سىڭلىم!... سىز مېنىڭ چ چ غا قاچان كىرگىنىڭىزنىى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن ئېسىمدە قالغىنى سىزنىڭ بىر قېتىملىق دېشۋارچىلىققا قالغاندا مېنىڭدىن مەسلىھەت سورىغىنىىڭىز، خۇددى قۇياش نورىدەك ئېنىق ئېسىمدە. ئۇ ۋاقىت دەل 10-ئاي ۋاقتى ئىدى. سىز شۇ ۋاقىتتا تۇرمۇشتا بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يولۇققان مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت تۈسىنى ئالغان ھالدا دەردىڭىزنى دەپ بىرىپ، مېنىڭمۇ ھېسداشلىقىمنى قوزغىغان. لېكىن ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى شۇكى: مەن كەسپىي پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن سىز ئۇچرىغان مەغلۇبىيەت --- مۇھەببەت مەغلۇبىيىتى بولۇپ، بۇ ئىشقا سىز ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزدىن ياكى قارشى تەرەپتىن سەۋەبىنى ئىزلىسىڭىز توغرا بولاتتى. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى ئاقلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ قارايدۇ، دەرت ھال ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. مەنمۇ دەسلەپتە سىزنىڭ دېگەن گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، سىزنى ئۆز سىڭلىم قاتارىدا كۆرۈپ، سىزگە ئۇۋال بوپتۇ دېگەن قاراشقا كەلگەن بولساممۇ، لېكىن كېيىنچە مەسىلىنىڭ سىزدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىپ يەتتىم. شۇڭا مەن كېيىنچە سىزگە ئارتۇقچە گەپ قىلىشنى خالىمىدىم، پەقەت سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پىسخىكا جەھەتتە زەربىگە ئۇچراش سەۋەپلىك ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويماسلىقىڭىز ئۈچۈن، قالدۇرغان ياكى سۆزلەشكان ۋاقىتتىكى ھەر بىر ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ نورمال خوشال كەيپىيات يولىغا كىرىشى، ئورۇنلاشقان خىزمىتىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى، كەيپىياتىڭىزنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن قالدۇرماي جاۋاب بەردىم ھەم سىزگە ئاكا ئورنىدا كۆيۈندۈم، مەسلىھەت بەردىم...
توغرا. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسىدە، مەڭگۈلۈك جۇدا بولغان «لايىق»ىڭىزنى ئۇنتۇپ، خىزمىتىڭىزمۇ، تۇرمۇشىڭىزمۇ بىر ئىزىغا چۈشتى، شۇندىلا مەنمۇ سىزدىن خاتېرجەم بولغان ئىدىم. ئەپسۇس، كېيىنكى كۈنلىرى خاتېرجەملىك بۇزۇلدى. مەن توردا بولاي ياكى بولماي سىز ئېرىنمەي ئۇچۇر قالدۇردىڭىز. كېيىنچە سىز مېنىڭدىن ھەر خىل ئورۇنسىز گۇمان قىلىپ، مېنىمۇ رەنجىتىشكە باشلىدىڭىز. بۇنى ئاز كۆرگەندەك، سىز مېنىڭ كىم بىلەن ئالاقە قىلىشىمنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز. بۇنىڭغا مەن ئەلۋەتتە ھەيران قىلىش بىلەن بىرگە چۈچۈپمۇ كەتتىم. سىزنىڭ بۇ قىلمىشلىرىڭىزدىن ھەر قانداق ئادەم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئىشنى بايقاش تەس ئەمەس. سىز مېنى «ياخشى كۆرۈپ» قالدىڭىز. مەن بۇ گۇمانىي قارىشىمغا دەسلەپتە ئانچە ئىشەنمىدىم، چۈنكى سىز مېنىڭ يېشىم، ئائىلەم، يۇرتۇمنى ياخشى بىلىسىز. دېمەك سىز بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمدا ياش جەھەتتە تاغىڭىز ئورنىدىكى مەن. سىز تېخى توي قىلمىغان، ئەمدىلا خىزمەت تېپىپ، تۇرمۇشنى مۇستەقىل باشلاشقا كىرگەن قىز. لېكىن مەن ئاللىبۇرۇن دادا بولۇپ بولغان ئادەم. شۇڭا مەن باشتىن باشلاپ سىز بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقە خۇددى ئاكا سىڭىلدەك داۋام قىلىپ كەلدى. ۋاقىت يەنە ئۆتۈۋەردى، ئۇچۇر بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپىيىپ، مېنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىمنى سۈرۈشتە قىلىشقا باردى.....
مەن ئۈچۈن بۇ بىر قورقۇنۇچلۇق چۈشتەك بولسا بولاتتى، لېكىن ئۇنداق چۈش ئەمەس، مۇددەتلىك بومبا ئاخىرى پارتىلىدى، سىز كۆڭلىڭىزدىكىنى ئاخىرى ئاشكارىلىدىڭىز.... دېمەك مېنىڭ گۇمانىم خاتا ئەمەس ئىكەن... مەن شۇ ۋاقىتتا سىزگە كەسكىن «ياق!» دېگەندە، سىز «مەن سەتمۇ» دەپ بىراقلا چۈشكۈن ھالەتنى نامايەن قىلدىڭىز. سىز چىراي جەھەتتە سەت ئەمەس، مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئىچىدە چىراي جەھەتتە سەتنى كۆراپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاللا سىزگە ئاتا قىلغان شۇ چىرايغا خاس چىرايلىق خارەكتېر، مىللەتكە خاس نازاكەت بولۇشى كېرەك، چىراي گۈزەللىكى + قەلبى ھەرىكىتى گۈزەل = ھەقىقىي گۈزەل...
سىڭلىم سىز مېنى ياخشى كۆرمەڭ... سەۋەبىنى مەن دېمىسەممۇ سىز ھېسياتىڭىزنى چىقىش قىلىپ ئەمەس بەلكى ئىجتىمائىي رىياللىقنى چىقىش قىلىپ ياخشى ئويلاڭ.
سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى مانا مەن ئەمدى چۈشەندىم. سىز بىردەملىك قىزىقىش، ياكى بىردەملىك ھېسيات پاراكەندىچىلىكى ئالدىدا ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭىز كېرەك. سىزنىڭ مېنى «ياخشى» كۆرۈپ قېلىشىڭىز بۇ بىر ئۆتكۈنچى شۇنداقلا قورقۇنۇچلۇق بىر كۆڭۈل، ھېسىيات ھادىسىسى. ... مۇھەببەت ئۇلۇغ كۆچ. ممۇھەببەت ئىشىنىشكە، ھۆرمەت، كۆيۈنشىكە مۇھتاج. مۇھاببەت گەرچە ياش، رايۇن، چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ، لېكىن مىللىي ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، بىردەملىك ھېسسىي مۇھەببەت ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك بەختنىڭ باشلىنىشى دەپ كەسكىن ئېيتىشقا بولمايدۇ. مۇھاببەتكە تۇتقان پۇزۇتسىيىڭىز پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ قالغاچقا سىز مەغلۇپ بولغان، سىزنىڭ ئارتۇقچە گۇمانىڭىز، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭنى ئويلاشتەك پاسسىپ جاراكتېرىڭىز سىزدىن زىرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويغان.... دەيدىغان گەپ گەرچە كۆپ بولسىمۇ قالغىنىنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىۋېلىشىڭىزغا ئىشىنىمەن، شۇڭا مۇشۇ يەردە توختىتاي.
مەنبە : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-8 11:50 AM