مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1582|ئىنكاس: 30

ئوغلۇمنى ئۇرۇپ قويدۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 666 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        ئوغلۇمنى ئۇرۇپ قويدۇم
  
       مانا بۈگۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىلدىن يىغىلغىنىغىىمۇ  18 كۈن بۇلۇپ قاپتۇ، باشلانغۇچنىڭ  2- يىللىغىدا ئوقۇيدىغان  8 يېرىم ياشلىق ئوغلۇم ئېھسان  تەتىلدىن كىيىن  ئۆيگە ۋاختىدا قايىتمايدىغان، قار -مۇزلارغا مىلىنىپ ئويناپ كىيىم -كېچەكلىرىنى مەينەت قىلىدىغان ھەم يىرتىپ بىزەپ قىلىۋېتىدىغان بۇلىۋالدى. ئۇنىڭغا قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغان  چىرايلىق تەربىيەلىرىممۇ، مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ بالدۇر كىلىشنى قايتا- قايتا جېكىلەشلىرىممۇ كار قىلمىدى.ھەتتا ئۆزى بالدۇر كېلىش توغرىسىدا يازغان ئەھدىنامىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىپ كەتمىدى.ئايالىمنىڭ ھەر كۈنى ئەتتىگەن كىيىملىرىنى پاكىز ،رەتلىك كىيىندۈرۈپ يولغا سېلىشلىرى بۇ بالىغا نىسپەتەن ئويۇن تۈسىنى بىرىپ قويدىمۇ قانداق ،ئاپىسىنىڭ  كىيىملىرىنى پاكىز كىيىش توغرىسىدىكى يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلىپمۇ قويمىدى.
      مانا بۈگۈنمۇ چۈشتىن كىيىن سائەت 3:15ئۈتكەندە ئوغلۇمنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغانلىق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،ئۇنى چۈشتە قىلغان تەربىيەلىرىمنى ئېسىدە تۇتىدۇ ،يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ دەپ ئويلاپ  ئۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈشكە باشلىدىم،بالىلارنىڭ ھەربىر چۇرقىراشقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇنى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ،ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بىرىش مەخسىدىدە ئىشىك قوڭغۇرىغىنىڭ جىرىڭلىشىنى كۈتتۈم،ئەپسۇس!بۇ كۈتۈشلىرىم ئىلگىرىكى كۈنلەردىكىدەك نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى. ئىككى سائەت ئۈمۈدلۈك كۈتۈپ ئاخىرى  ئۇنى ئىزدەپ تېپىش(ئىلگىرى نەچچە قېتىم  ئىزدەپ ئويناۋاتقان يېرىدىن تېپىپ كەلگەن) مەخسىدىدە كىيىمىلىرىمنى كىيىپ سىرىتقا چىقتىم، ئۇزۇن ماڭمايلا ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئۇنى بىر نەچچە بالا بىلەن سومكىسىنى يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ، قار دۆۋىسىدە ئويناۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم،شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا چوڭ بارماقتىن تومراق بولغان تاياقنىڭ قانداق چىققانلىغىنى بىلمەيلا ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدىم،ئۇنىڭ ‹‹دادا،ئەمدى گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن، مىنى ئۇرماڭ !››دىگەنلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلماي ئۇرۇشقا باشلىدىم،ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلۇمغا ئېسىلىپ قىلغان نالە-پەريادلىرى مىنى ئەسلىمگە قايتۇردى،قارىسام ئۇنىڭ مەڭزىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان تارام-تارام ئىسسىق ياشلىرى قولۇمنى ھۆل قىلىۋېتىپتۇ،شۇ ئەسنادا ئوغلۇمنى ئويۇنغا باشلىغان بىرنەچچە بالىلار بۇ ‹‹تەنبىھ››تىن ساۋاق ئالدىمۇ قانداق ،‹‹ئۆيگە تېز قايتايلى!بىزنىمۇ دادىمىز ئۇرمىسۇن يەنە››دەپ يۈگىرەشكىنىچە كىتىپ قالدى.ئوغلۇمنىڭ ‹‹بىزمۇ قايتايلى دادا !ئەمدى مەكتەپتىن بالدۇر كىلىپ، تاپشۇرۇقلىرىمنى بالدۇر ئىشلەپ،سىلەرنى قاخشاتمايمەن.مىنى كەچۈرىۋېتىڭ››دىگەن يالۋۇرۇش تەلەپپۇزىدىكى سۆزلىرى يۈرۈگۈمنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى،دە ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئۆيگە ئەكىردىم،ئەكىردىميۇ ‹‹كىچىككىنە ئاچچىققا ھاي بېرەلمەي  ئوماق،ھەم ئامراق ئوغلۇمنى ئۇرۇپ قويدۇم.››دەپ ئاچچىق  پۇشايمان ھەم ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە  بىرھازاغىچە ھېچكىمگە گەپ قىلمىدىم، ‹‹كىيىنكى پۇشايمان،ئۆزىگە دۈشمەن››دىگەندەك مانا ھازىرمۇ  شۇ ئاچچىقچىلىقتا ‹‹مەن ئوغلۇمنى ئۇرۇپ قويدۇم،مەن ئوغلۇمنى ئۇرۇپ قويدۇم...››دەپ ئۆز-ئۆزەمگە ئۈنسىز پىچىرلىماقتىمەن.
    مەنبە:ئۆزۈم:(تەمكىن)

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 231033
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 11301 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ بىر قېتىملىق ئاچچىق ساۋاق بەلكىم ئوغلىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 12:37 PM  


ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ، ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ، شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ، داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش . ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7637
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7185 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق ئەركىلىتىپ يامان ئۈگۈنۈپ قالغان باللىنى مۇشۇنداق ئانچە مۇنچە تەككۈزۈپ رىمۇنىتلاپ تۇرۇش كىرەك  .

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13688
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7802 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 12:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيگە  بارلدۇر كىرسەڭ بىللە  ئوينايمىز دەپ بىللە  ئويناڭ بالىڭىز بىلەن . شۇ تالادا ئىرىشكەن خۇشاللىقىغا سىز  ئىرىشتۇرۇڭ،.... كىچىك بالا دىگەن  ۋەدە نىمە  ئەھدە نىمە تىخى  ئىنىق بىلمەيدۇ ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3064
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15458
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدە   ناماز  ئۇقۇشنى  ئۆگىنىش  سۈرىسىنى  يادلىماي  ئانامدىن  تاياق  يېگىنىمنى
ئەسلەپ  قالدىم  .
ھەدېسىلا  بالىلارنىڭ  ئەركىنلىكىگە  چەك  قۇيۇپ  ،  ئۆزۈمنىڭ  سەنمىگە  دەسسە  دېگەننىڭ
پايدىسى  يوق...

نامرات   تۇرۇپمۇ  خۇشال يۈرەلەيدىغان ئادەم ؛  بىرى ئاقىل  ،  بىرى  بولسا    بىغەم ، لەقۋا .

ھەرقاچان خۇشال ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1190 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ تەنبىھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن بالىڭىزنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ! بۇنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ كىينىكى ھاياتىدا مۇھىم رولى بار.

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12799
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7237 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا- ئانىنڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان بالا تاياق يەيدۇ ، لىكىن بالىنى قاتتىق ئۇرمىغان ياخشى .

مۇسۇلماننىڭ كۆز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7746
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2574 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرغان ئۇرمىغىنىڭىز مۇھىم ئەمەس، گەپ تاياق يېگەندىن كېيىن بالا ئۆزگەردىمۇ ؟ شۇ مۇھىم.

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nim-japa يوللىغان ۋاقتى  2012-3-8 01:49 PM
ئۇرغان ئۇرمىغىنىڭىز مۇھىم ئەمەس، گەپ تاياق يېگەندىن ك ...

توغرادەيسىز

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36142
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4017
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 2697 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 02:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدىن بەك شوخ ئىدىم. لىكىن قانچىلىك  شوخلۇق قىلساممۇ ئاتام بىلەن ئانام بىر قېتىممۇ ئۇرۇپ باقمىغان.ئاتام تېخى :- مىنىڭ بالامدە! مىنى دورىدى دەپ ئەركىلىتىپ قۇياتتى.كىيىنچە چوڭ بولغانسىرى ئەقلىمىزگە تولۇپ بۇرۇن قىلغان شوخلۇقلار ياراشمايدىغان بوپ قالىدىكەنمىز. ئانام بالىنىڭ كىچىكى دەپ 4 يىشىمغىچە ئىمىتىپتىكەن شۇڭا ئاكاملار ھازىرمۇ ئەمگەك موزاي دەپ تىرىكتۈرىدۇ~~:qiray14:qiray14:qiray14

ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش