|
|
|
|
دىئالوگ:
- چىراقنى ياقايمۇ؟
-ياق.
بۇ يەردە چىراق ياقماقچى بولغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟ چىراقنى يېقىشى كېرەكمۇ ياكى ياقماسلىقى كېرەكمۇ؟---------
نەق گەپكە كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا "ياق" ۋە "يوق"تىن ئىبارەت ئىككى سۆز بار. "ياق" سۆزى "بولمايدۇ" دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، "يوق" بولسا "مەۋجۇت ئەمەس" دىگەن مەنىگە ئىگە. لېكىن مېنىڭ بايقىشىمچە، ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تۈركىي تىللاردا "ياق" سۆزى يوق ئىكەن. "ياق" دىمەكچى بولغان ھەر قانداق جاۋابقا بىردەك "يوق\جوق\يوك" دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.
قىزىق يېرى، قۇمۇل- تۇرپان تەرەپلەردىكى چوڭلارمۇ رەت قىلىش مەنىسىگە "يوق" سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن:
- تاماق يىدىلەمۇ؟
-يوق، تېخى تاماق يىمىدىم.
لېكىن، قۇمۇل-تۇرپانلىق ياشلار بولسا "ياق" سۆزىنىمۇ ئىشلىتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر پۈتۈنلەي "ياق" سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. ئۆزەمنى مىسالغا ئالساممۇ، مەن ئاساسەن "ياق" سۆزىنى ئىشلىتىمەن، لېكىن ئاتام-ئاپامنىڭ "يوق" سۆزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا يېقىنقى مەزگىللەردە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
مەن بۇرۇن باشقىلاردىن، قارامايدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم (بۇ ھېكايەنىڭ راست يالغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلمىسەممۇ، ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر چىنلىققا ياتىدۇ).
ئىككى ئۇيغۇر نېفىت ئىشچىسى بىر مۇنارغا ئوت ياقماقچى بولۇپتۇ. بىرسى مۇنارنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىرسى مۇنارنىڭ ئاستىدا ئىكەن. ئۈستىدىكىسى مەلۇم بىر سىمنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكىسى ئوت ياقىدىكەن، ئەگەر سىم ئۇلانمايلا ئوت يېقىلىپ كەتسە، مۇنار پارتىلاپ كېتىدىكەن. بىر كەمدە، ئاستىدىكى ئىشچى ئۈستىدىكىسىدىن ۋارقىراپ سوراپتۇ:
- ئوتنى ياقايمۇ؟
- ياق.
شۇنىڭ بىلەن، ئاستىدىكى ئىشچى ئوتنى شۇنداقلا يېقىپتىكەن، گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن مۇنار پارتىلاپ كېتىپتۇ.
ئەسلىدە، ئۈستىدىكى ئىشىچى "بولمايدۇ" دىگەن مەنادىكى "ياق" سۆزىنى ئىشلەتكەن ئىكەن. كىم بىلسۇن، بۇ سۆز "ئوتنى ياق" دىگەن مەنادىكى سۆزگە ئاھاڭداش بولۇپ قېلىپ، خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىنغان.
بەزىدە ، ئەگەر ئۇلار پىشقەدەم قۇمۇل-تۇرپانلىقلار بولۇپ قالسا، بۇنداق پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن .
-----------
ئۆزىمىزنىڭ "ياق"سۆزىگە كەلسەك، بۇ سۆز جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن كاشغەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلىدىكى "ياق" سۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا كىرىشى، ھەمدە بۇ ئەدەبىي تىل ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلەشكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك، "ياق" سۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا كىرىشىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بېيىتىشتا، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆركەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە.
راست گەپنى ئېيتسام، ئۇيغۇر تىلىدىكى "ياق" سۆزىنى سەلبىي ياكى ئىجابىي دىمەكچى ئەمەسمەن، ھەم بۇنىڭغىمۇ قۇربۇم ۋە ھوقۇقۇم يەتمەيدۇ. بۇنى پەقەت خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەن پەقەت "ياق" سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىلا بارلىقىنى، باشقا تۈركىي تىللاردا يوق ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ قويماقچى خالاس.
مەنبە: http://www.koktash.com/
|
|
|
|
|
|
|