مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3651|ئىنكاس: 99

نيوتون --فىزىكىدىكى يېڭى تەڭرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 08:28:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
                                               

      نيوتۇن قانۇنلىرىدا تەڭرى بىلەن ئادەم ئوخشاش بىر ئۇقۇم                                         

ماقالە يىتەكچىسى---شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇدىرىيەت رەئىسى ،دوتسېنت غۇپۇر يۇنۇس،  فىزىكا لېكتورى پاتەمخان مەڭنىك .  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى سىياسەت ۋە قانۇن پەنلىرى ئىنستىتۇتى دوتسېنتى ،ماگىستېر يىتەكچىسى. ئادىل مەمەت.

ئاپتورلار _ ھاكىم غېنى  ،ئابدوروسول كىچىك ئاخۇن  ، ئابلىز ئابلا  ،ئەنۋەر ئابباس، ئارزىگۇل قېيىم   .                                          ئىزاھات:بۇ ماقالىدىكى ئاساسى كۇزقاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنىhttp://www.21food.cn/company/show-kingraisin.html نىڭ باش دىرىكتورى،{يېشىل ياقۇت}ماركىسىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ھەبىبۇل غۇجىئابدۇل ئەپەندىم  10000يۇئەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.  
  نيوتون بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ سىرتقى كۇچ تەسىرىدە ھەركەت قىلىدىغان مېخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاپ بولۇپ، نيوتوننىڭ بۇ يەردىكى لوگىكىسى شۇكى، جىسىم ئۇچۇرايدىغان سىرتقى كۇچلەر  ھەر خىل بولۇپ،بۇلارنى تەپسىلى تەھلىل قىلساق، سىرتقى كۇچنىڭ رولىنى ئۈتەۋاتقان تەڭرى بىلەن ئادەمنىڭ،تەڭرى بىلەن ھايۋاناتنىڭ ،تەڭرى بىلەن ماشىنىنىڭ  تامامەن بىر ئۇقۇم قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىگىنى  بايقىغىلى بولىدۇ.                                                                                                                                                                                                         نيوتون دەۋرىدىكى 17-ئەسىردە بارلىق   ھەركەتلەرنى مېخانىك ھەركەت ئۇقۇمى بىلەن چۇشەندۇرۇش ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى. بۇ ھەرىكەت--بىر  جىسىمنىڭ سىرتقى كۇچ تەسىرىدە ئورنىنىڭ بىر ئۇرۇندىن يەنە بىر ئۇرۇنغا ئۇزگەرگەنلىگىنىلا كۇرسۇرۇدۇ.  لېكىن نيوتون ئىنسانلار ياسىغان  سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ھەركىتىنى مېخانىك ھەرىكەت قانۇنيەتلىرى بىلەن چۇشەندۇرۇپ، بۇ سائەتنىڭ ھەرىكىتىنى نيوتون تەڭرىنى چاقىرغاندىن كېيىن ئاندىن باشلانغان دەپ قارىغان،بۇنىڭدا  نيوتون بىلەن تەڭرى ماھىيەت جەھەتتە بىر ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ، مەسىلەن،سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ   ۋاقىت ھىساپلاش ئۇچۇن مېڭىشى بولسا  ئىنسانلار  تەرىپىدىن ياسالغان سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ. بۇنى ئىنسانلارنىڭ سائەتكە بەرگەن سىرتقى كۇچىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايمىز،      

     ھالقىلىق سۆزلەر :                                                

نيوتون قانۇنلىرىدىكى  تەڭرى بىلەن  نيوتون  بىر ئۇقۇم، ئەلۋەتتە نيوتۇن بىلەن باشقا ئىنسانلار،بۇ ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلار ۋە باشقا جىسىملارنىڭ ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرۇدىغان كۇچلەرنىڭ گەۋدىسى بىر ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ.بۇ تەڭرى بىلەن نيوتون بىر ئۇقۇم دىگەن ئىدىيەگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.

نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى لوگىكىسىنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن فىزىكىدىكى‹1›  جىسىم دىگەن نېمە؟  ‹2› نيوتوننىڭ  ئىنىرىتسىيە قانۇنىدىكى بارلىق جىسىملار زادى  قانچىلىك  دائىردىكى جىسىملارنى كۇرسۇتىدۇ ؟ ‹3› كۈچ دىگەن نېمە؟‹4› كۈچ قانچىگە بۇلىنىدۇ؟‹5›كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسى نېمە؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك                                                

‹1› كىلاسسىك فىزىكىدا جىسىم  دىگىنىمىز -ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق  ئەمىلى  نەرسىلەرنى كۆرسۈتىدۇ .گالىلېي،گوك ۋە نيوتونلەر ئىنىرىتسىيە دەپ چۇشەندۇرگەن بارلىق ئاسمان جىسىملىرى، يەر يۇزى ئۇستۇدىكى بارلىق جىسىملار   ئاتومدىن تارتىپ قۇياش سىستېمىسىغىچە بولغان بارلىق  مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەممىسىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇنىڭدا ئادەم ،ھايۋانات  قاتارلىقلارمۇ جىىسم دەپ قارىلىدۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەركىتى سىرتقى كۇچ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ،ھازىر فىزىكىدا 4چوڭ كۇچ ئۇقۇمى بار،بۇلار، ئالەملىك تارتىشىش كۇچى،ئېلىكتىر ماگىنىت كۇچى،ئاجىز تەسىر كۇچ ۋە كۇچلۇك تەسىر كۇچ قاتارلىقلار بولۇپ،بۇ 4كۇچ ئىچىدىمۇ يەنىلا ئادەم بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ كۇچى مەۋجۇت ئەمەس.نيوتون 1-قانۇنى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىرىنى چۇشەندۇرۇشكە ماس كېلىدۇ،لېكىن بۇنى نيوتوندىن 12يىل بۇرۇن گوك ئۈز نەزىريەسى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇپ بولغان، ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىمۇ گوك چۇشەندۇرۇپ بولغان بولۇپ،12يىلدىن كېيىن نيوتون بۇلارنى قايتا چۇشەندۇرگەن .                                                                                                                             نيوتون 2-قانۇنىدىكى كۇچ  بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى 4خىل كۇچتىن ئايرىم تۇرۇدىغان ،بۇ ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارنى ئاساسى مەنبە قىلغان كۇچلەرنى كۇرسۇتۇدۇ بۇنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بولسا ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارمۇ جىسىم دىگەن مەنا كېلىپ چىقىدۇ..لېكىن فىزىكىدا نيوتوننىڭ مىخانىكا نەزىريەسىنىڭ چەكلىشى تۇپەيلىدىن ئادەم ۋە ئىنسانلاردىكى كۇچ چوڭ كۇچلەر قاتارىغا كىرگۇزۇلمىگەن .دەل مۇشۇ سەۋەپتىن تەڭرى بىلەن ئادەمنىڭ،ئادەم بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ كۇچىنىڭ پەرقى كۇرسۇتۇلمەيدۇ. لېكىن بۇ كۇچ بولسا ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارغا  خاس كۇچ بولۇپ ،فىزىكىلىك كۇچنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى.                                                                 ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولسا    قۇياش سىستېمىسىدىكى ،قۇياشنىڭ  سىستېما ئىچىدىكى بارلىق پلانىتلارنىڭ تارتىپ تۇرغانلىغى،يەر شارىنىڭ ئاي شارىنى تارتىپ تۇرغانلىغى سەۋەپلىك ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى  ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىغى  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەملىك تەرتىشىش كۇچىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.بۇمۇ فىزىكىدىكى4خىل چوڭ  كۇچنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى .                                         يەر  يۇزىدە بولسا،يەنى ئادەم  ھارۋا تارتسۇن ياكى بىر ئات ھارۋا تارتسۇن،ھارۋىنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرگەندە ،ھارۋا سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغانلا دەپ چۇشەندۇرۇدۇ.  بۇنىڭدا ئادەم  جىسىمنىڭ رولىنى ئويناپ ،ھارۋىغا كۈچ ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.  دىمەك نيوتوننىڭ 1-قانۇنىدا ئادەم ۋە ھايۋاناتلارمۇ  جىسىم  دائىرىسىگە كىرگۇزۇلىشى كېرەك، چۇنكى ئۇلار كۇچنىڭ مەنبەسى،لېكىن ئۇلار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلماستىن بەلكى ئىچكى ئامىلنىڭ ئاساسلىق ،سىرتقى ئامىلنىڭ قوشۇمچە رول ئۇينۇشى نەتىجىسىدە ھەركەت قىلىدۇ،                                                                                                            بايا دىگىنىمىزدەك، 2-قانۇنىدا بولسا جىسىمنىڭ تېزلىنىشىغا  سەۋەپچى بولغان  كۇچنىڭ كېلىش مەنبىيى بولغان ئادەم ۋە ھايۋاناتلار جىسىم دەپ قارىلىدۇ،دىمەك 1-قانۇندىكى جىسىم ئۇقۇمى بىلەن 2- قانۇندىكى جىسىم ئۇقۇمى  بىر -بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.بۇ نيوتوننىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى فىزىكا ئالىملىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ  نيوتون قانۇنلىرىنىڭ نېگىزىنى چۇشەنمەيدىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ .

                      بىز بۇ قېتىم  نيوتوننىڭ1687-يىلى ئېلان قىلغان،جېجىئاڭ  خەلق نەشىرياتى بىلەن سۇمرۇغ نەشىرياتى بىرلىشىپ 2011-5-1كۇنى نەشىر قىلغان ‹ تەبىئەت پەلسەپەسەنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى›دىگەن كىتاۋىنى كۇرۇپ چىقتۇق،كىتاپنىڭ 447-بېتىدىن باشلاپ بارلىق ھەرىكەتنىڭ   سەۋىبىنىڭ تەڭرىدىن كەلگەنلىگىنى  كۇرسۇتۇپ بەرگەن،مانا بۇ ‹نيوتوننىڭ تۇنجى تۇرتكە›نەزىريەسىنىڭ ئۇنىڭ ئەسلى كىتاۋىدىن تېپىلىشى،ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتى قانداق بولىدۇ؟،ھازىر بايقالغان ماتىرياللاردا ،قۇياش سىستىمىسىدىكى ئاي شارى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاي شارى ۋە يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ سىكۇنتىغا 30كىلومېتىر تېزلىكتە  ھەركەت قىلىدۇ ، قۇياش بولسا قالغان 7پلانىتنى باشلاپ   سامان يولىنىڭ مەركىزىنى بويلاپ  سىكونتىغا 250كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن  ھەرىكەت قىلىدۇ .بۇ يەردىكى پلانىتلارنىڭ ھەركەت تېزلىگى ئوخشاش ئەمەس. نيوتون دەۋرىدە بولسا ئىلىم -پەننىڭ چەكلىمىلىگى سەۋەبىدىن ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن دائىرىمۇ مۇشۇ قۇياش سىستىمىسى ئىدى، يەنە كېلىپ شۇ دەۋىردە مودا بولغان دىننىڭ قارىشىدا بۇ قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركىتىنى  تەڭرى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇدۇ ،بۇنى تەڭرى  شۇنداق ياراتقان، دىمەك بۇ ھەركەتلەرنى تەڭرى كونتۇرۇل قىلىدۇ،ئىنسانلار بولسا كونتۇرول قىلالمايدۇ.   چۇنكى بۇ ھەركەتلەر ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا بار ھەرىكەتلەر ئىدى .مانا بۇ ئىدىيالىزىمنىڭ ‹روخ بىرلەمچى،ماددا ئىككىلەمچى› نەزىريەسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى ماھىيەت جەھەتتە بولسا،ئۇزىنى تەڭرى دەپ قارىغانلىغىنىڭ مويىم دەلىلى.                                                                           گالىلېي بولسا  پولات شارنى ئوخشىمىغان يانتۇلۇقلاردىن  دۇمۇلىتىپ يۇرۇپ  ئىشلىگەن تەجىربىلىرى  بولسۇن ،ياكى نيۇتوندىن كېيىنكى دۇنيادىكى بارلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مېخانىك ھەرىكەتنى چۇشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن تەجىرىبىلىرى بولسۇن،ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى كاتۇگىرىيەسىگە كىرىدىغان،ئىنسانلار بىلەن قوشۇپ چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغان ھەرىكەتلەر بولۇپ،بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ئوخشاش ئەمەس.  نيوتوندىن150نەچچە يىل كېيىن،يەنى  1840يىللار ئەتىراپىدا،ئېنگىلس ئىلىم-پەننىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەسىگە ئاساسەن بۇرۇنقى بارلىق ھەركەت شەكلىنى مېخانىك ھەركەت قانۇنلىرى بىلەن چۇشەندۇرۇشنى تەرەقى قىلدۇرۇپ ھەركەت شەكىللىرىنى مېخانىك ھەرىكەت،فىزىكىلىق ھەركەت ،خىمىيەلىك ھەرىكەت ،بىولوگىيەلىك ھەركەت ۋە ئىجتىمايى ھەرىكەت شەكىللىرىگە يىغىنچاقلاپ چۇشەندۇرگەن،بۇنداق چۇشەندۇرۇشنى ھازىر ئىلىم- پەن ئاساسەن قۇبۇل قىلدى،لېكىن بۇقاراش فىزىكىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرمىدى.شۇنىڭ ئۇچۇن بىزنىڭ قارىشىمىز بىلەن باشقا كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدا روشەن پەرق بار.شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتون قانۇنلىرىدا  ھەرقانداق جىسىمنىڭ ھەركىتىنى سىرتقى كۇچ سەۋەبىدىن چۇشەندۇرۇش مودا بولغان.بۇنداق بولغاندا  ئادەم بىلەن تەڭرىنىڭ كۇچىنى،تەڭرى بىلەن ھايۋاننىڭ كۇچىنى ،ئادەم بىلەن تەڭرىنىڭ كۇچىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش كېلىپ چىقىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن نيوتون قانۇنلىرىنى تەھلىل قىلغاندا بولسا،شەكلىدىن ئۇتۇپ ماھىيىتىنى كۇرۇشىمىز،يەنى ھەرىكەت ۋە كۇچنىڭ گەۋدىسىنى ئورتاق  تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.بۇنداق بولغاندا ئېنگىلىسنىڭ قارىشىنى يەنىمۇ تەرەقى قىلدۇرۇپ،   مېخانىك ھەرىكەت تەبىئى مېخانىك ھەرىكەت ۋە ئىجتىمايى مېخانىك ھەرىكەت دەپ ئىككى تۈرگە  بۇلىشىمىز كېرەك.                                                                                                                  نىيوتوننىڭ 1-قانۇنى   تەبىئى مېخانىك ھەرىكەتنىلا چۇشەندۇرەلەيدۇ،يەنە كېلىپ بارلىق جىسىملار قۇياش سىستىمىسىدىكى جىسىملار بولۇشى كېرەك ،ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنى ئۇز ئىچىگە ئالماسلىغى كېرەك. بۇنىڭدا ئادەم ۋە ھايۋاناتلار يەر شارىنىڭ قۇياشنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر كۇرسۇتەلمەيدۇ.لېكىن تەپسىلى تەھلىل قىلىپ كۇرسەك،گوكنىڭ سۇزى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ، نيوتون ھەرىكەت قانۇنلىرى بىلەن گوكنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى بايقىغاندىكى قاراشلىرىدا پەرق بەكلا ئاز.                                                                                                    ‹2› خالىي،گوك ۋە داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى لېيئېنلارنىڭ ھەممىسى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹تارتىشىش كۇچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى بايقىغان ›،لېكىن  بۇ ئۈچەيلەن ماتىماتىكا سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىلىگى سەۋەبىدىن  ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن   كېپلېرنىڭ قانۇنلىرىنى  كەلتۇرۇپ چىقىرالمىغان،1684-يىلى لېيئېن ئوكىسفورت ئۇنىۋېرىستېتىدىكى گوك بىلەن خالىينىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ،‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىدىن كېپلېرنىڭ ئۇچ قانۇنىنى كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولامدۇ يوق،كىم بۇنى كەلتۇرۇپ چىقىرالىسا،40شىللىڭلىق كىتاپتىن بىرنى سوغا قىلىمەن› دەپ ،بىر كىتاپ دوغا تىككەن.  بۇ ماتىريال  ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›-ئاپتورى فاڭ جو زى ،خەنزۇچە 2-بەت،} بۇنىڭ بىلەن خالېي  كېمبىرىجغا كېلىپ نيوتوننى زىيارەت قىلغان .نيوتون  ئۈزىنىڭ بۇ مەسىلىنى  بۇرۇنلا ھەل قىلىپ  بولغانلىغىنى ،لېكىن  تېخى ئۇچۇق- ئاشكارە ئېلان قىلمىغانلىغىنى ئېيتقان. خالېينىڭ دەۋەت قىلىشى   بىلەن  نيوتون 1686-يىلى ‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى›نىڭ ئارگىنىالىنى  ئەنگىيىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە تەكشۇرۇپ بېكىتىشكە  تاپشۇرغان، ئارگىنالنى باھالاشتا،  گوك ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئۈزىنىڭ نيوتونغا ئېيتقانلىغىنى،نيوتون بۇ ئەسىرىدە گوكنىڭ  توھپىسىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى  ئېيتقان،ىالىينىڭ كېلىشتۇرۇشى بىلەن نيوتون لېيئېن،گوك ۋە خالىيلارنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى تەتقىق قىلغانلىغىنى ‹پىرىنسىپ›تا شەرھىلەپ ئوتكەن،،گوكنىڭ ئېيتىشىچە،بۇندىن 12يىل بۇرۇن يەنى 1674-يىلى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇنىڭدا تارتىشىش كۇچىگە ئائىت ئۇچ پەرەزنى ئوتۇرغا قويغان.بۇلار مۇنداق :                                                                                   ‹1›بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرسىدا تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت بولىدۇ،تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرى بولمايدىكەن،ئاسمان جىسىملىرى ئىنىرىتسىيەنىڭ تەسىرىدە تۇز سىزىقلىق ھەركەت قىلىدۇ،جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا،تارتىشىش كۇچى شۇنچە  كۇچلۇك  بولىدۇ.› ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن ھازىرقى دەۋىردىكى  تۇلۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن ھەرقانداق  ئوقۇغۇچىنىڭمۇ  ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نىڭ  نيوتوننىڭ ‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئېلان قىلىشتىن  بۇرۇن ئېلان قىلىنغانلىغىنى  بايقىيالايمىز،،1679-يىلى گوك ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىگە ۋاكالەتەن نيوتونغا  خەت يېزىپ،‹تارتىشىش كۇچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتىغا نىسپەتەن تەتۇر تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى ئېيتقان›،--قالغان ماتىرياللارنى  فاڭ جو زىنىڭ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›دىگەن كىتاپنىڭ 23-24-25-26-بەتلىرىدىن كۇرۇڭ.   لېيئېننىڭ 40شىللىڭ پۇل دوغا تىكىشى  بىلەن ‹تەبىئەت  پەلسەپەسىنىڭ  ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى› 1687-يىلى ئېلان قىلىنغان.                                                                              گالىلېي‹1642-1564› بولسا  ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى  نيوتوندىن بۇرۇن چۇشەندۇرگەن بولۇپ ئۇنىڭ قانۇنى                     ‹ ئەگەر سۇركۇلۇشتىن پەيدا بولغان قارشىلىق كۇچ بولمىسا ،ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم توختاۋسىز ھەركەت قىلىۋېرىدۇ›----‹ئىنسانىيەت تارىخى تەر5ەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخس ئۇيغۇرچە نەشىرى 91-بەت › ، ناھايىتى ئېنىقكى،گالىلېينىڭ قانۇنى بىلەن گوكنىڭ  نيوتوندىن‹پىرىنسىپ›نى ئېلان قىلىشتىن 12يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى قاراشنى بىرلەشتۇرسەك، نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى كېلىپ چىقىدۇ،شېرىيەتتە بولسا بۇنى كۇچۇرمىچىلىك دەيمىز،ئەسەر ھوقوقى قانۇنىدا بولسا بۇنى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغۇرلىغان دەيمىز، چۇنكى نيوتون بۇلارنى شۇ كىشىلەرنىڭ قايسى ماقالىلىرىدىن قانداق   پايدىلانغانلىغىنى ئەسكەرتمىگەن.                                                                 نيوتون 2-قانۇنى بولسا  ئىجتىمايى مېخانىك ھەرىكەتنىڭ مەلۇم قىسمىنىلا چۇشەندۇرەلەيدۇ.       بۇ يەردىكى  ھەركەت قىلغۇچى جىسىم 2ياكى 3 جىسىم بولۇپ،نيۇتون   بۇلارنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرگەندە  ئادەم ،ئات،ھارۋا قاتارلىق  ئىككى -ئۈچ خىل ماددىنى بىرلا خىل ماددا شەكلىگە يىغىنچاقلاپ چۇشەندۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خاتالىشىدۇ،چۇنكى‹ كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش› ناھايىتى زۇرۇز.سىرتقى تەسىر كۈچ دەل مۇشۇ ئادەم بىلەن ئاتتىن ئىبارەت   جانلىق جىسىمدىن چىققان كۈچتۈر.ئۇلار بۇ كۇچنى چىقىرىش جەريانىدا بۇ كۇچ ئۇدۇللۇق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ، كۇچ تۇگۇگەندە بولسا قانداق بولىدۇ؟ يەنى بىر ئادەم ھارۋا ھەيدەۋاتقان بولسا ،ئات ھارۋىنى سۆرەيدۇ،ئاتنى ئادەم باشقۇرىدۇ،بۇ يەردە ھارۋا،ئات ۋە ئادەمدىن ئىبارەت 3خىل جىسىمنىڭ ھەركىتى تەڭلا مەۋجۇت.تەڭلا ھەرىكەت قىلىدۇ،لېكىن نىيۇتۇن ھارۋا ھەرىكەت قىلىدۇ،باسقىلار تىنىچ تۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ،يەنە  ھارۋىنىڭ تېزلىگىنى چۇشەندۇرگەندە بولسا، ھارۋىنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە باسقان مۇساپىسىنى ،مۇشۇ مۇساپىنى بېسىشقا كەتكەن ۋاقىتقا بۇلۇپ،ھارۋىنىڭ  سىرتقى كۇچ تەسىرىدە قىلغان تېزلىگىنىلا تاپقان.  لېكىن بۇ يەردە ئادەم بىلەن ئاتنىڭ كۇچى خوراپ ماڭىدۇ،بۇلارنىمۇ يەنە 2خىل فورمۇلا بىلەن چۇشەندۇرسە ،ئاندىن توغرا بولىدۇ.  

                                                                                                                                     ئەلۋەتتە  ئىلىم- پەننىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،  ھازىرقى ۋاقىتتا ھەرىكەت ۋە ئۆزگۈرۈشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈدىغان فىزىكا ۋە ماركسىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەر بايقالدى، دۇنيايىۋى فىزىكا  ئالىمى سىتىفون خوك دەل  ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقى قىلىشى ھەققىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقىغان ۋە تەرەقى قىلدۇرغان ،تەڭرىگە ئىشەنمەيدىغان بۇ ئالىم، نيوتون ھەققىدە چۇشەنچە بىرىپ{ھازىر بىرىنچى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچنى چاقىرمايمۇ  ئالەمنىڭ ھەرىكىتىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ} دەپ قارىغان  .لېكىن بۇ ئالىم  نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغىدەك  ئەجەللىك  خاتالىغىنى  تىلغا ئالمىغان.ئۇنىڭ تەرەقى قىلدۇرغىنى {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى}بولۇپ ،بۇ نەزىريە  مەيلى فىزىكىدىكى ماددا بولسۇن ياكى ماركىسىزىملىق پەلسەپەدىكى ماددا بولسۇن ،   ئۇلارنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بىزگە، بايا دىگەن ئېنگلسنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى  يېزىپ چىققان {ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەرەققى قىلدۇرۇپ  ، {ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تېپىپ چىقىشىمىزغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بىز ئەڭ كۆپ ئۇچىرىغان سۇئال شۇكى نيۇتون قانۇنلىرى بىلەن ماركىسىزىمنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟بۇنى مۇنۇلاردىن كۇرەلەيمىز:                                         

ھازىرقى {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى} ماددىنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى شەكلىنىڭ 13مىليارت700مىليون يىل بۇرۇن پەيدا بولغان چوڭ پارتلاشتىن مەيدانغا كەلگەنلىگىنى،2-سىكىنوتتىن كېيىن ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى، ئالەم پارتلاپ 38تۇمەن يىلدىن كېيىن ھىدروگىن،گېلىي قاتارلىق گاز ھالەتتىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى،9مىليارت700مىليون يىلدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان يۇسۇن تۇرىدىكى ماددىلارنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى،`13مىليارت500مىليون يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ  ھايۋاناتلار توپىدىن  ئايرىلىپ چىققانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.                                                                                                                           دەل مۇشۇ پەرقلىق يىللاردا،ھەرىكەتنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددا شەكىللىرى پەيدا بولغان بولۇپ ،بۇلارغا  ئېنگىلسنىڭ {ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نوختىسىدا   تۇرۇپ قارىساق، بۇ ماددا شەكىللىرىنىڭ  ماددىنىڭ    مېخانىك شەكلى ،   ماددىنىڭ فىزىكىلىق شەكلى،  ماددىنىڭ خىمىيەلىك شەكلى،بىئولوگىيەلىك  ھەرىكەت شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار ۋە ئىجتىمايى ھەركەت شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنسانلار پەيدا بولغان.                                                                          بۇ  يەردىكى بىرىنچى ھەرىكەت شەكلى بولغان مېخانىك ھەرىكەت دەل نيۇتون فىزىكىسىدىكى مېخانىك ھەرىكەتتۇر.{چوڭ پارتلاش نەزىريەسىى}سىدە گەرچە تاشقى ئامىل ھىساپقا ئېلىنمىسىمۇ ،لېكىن ۋاتىكان يەنىلا تەڭرى ئالەمنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ياراتقان دەپ ئىزاھلىغان.  ماركسىزمنىڭ    {ماددا بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى}نەزىريەسى تەڭرىنى ئىنكار قىلىدۇ،ماددا ۋە ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى {ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى}، نەزىريەسىنى ئىسپاتىلىغىلى بولىدۇ،يەنى  ماددا پەيدا بولغىلى 13مىليارت 700مىليون يىل بولدى،نيۇتوننىڭ ئېڭى بولسا {چۇنكى نيۇتونمۇ بىر ئىنسان ،فىزىكا ئۇنى جىسىم دەيدۇ،ماركسىزم بولسا ماددا دەيدۇ}  ئالەمنىڭ ئومومى يېشىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە سىكىنوت بۇرۇنقى ئىش.   

                                                

ئۇنداق بولسا ماركسىزمدىكى ئادەم بىلەن فىزىكىدىكى ئادەم بىر ئۇقۇممۇ؟                                                

بۇ مەسىلىگە ئېينشتىيىن 105يىل بۇرۇنلا -ئوخشاش- دەپ جاۋاپ بېرىپ بولغان،لېكىن بۇ ئالىمنىڭ قارىشى تاكى ھازىرغىچە فىزىكا تەرىپىدىن  قۇبۇل قىلىنمىغان.يەنى 1905-يىلى ئېينىشتىيىن {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نى ئوتتۇرغا قويۇپ،فىزىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ ،ئادەمنىڭ نۇر تېزلىگىگە يېقىن ھەركەت قىلغاندا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر  كۆرۈدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنداقلا بۇ نەزىرىيە ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەندە ،يەر شارىدەك ئېنىرگىيەسى تۈگىگەن ،بۇلغۇنىشى ئېغىر،تاشقى پىلانىتلارنىڭ يەر شارىغا سۇقۇلىش تەھدىتى بار دەپ قارالغان  بۇ ماكاندىن باشقا ماكانغا يۆتكۈلۈشىگە نەزىريىۋى قانۇنيەتنى تىكلەپ بەرگەن.بۇ يەردە تەبىئى پەن بىلەن ئىجتىمايئى پەندىن ئىبارەت  ئىككى ساھەنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولغان ئىنسانلار بىر ئۇقۇم بولۇپ ،ئىككى پەن بىرلىشىپ كەتكەن . يەنى ئېينشتىيىن جسىم دەپ قارىغان ئادەم دەل ماركسىزملىق پەلسەپە ماددا دەپ قاراۋاتقان ئىنسانلاردۇر. ئېينشتىيىن بۇ نەزىريەسى ئارقىلىق تەبىئى پەندىكى ماددا بىلەن ئىجتىمايىئى پەندىكى ماددىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان.   

  . بىز نيوتون قانۇنلىرىنى تەتقىق قىلغاندا پايدىلانغان ماتىريال  ھازىرغىچە   ئالتى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى} سى بولۇپ.يەنى ئالەم پەيدا بولۇپ ، تەخمىنەن13مىليارت 600-700 مىليون يىلدىن كېيىن ئاندىن كېيىن ئىنسانلار پەيدا بولغان بولۇپ ،بۇ دەل ماركسىزمنىڭ {ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى} دىگەن  لوگىكىسىنىڭ  توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا بۇ  نيۇتون ،ئېينشتىيىننىڭ نەزىريەلىرىدىكى  بەزى-بىر خاتالىقلارنى  كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.  بىز ئالدى بىلەن نيۇتوننىڭ نىمە ئۈچۈن تەڭرىنى چاقىرغانلىغىدىكى ئەسلىدىكى ماتىرىيالنى كۇرۇپ باقايلى.بۇ ماتىرىيال {ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژورنىلىىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدىن كەلگەن بولۇپ .ماقالىنىڭ تىمىسى {‹چۈشۈنۈش تەس بولغان ھالقا›-ئەسلى ماتىرىيالنىڭ خەنزۇچىسىنى  بەيدۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ ،بۇنىڭدا مۇنداق بىر بۆلەك بار.{كىلاسسىك فىزىكىنىڭ  ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دۇنياقارىشى مېخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتۇن ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزىرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلىمىگە ناھايىتى زۆرۈر زەربە بولغان.لېكىن ئۇ بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەركەت قىلمىغانلىغىنى،بۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى تەسىر كۈچنىڭ كەم ئىكەنلىگىنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز،سىرتقى كۈچ{تەڭرى}نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق  سىرتقى كۈچ بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون بۇ سىرتقى كۈچنى  دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەركەت قانۇنلىرى چۇشەندۇرگەن،.....،}."  مانا بۇ  1687-يىلى ئېلان قىلغان نيۇتون دەۋرىدىكى نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ھەقىقى ئارقا كۇرۇنۇشى .بۇنىڭدا بىزگە مۇنداق بىرقانچە سۇئال تۇغۇلىدۇ.                                                

{1} نيوتون دەۋاتقان بۇ سائەتنى نيوتون ياسىغانمۇ ياكى تەڭرى ياسىغانمۇ؟ نيۇتون ئەينى چاغدا قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تەڭرى بىلەن ئالاقە قىلغان؟ تەڭرىنى نەگە چاقىرىپ كەلگەن؟،نىمە سەۋەپتىن تەڭرىنى يەنە ئۇزىتىپ قويغان،ئەجىبا ئەيسا پەيغەمبەر كىرىسقا مىخلانغاندا تەڭرىنى چاقىرىش ئېسىگە كەلمىگەندىمۇ؟ ئىراقنىڭ بۇرۇنقى زۇڭتۇڭى سادام ھۇسەنيىن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ،تەڭرىنى چاقىرىپ كېلىش ئېسىگە كەلمىگەندىمۇ؟ تارىخى ماتىريالىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرىنى نيۇتون چۈشەندۇرمىسىمۇ ئۇنى چۈشەندۈرۈدىغان ئادەم چىقىدۇ،دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا،ئىنساننىڭ ھاياتى تېخىمۇ مۇھىم ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ، نيۇتوندىن بۇرۇن قۇياش سىستېمىسى  ياكى نيوتونچە سائەت ھەرىكەت قىلامتى ياكى قىلمامتى ؟بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى ،بۇنى نيۇتوندىن باشقا ئالىملار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەمتى ياكى بىلمەمتى؟    نيۇتون ياشىغان دەۋىردە ئەنگىلىيەدە تۆت پەسىل بارمۇ -يوق؟ بار،بىرىنچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كىم چاقىرغان ؟ئەلۋەتتە نيوتون چاقىرغان.بۇنىڭدا تەڭرى قۇياش سىستىمىسىنى ھەرىكەت قىلدۇرغان،بۇ سائەتنى بولسا نيوتون تەڭرىنى چاقىرغاندىن كېيىن ئاندىن تەڭرى ھەرىكەت قىلدۇرغان،بۇ تەڭرىنىڭ بۇ سائەتنى ھەرىكەت قىلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغانلىغىنى چۇشەندۇرۇدۇ.‹پىرىنسىپ› نىڭ 447-بېتىدىن باشلاپ  نيوتون تەڭرىنى  كوپ تىلغا ئالغان،لېكىن تەڭرىنى چاقىرىپ ،بۇ غايەت زور سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ،تەڭرىنىڭ ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان،كېيىن فىزىكا ئالىملىرى نيوتوننىڭ  بۇ توھپىلىرىنى  خاتىرلەش ئۇچۇن  كۇچنىڭ بىرلىگىنى نيوتون دەپ ئالغان، ئەگەر ئالەمنى،غايەت زور سائەتنى تەڭرى ھەرىكەتلەندۇرگەن بولسا،كۇچنىڭ بىرلىگىنى نيوتون ئەمەس بەلكى خىرىستىئان دىنىدىكى تەڭرى دەپ ئالسا توغرا بولاتتى،بۇنىڭدا تەڭرىنىڭ بۇ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەنلىگىنىڭ  يۇز خاتىرىسى بولۇپ قالاتتى، نيوتوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپادىكى ئىناۋىتى يۇقۇرى بولۇپ،كىم ئۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش قىلسا شۇنى نەس باسقان،‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى›نى ۋە فورمۇلىسىنى مەن نيوتونغا دەپ بەردىم دىگەن قاپ يۇرەك گوكنىڭ  ئەنگىلىيە پەدىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتىدىكى بارلىق تەجىربە بۇيۇملىرى،خاتىرلىرى ، رەسىملىرى  نيوتون بۇ ئورۇنغا بىرىنچى قول  باشلىق بولغاندىن كېيىن  پۇتۇنلەي يۇقۇلۇپ كەتكەن،ئەلۋەتتە   ھازىرقى جەمىيەتتىمۇ  تېخى زور ئوزگۇرۇش بولمىدى،يەنى بىرىنچى قول باشلىقنى رەنجىتىپ قۇيغانلارنىڭ تەغدىرى گوكنىڭ تەغدىرىدىنمۇ ناچار بولىدۇ،نيوتوننىڭ ‹توخۇنى ئولتۇرۇپ،مايمۇننى قورقۇتۇش›ھىلىسى بەك ئۇمۇم بەرگەچكە ،ئۇنىڭدىن ؟ئالەملىك تارتىشىش كۇچى›قانۇنىنىڭ كەشپىيات ھوقوقىنى تالىشىدىغان ئادەم چىقماي،نيوتوندىن كېيىنكى نەچچە يۇز يىل دەۋرىدە بۇ قانۇننى نيوتون بايقىغان دەپ نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلغان،گوكنىڭ تۇھپىسى يېقىنقى يىللاردا ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان.                                    بىز  دۇنيا پەلسەپە بىرلەشمىسىنىڭ 120دىن ئارتۇق  دۆلەتكە   تارقالغان  ئاپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات پىروگىراممىلىرىدىن شۇنى كۆردۈقكى ،ئۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىلىرى ئىچىدە  ماركسزمنىڭ لوگىكىسى ،ماركسىزمنىڭ ماددا كاتۇگىرىيەسىگە ئائىت ھىچ بىر مەزمون يوق{ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئۈلكىلەردىكى ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى بىلەن دولەتلىك ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ پەلسەپە تەتقىقەت ئورنى  ھە ھەرقايسى  ماركىسىزىم ئىنىستىتوتلىرىمۇ  بۇنىڭ ئىچىدە}.                                                                              

                                                                                                                                           . بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن نۇرغۇن  دوستلار،ساۋاغداشلار ،خىزماتداشلار بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئۇخشىمىغان پىكىرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،بۇ پىكىر ئېقىملىرى ئاساسەن  نيوتوننى قوللۇغۇچىلار،ماركىسىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ نيوتوننى ئىنكار قىلغۇچىلار ، ،ماتىماتىكىلىق لوگىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر خىرىستىئىن دىنى ،ئىسلام دى نى ،كاتولىك دىنى ،ھىندى دىنى،،،قاتارلىق دىنلارنىڭ  مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر بولۇپ3 ئېقىمغا بۇلۇنىدۇ. بۇلار ،شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم گۇيخۇا بەندىن  تەتقىقاتچى ئەكپەر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدىن دوتسىنىت غېنى ئابدىگۇل ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى سېستىما ۋە ماتىماتىكا پەنلىرى  ئىنىستۇتىنىڭ   مۇئاۋىن باشلىغى،ماتىماتىكا دوكتۇرى،فرافېسسور ئابدۇرىشىت ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىنىستىتوتىدىن دولقۇن ئابدۇللا  ،{شىنجاڭ پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى}نىڭ  باش تەھرىرى ،فرافېسسور ئالاۋىدىن ئابدۇرېيىم  ، ئاپتونوم رايونلۇق  يېزا ئىگىلىك بانكا پارتىيە مەكتىۋىدىن ئەخمەت رەخمىتۇللا{كەلپىن}،خوتەن قاراقاش ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن غۇجى ئابدۇللا ناسىر،بۇگۇر ناھىيە ئاق ساراي بازارلىق ھۇكۇمەتتىن زاكىر ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئادىل مەمەت،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ  باشلىغى،دوكتۇر، فرافېسسور  كېرېم ئېلى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك  ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىدىن  دوتسېنىت بەكرى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن تىببى پەنلەر   ماگىستىرى پەرىدە غۇپۇر،شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدىن مۇنىرە غۇپۇر،شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تۇرلەر باشقارمىسىدىن باشقارما باشلىغى قاھار ياسىن، شىنجاڭ ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئورنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان ،شىنجاڭ ئادىل -پاك ئادۋۇكاتلىق ئۇرنىدىن ئادۋۇكات ئاسىپجان ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىساق ئەپەندى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن ئادىل سىيىت،{شىنجاڭ ياشلىرى }ژورنىلىدىن ئەسەت مەسئۇت ،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرلۇش بانكىسىدىن  ئالى مۇخبىر گۇشۇيگېن،ئۇرۇمچى شەھەرلىك  مائارىپ ئىدارىسى ئاساسى مائارىپ باشقارمىسىدىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى دوتسىنىت سادىقجان سايرام،ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا {شىنجاڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى }ژورنىلىدىن تەھرىر نىجات سوپىيوف،بىڭتۇئەن بانكىسى ئۇرۇمچى شەھەر تارمىغىدىن شۇھرەت ئابدۇقادىر ،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلۇمىدىن    ماتىماتىكا دوتسېنتى  ئەكپەر، ئۇرۇمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلىمىدىن  دوتسېنت يالقۇن،تۇلۇق ئوتتۇرا  سىنىپ بۇلىمىدىن خەنزۇ تىلى ئۇقۇتقۇچىسى مەرھابا ، خىمىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئەلىشىر، تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى ھەبىبە،ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىسى مېھرىگۇل  ، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى گۇلزار، ئەدبىيات ئۇقۇتقۇچىسى خۇشتار، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى قەيسەر  ،{شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى} تەھرىر بۇلىمىدىن سەمەتجان،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن مۇھەممەت باغراش.  ياسىنجان ئابدۇشكۇر ،شىنجاڭ تېلۋىزىيەسى 9-قانالدىن ئادىلجان ئابلىمىت،تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ئالىم ئىمىن،تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە باشلىغى  بارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى سۇپەت تەكشۇرۇش پونكىتىدىن  ھەبىبۇل،  ،تۇرپان ۋىلايەتلىك  تېخنىڭ كېڭئەيتىش پونكىتىدىن ئۇمەر،تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋى بىرلەشمىدىن  باۋدۇن  زىياۋۇدۇن، يېزا ئامانەت كوپىراتىۋى ئايدىڭكۇل  پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى،قۇمۇل شەھەرلىك سىياسى كېڭئەشتىن ئابلىز ئوسمان ،تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۇل ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەتىنياز مەڭنىك ،ئەخمەت مەمتىمىن،مەكتەپ مۇدىرى ئېلى توختىنىياز ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇل نېجىم،سىكرىتار غېنى ئابلىمىت.ئوقۇتۇش تەتقىقات رايونىدىن مەخمۇت ھەبىبۇل ،مەمەت نىجىمدىن ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن، باۋدۇن سىراي،نىياز ئېزىز،ئەنۋەر ئامىسلىم،غاپپار غۇپۇر،شىنجاڭ سۇ ئېلىكتىر مەكتەپتىن پەتتار مەمەت ،نېفىت دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر ئەخمەت مەمەت،سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېيىم، بۇلاق تاغ خەلق ھۇكۇمەتتىن ئادىل ياسىن ،شىنجاڭ شېنخۇا گۇروھىدىن ھامۇت مامۇت قاتارلىقلار بولۇپ  ،بۇ جەرياندا بۇ يولداشلار بىلەن     
كۆپ قېتىم  تالاش- تارتىش بولدى، ھەم نۇرغۇن يېڭى ماتىريال تېپىلدى،بۇلار ئاساسىدا بىز  يېڭى بىر نەرسىنى يەنى{  نيۇتوننىڭ  تەڭرىنى چاقىرىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس} دىگەن يېڭى ئىدىيە تۇغۇلدى،بۇ ئاساستا يېزىپ چىققان ئىلمى ماقالىنىڭ ئىنگىلسچىسىمۇ بىر قانچە دۇلەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى،بۇلار ئامرىكا مائارىپ مىنىستىرلىگىنىڭ تورى   -in..1www.rsssearchhub.com/.../interdisciplinary-studies..2.》,《 -3》 ،ھىندىستان پەلسەپە تورى قاتارلىقلار .شىنجاڭدا تۇرۇپ ئاچالماي قالسىڭئىز چەت دۇلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھاۋالە قىلىپ باقسىڭئىزمۇ بولىدۇ.                                                                                                      ھازىر يېزىلىۋاتقان ماقالىلار: {ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغى} ، {يېڭى نىسپىلىك نەزىريەسى} ، {يېڭى نيۇتۇن قانۇنلىرى}،{ ماركسىزمنىڭ يېڭى تەرەقىياتى -ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}.{ئىنسانلارنىڭ فىزولوگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}،{ھايۋاناتلارنىڭ فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}.{ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش ئېنىرگىيە  فورمۇلىسى} ،{نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى ۋە نيوتون ھەركەت قانۇنلىرىنىڭ دىيالىكتىك مۇناسىۋىتى}....قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ،شۇنداقلا بۇ ماقالىلەرگە ياۋرۇپا فىزىكا جەمىيىتى ،كانادا پەلسەپە بىرلەشمىسى ،ئەنگىلىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى  فىزىكا تەتقىقات جەمىيىتى  قاتارلىق 10نەچچە ئورۇن ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيەدە بولۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ  ژورناللىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ماقالىلەرنى تاللاپ ئېلان قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى.
پايدىلانغان ماتىرياللار: {3}ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم خەنزۇچە 89-بەت، {2}مۇشۇ كىتاپ 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت‹3›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى. 4,‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن› بىكىتى. ‹7›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。8‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›   {12}بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم《ئالەم ۋە ئىنسانلار〉{13}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك-‹13›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .《14》ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.‹15›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى‹16›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر -يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان‹16›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.‹17›ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›‹18›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭخېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akimarzigul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 08:29 AM  


شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن نيوتون ئىنسانلار ياسىغان  سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ھەركىتىنى مېخانىك ھەرىكەت قانۇنيەتلىرى بىلەن چۇشەندۇرۇپ، بۇ سائەتنىڭ ھەرىكىتىنى نيوتون تەڭرىنى چاقىرغاندىن كېيىن ئاندىن باشلانغان دەپ قارىغان...
ــــــــــــــ
يەنە شۇ گەپمۇ؟،كىم قارىغان؟قېنى ئىسپاتى؟،خەقنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق قارىۋىلىشىنىڭ نىيوتۇن قانۇنلىرىنىڭ توغرا-خاتالىغى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يېزىلىۋاتقان ماقالىلار: {ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغى} ، {يېڭى نىسپىلىك نەزىريەسى} ، {يېڭى نيۇتۇن قانۇنلىرى}،{ ماركسىزمنىڭ يېڭى تەرەقىياتى -ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}.{ئىنسانلارنىڭ فىزولوگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}،{ھايۋاناتلارنىڭ فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}.{ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش ئېنىرگىيە  فورمۇلىسى} ،{نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى ۋە نيوتون ھەركەت قانۇنلىرىنىڭ دىيالىكتىك مۇناسىۋىتى}....قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ،شۇنداقلا بۇ ماقالىلەرگە ياۋرۇپا فىزىكا جەمىيىتى ،كانادا پەلسەپە بىرلەشمىسى ،ئەنگىلىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى  فىزىكا تەتقىقات جەمىيىتى  قاتارلىق 10نەچچە ئورۇن ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيەدە بولۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ  ژورناللىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ماقالىلەرنى تاللاپ ئېلان قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى.

.............
بىز يەنىلا مۇشۇ ماقالىلەر ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆرەيلى.

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىكىدىكى«كونا تەڭرى»قايسىكەن؟.

ھەرقاچان خۇشال ياشىغىن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5640
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:14:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردىكى  ئەدەبىيات  ياخشى بوپتۇ.

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25199
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3904
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاq نىڭ ئەڭ زور، ئەڭ تىپىك ئالاھدىلىكى ئۇنىڭ روھى غالىبىيەتچىلىك تۇيغۇسىدۇر ...ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۇك.

يەنە باشلاندى، سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەن شۇ تۈگىمەس خىيال...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان كۆپ ئادەملەرنىڭ تىزىملىگىنى يىزىۋىتىپسىز،ئارغامچە تارتىشىش مۇسابىقىسى ئەمەستۇ بۇ؟!.

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تۇغۇلغاندا نىمە بىلەن ئېغىزلاندۇرغاندۇ سىزنى ھەي! ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 03:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىن : دىن بولسا بەندىنى ياراتقۇچىسىغا باغلىغۇچى كۈچ ! ئەمما بەندىنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىغا قايسى رەۋىشتە يېقىنلىشى ، ئۇنىڭغا قايسى خىل رەۋىشتە ئىبادەتتە بولىشى ، ئۇنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ۋە مەلۇم دىنىي قورغانى قىممىتىدىكى ئورۇندا بولىشى بىلەن ئالاھىدە باغلىنىشلىقكى باردۇر !   0w< ilJ  
مادامىكى ، تەۋرات بىلەن ئىجىلنى تەتقىق قىلىپ ، شۇ ئىلىمنىڭ ئۈستىگە مىنگەنلىكى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئاللاھنىڭ قۇرئانى كالامىغا چىن تەستىق سالماي ۋە ئۇنىڭ مۆجىزە خارەكتېرلىك قىممىتىگە يەتمەي قالمايدۇ . كىملەركى قۇرئاننىڭ بىر ئايىتىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئەمەلىي سىناش ئېلىپ بارسىلا ، ئۇنىڭ ھەق ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئىكەنلىككىنى ۋە ھاياتىدىكى قىممەتنىڭ شۇ ئايەتكە باغلىنىپ ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ۋە چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ . ئەمما ئۇ چوقۇمكى ، شۇ خىل قىممەتنى ھىس قىلالىغۇدەك ، ئەتىراپىدىكى شەيئىلەرنى توغرا تۇنىيالىغۇدەك قىممەتكە ، شۇ خىل غەيىبكە ئىشىنىشكە قىستىلىنىدۇ . قۇرئانغا ئىشەنمەي ئۇنىڭ دىنىي كامىل بولمايدۇ . قۇرئانغا ئىشەنمەي ۋە قۇرئاننىڭ زامان - ماكانغا خاس مەۋقەسىنى توغرا تۇنىماي ، ئۇ توغرا دىندا ، ئاللاھنىڭ يىتەكلىشىدىكى توغرا كارۋانى قىممەتتە بولغان بولمايدۇ . چۈنكى قۇرئان پۈتۈن زامان - ماكانلاردىكى سىياسىي بولسۇن ياكى قايسى پىرقىلەر توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىۋاتقان بولسۇن ، ھەممىنى دەلىلى بىلەن ئاشكارا سۆزلەيدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ بۇ خىل قىممىتىنى تەستىقلاشتىن ئاجىزدۇر ۋە كۆپىنچە تەستىقلىغان كىشىلەر بۇ خىل قىممەتكە ئىشىنىشتىن ھەم ئاجىزدۇر . ""|;5kJS4  
دىن بۇندىن ئىلگىرى 1400 يىل ئىلگىرىلا پۈتكەن . ئەمما شۇ خىل پۈتۈكلۈككە يەتمەك بىر باسقۇچ ، شۇ قىممەتكە يەتكەندىن كىيىن شۇ خىل قىممەتنى تۇتۇپ تۇرماق ۋە تېخىمۇ سىلجىپ زامانغا ماس ئىلىملەرگە ، يېڭىلىقلارغا ئىگە بولۇپ زاماننىڭ ئىگىسى بولماق بىر تەستۇر ! B*Om\I  
بۇ باياننى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئىسلامنىڭ نەقەدەر يىراقتىكى ، قىيىنچىلىقتىكى دىن ئىكەنلىكىگە ۋە بۇنىڭغا يەتمەكنىڭ ھەقىقەتەن ، ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىگە جەمى قىلىدۇ ، بۇنچە يىراقنى بىراقلا كۆرىۋالغانلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇ پەللىگە يىتىشكە بولغان ئىرادىسى بوشاپ كېتىدۇ . ئەمما بۇ پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشىنىشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى ۋە شۇ خىل دىنىي ئىبادەتلەرنى چۈشىنىشتىن سۇس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ . ھالبۇكى ، ئىسلام دىنى ھېچ كۆز يەتكۈسىز ماقامدىكى ، كۇرسى بەكلا ئىگىز يەتكۈسىز ئورۇندىكى مەۋھۇم نەرسە ئەمەس . ئاللاھ ھېچقاچان ھېچ بىر بەندىسىگە ئۆزلىرنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلغان ئەمەس ۋە كۈچى يېتىپ تۇرۇپ غورۇرسىز بولسا ، ئەمەلىي مەۋقەدە جارى بولمىسا ئەنە شۇلارنى كىيىنكى ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش قىلىدۇ ۋە تەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىدۇ . ئىسلام دىنىي ئەڭ گۈزەللىككە ، ئەڭ ۋاپادارلىققا ، ئەڭ ساداقەتمەنلىككە ، ئەڭ پاكلىققا ، پەقەت ۋە پەقەت ياخشى خىسلەتلىك بولۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ ! ھەر ۋاقىت ئىنسانىي ۋە روھىي جەھەتلەردە پاك بولۇش ۋە ھەقىقىي چىن بولۇشتەك قىممەتتە بولۇشقا ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى توغرىلىققا ، گۈزەللىككە ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇش بىلەن ئۆزىدىكى دات - پاتلارغا قارىتا يېڭىلىقلارنى قۇبۇللاش بىلەن ئىكەكدەپ تۇرۇشقا ۋە پۈتۈن شەيئىلەردىكى ئەسلى سۈپىتى ، شەكلى بويىچە ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى مەۋقەسىنى توغرا چۈشىنىشكە ، ھەمدە شۇ مەۋقەيىنىڭ ئەسلى قېلىپى بويىچە كىشىلەرنى ، زاماننى يىتەكلەشكە ئېلىپ بارىدۇ ۋە شۇنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ، كۆپىنچە ئالىملار ، موللىلار ، زىيالىيلار ، ئاتا - ئانىلار بۇ خىل قىممەتتىن خالىي قالغانلىق سەۋەبتىن ئۆزلىرى نېمىنى توغرا دەپ تۇنىغان بولسا شۇنى ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا توغرا تۇنۇش بىلەن ئۆزلىرى بىلمىگەن ئىشلار ئارىسىدا چات كېرىپ كىرىۋېلىش بىلەن ئەسلى ئىسلامدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىشتى ۋە ئۆز يوللىرىنى توغرا دېيىشەتتى . تولىمۇ ئەپەسۇسكى ، ھەممە ، جۈملىدىن بۇتخانىدىكى راھىبلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنى توغرا دىيىشىدىغانلىقىنى ئۇنتىغان ئىدى . شۇ سەۋەبتىن باشقا دىندىكىلەرنى قويۇپ تۇرايلىكى ، ئىسلام دەپ نام بېرىلگەن ، قۇرئانغا يىتەكلىنىش قىلىنىدۇ دەپ ئاتالغان بىر دىندىكىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرگە بۆلىنىشى ۋە كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ئايرىلىشى مانا بۇنىڭ دەلىلى مىسالىدۇر ! ئەمما ھەممىلەر ئىختىلاپچىلار بولماستىن ، ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كىتابىنى توغرا رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىپ تۇرىۋاتقان ۋە زامانغا - ماكانغا خاس مەۋقەدە مۇنتىزىم تۇرىۋاتقان ۋە ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت زامانىي مەۋقەلەرگە سېلىپ كېلىۋاتقان بىر بۆلۈك كىشىلەر بولۇپ ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ توغرا يول ئۈستىدىكى ‹‹ كەھف ›› تىن ئىبارەت ‹‹ غارى ›› ئىچىدىكى ئاللاھدىن ھەقىقەت تەلەپ قىلغان ۋە ئاللاھمۇ ئۇلارغا كەڭ رەھمەت قىلىش بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن بەندىلەردۇر ! ])%UZM6  
كۆپىنچە كىشىلەر گەرچە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈستىدە تىل ئىشتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما قۇرئانغا چوقۇنۇشتىن يىراقلىشىپ ئۆزلىرىمڭ بىلمىگەن ئاساستا يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ، ۋە باشقا يات ھەقىقەت ئىسلامغا قارشى مەۋقەدىكىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە ، بۇزۇق ئېتىقادىغا يۈزلىنىش ۋە چوقۇنۇپ كېتىش بىلەن ھەقتىن تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئەمما بۇلارنى توغرىغا چاقىرىش ئىنساننىڭ تىلى ئەمەس . بۇلارنى بىردەك ھىدايەت قىلىش ھېچ بىر بەندىنىڭ كۈچىدىن ئەمەس . بەلكى ‹‹ ئىبراھىم ›› لارنىڭ ئاللاھنىڭ تەيىن قىلىشى بىلەن ‹‹ تېنچ ھەرەم مەككە ›› نى پۈتتۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹ مەككىنىڭ پۈتكەنلىك ›› ىنى توۋلاپ قۇيۇش ، شۇ خىل مەۋقەنى بايان قىلىپ قويۇشلا ئورنى قالدى . قالغىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولۇپ ، ئاللاھ شۇ ‹‹ ئاۋاز ›› لارنى خالىغان بەندىسىگە يەتكۈزىدۇ ، ئاڭلىتىدۇ ۋە شۇ خىل مەۋقەلەر بىلەن شۇ خىل قىممەتنى تىلىگۈچى بەندىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ ، ئاللاھۇئەكبەر !  #n15_cd  
قۇرئاننى يىتەكچى قىلغان ۋە ھەر زامان ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ھەر شەھەردە ، ھەر مۇنبەر ، مەسجىدلەردە توغرا چۈشەندۈرۈپ تىلاۋەت قىلغۇچى كىشىلەر مەۋجۇتتۇر ! بۇلارنىڭمۇ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىرى بولۇپ ، كۈچلۈكلىرى توغرا ، ھەقىقىتىنى ئاشكارلاش ، دەلىلگە ئاساسلىنىش قىلىدۇ ۋە ئۇنى دەلىلى بىلەن بايان قىلىدۇ ، ئاشكارلايدۇ . ئەمما ئاجىزلار بولسا شۇ خىل قىممەتنى - نەتىجىنى ھىس قىلغان ، يىراقتىن تۇنىغان بولۇپ ، ئەسلى قىممىتىنى تېخى ئاشكارلاپ بولالماسلىق سەۋەبلەردىن ياكى دەلىلى بىر ئورۇنغا چىن پۈتۈلمەستىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا دەلىلى قەيەردىن بولمىسىۇن ئاشكارلىنىدىكەن ، ئۇلار شەكسىز ئەسلى قىممەتكە ‹‹ سەجدە ›› قىلغان ھاللاردا ‹‹ يىقىلىدۇ ›› - قۇبۇللايدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا ئېيتىپ چۈشەندۈرىدۇكى : [ سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن ، ( ھەمدە شۇ خىل قىممىتى بىلەن شەكسىز ) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن ( يەنى سۆزۈڭنى ئۇلارغا چۈشەندۈرەلەيسەن ، قۇبۇل قىلدۇرالايسەن ، ھىس قىلدۇرالايسەن ) ، ئۇنىڭغا ( ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كالامىنى قۇبۇل قىلغانلىقلىرى ۋە ئىلگىرى شۇ خىل قىممەتكە ئالاقىدار توغرا ئەمەللەرنى قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك ۋە ئاللاھمۇ ئۇلارنى توغرا يىتەكلىگەنلىكلەردىن ئىلگىرى ئىزدىنىش جەريانىدا بىلمەستىن ، ئىلاجىسىزلىقتىن قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى ، خاتالىقلىرىنى )مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب ( يەنى ئاللاھنىڭ جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ) بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن ( 11 ) ياسن ] %6Vb1?x  
ئاللاھنىڭ قاراڭغۇلۇقنى يارىتىشى ۋە قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇقلۇققا چىقىرىشتىكى سىنىپىي دەۋرى ، زامانى بولۇپ ، ئاللاھ بۇلارنى ئۆز نۆۋىتىدە يەتتىگە بۆلۈش ئىچىدە بەندىلىرىنىڭ ، ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنىڭدەك دەۋىر قىلىشقا بويسۇندۇرغاندۇر ! ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل سۈپىتىنى شۇنىڭدەك قىممەتلەردە يۇلتۇزلۇق قىممەتلىرىدە سىنىپىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن ئىزدەنگۈچىلەر چىن ئىشىنىدۇ ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە تەستىق قىلىدۇكى : [ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى ، ( ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ) ‹‹ ئەرش ›› ئۈستىدە قارار ئالدى ، ( ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل ئاساستا ھېكمەت بايان قىلىشى ، ئالتە دەۋردە بارلىق يەتتىنچى دەۋرگە قارىتا بەندىلىرىنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىغا ، ئاللاھىغا مۇلاقات بولسۇن ئۈچۈنلىك قىممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولۇپ ، يەتتىنچى قىممەتنى ئۆزلىرىنىڭ مەيلىگە قويىۋېتىشنى مەقسەت قىلىشنى تەيىن قىلغانلىقىدىندۇر . ئەنە شۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدە ، سۆزلىرىدە قايسى خىل رەۋىشتە بولىشىنى ئاشكارا قىلىشنى ئىرادە قىلغانلىقىدىندۇر ! ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتى ھەممىنى بىلمەككە سۈپەتلەنگەندۇركى : ) ئاللاھ ( بارلىق زېمىننىڭ ئەھلى بولغان قىممەتتىكى ) زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان ( ماددى - مەنىۋى بولغان ) نەرسىلەرنى ، ( ئاندىن بارلىق رەۋىشتە بارلىق بولغان ) زېمىندىن چىقىدىغان ( ماددى - مەنىۋى بولغان ) نەرسىلەرنى ، ئاسماندىن ( ئاللاھنىڭ ئەسلى ھۆكمى ، ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ‹‹ پەرىشتىلەر ، روھلار ، ئىلھاملار ›› ئارقىلىق ) چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان ( مەقبۇل دۇئالار ، بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمەللىرى ، پەرىشتىلەر.....ئىبارەت ) نەرسىلەرنى ( ھەر ۋاقىت ) بىلىپ تۇرىدۇ ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار ، ئاللاھ ( ئەنە شۇ خىل قىممىتى ، سۈپىتى بىلەن ) سىلەر بىلەن بىرگە ، ئاللاھ ( ھەر بىر ياخشى - يامان ئىش ئۈستىدە ) قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ( 4 ھەدىد ) ] *QI Yq  
ئاللاھ بۇ ‹‹ ئايىتى ››دە تەتقىقاتچىلارنىڭ ، ئىجتىھىدچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت مۇشۇ خىل قىممەتنى توغرا تۇنىشى ۋە ھەر ۋاقىت مۇشۇ خىل قىممەتكە يۆنىلىشى ، يۆلىنىشىگە تىۋىنىشىنى تىلەيدۇ . بەندە ئەنە شۇ خىل رەۋىشتە قىممىتىنى جارى قىلدۇرىشىغا چاقىرىق قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىنساندىكى ھەر بىر قۇۋۋەت ، ھەر بىر ئىلھام ، ھەر بىر ھىسسىي قىممەتلەر ۋە بارلىق ئىنسانىي قىممەتتىكى ، شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل قورغانى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز جارى قىلىنغۇسىدۇر ! ( گەرچە مەندە بىر بۆلۈك ئىلىملەر بولغىنى بىلەن ، مەنمۇ يازاي دەپلا يازالمايمەن . مۇشىنىڭدەك بىر يۈرۈش قىممەتنى يېزىش ئۈچۈن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كېچە ئاراملىقىغا يەنە كۈندۈزلۈك بىر بۆلۈك ئاراملىقلارنى قوشماي تۇرۇپ مۇكەممەل يازالمايمەن . ھەم شۇ ئىلىملەرنى پەقەت ئاللاھقا تىۋىنىپ تۇرۇپلا ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئىگە بولغان . ئۇنىڭسىز ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇركى ، ئۇ پۈتۈن كائىناتتىكى كىملەرگە ، نېمە - نېمىلەرگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە قايسى ۋاقىتتا ھەممىلەرگە پايدىلىق رەۋىشتە نېمەت ئاتا قىلىشىنى ، ھەممىلەرنى چەمبەرچاس باغلىۋەتكەندۇر ! ?z6K/'?  
بەزى ۋاقىتلاردا بەزى بايانلارنى يېزىۋاتقىنىمدا توساتتىنلا بەزى ئىشلار يۈز بېرىپ ئۆچۈرلۈپ كېتىدۇ ، يوقاپ كېتىدۇ . بۇمۇ ھەم ئاللاھنىڭ مېنى ئۆزىنىڭ ئىلاھلىق سۈپىتىگە ئىبادەت قىلىشىمغا قىستىغىنىدىن . مەن ھازىر ئۇنىڭ ئىلاھلىق سۈپىتىگە ئىبادەت قىلىشقا قىستىلىۋاتىمەن . ئىلگىرى سەل ئەندىككەن ئىدىم ئەمما بارا- بارا كۆنىۋاتىمەن . ئەمما سەۋرنى بەك دوست تۇتمىسام ۋە ئاللاھدىن ھەر ۋاقىت سەۋرنى ، قۇۋۋەتنى تەلەپ قىلمىسام ئىنتايىن تەرسا بولۇپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ . كىيىنچە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بايان ئىتەرمىز . }~ N\A  
شۇنىڭغىچە ئاللاھقا ئامانەت !

مەنبە : چولپانلار مۇنبىرى !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش