تاماق تاللاشتىن، قارشى تەرەپ بۇيرۇتقان يېمەكلىكتىن قۇسۇر ئىزدەشتىن ساقلىنىڭ.
يىگىتىڭىز 10 مىنۇت كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بەش مىنۇتتىن ئارتۇق ئەيىپلەپ بىزار قىلماڭ.
ھەممە ئىشتا تەڭ ھېسابات قىلىشنى زىيادە تەشەببۇس قىلىپ، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماڭ.
كەچلىك زىياپەتلەردە يىگىتىڭىزنى قارىتىپ قويۇپ گىرىم قىلماڭ.
‹‹ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن
|
|
|
|
|
|