ئەسلىمە
ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، ھېچنىمە خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدىغان تەنتەك چاغلىرىمنىڭ بىرىدە قۇلاق كەستى ئاغىينىلىرىم بىلەن كىچە – كۈندۈز ئۇيۇن-تاماشا، نەدە ئۇرۇش-جىدەل تىمىسقىلاپ لاغايلاپلا يۈرەتتۇق.
شۇ مەزگىللەرنىڭ بىرى، خېلىلا كەچ بىر ئاغىينەم بىلەن «بىر كۈنلۈك ۋەزىپە»لەرنى ئۇرۇنداپ بولۇپ، سوغۇقتا كىرىدىغان يەر بولمىغانلىقتىن ئۆيگە قاراپ كىتىۋاتاتتۇق.
-ئاداش قارا ئاۋۇ كىشىگە، ئەتراپتا كۆپ ئادەممۇ يوق. بىر سوقساق قانداق؟؟؟
ئىرەنسىزلىك بىلەن ئاغىينەم ئىما قىلغان تەرەپكە قارىدىم. 45ياشلاردىن ھالقىغان بىر كىشىنىڭ يايمىسىنى يىغماي، ئەڭ ئاخىرقى سودا پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكىسى يوقتەك تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەتراپقا تەلمۈرۈپ، يېنىدىكى ئۇتى ئۈچەي دەپ قالغان چىلەككە قوللىرىنى تىققانچە نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلغانچە ئۈنسىز تۇراتتى.
-بولدى قىلە؟! خوشياقمىغان ھالدا باشقا گەپ قىلمايلا ئۇنى نۇقۇپ تىزرەك مېڭىشقا ئىما قىلدىم.
-ۋاي تويماس ئوغرى، كەچ كىرگەندە يىغسا بولمامدۇ؟......... تۆت تال پۇل ئۈچۈن كىچىسىمۇ ئۇخلىمىغان..........
- ئالدىڭغا قاراپ ماڭغىنە، بەكمۇ ئىچىمنى سىقتىڭ كوتۇلداپ،...... ۋارقىرغاندەك چىقىپ كەتكەن ئاۋازىمدىن كەيپىياتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئاغىينەم كۈزۈمگە تىكىلىپ قارىۋەتكەنچە جىمىپ قالدى.
دەل شۇ كىشىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇ كىشى ئالدىرماي ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇراتتى. مىسكىن چىرايدىن بىر نەرسە ئېلىپ ئازراق سودا قىلىپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ئەپسۇس، مىيىقىمىزدا كۈلۈپ كىتىپ قالدۇق. مەنىستمەسلىك بىلەن زاڭلىق ئارلاش كۈلۈشكىمۇ ئۈلگۈرگەندىمەن بەلكىم.
ھايات دىگەن ئەسلى ماھىيەتتە تۇلىمۇ قىسقا بۇلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوپچوڭلا ئادەم بۇپ قالدۇق مانا.
كىچىك ۋاقتىمدىكى ئوينىغان ھەربى-دۈشمەن، مۈكى-مۈكىلەڭ ئۇيۇنلار، كۈن بۇيى كىتەلمەي سوغا چۈمىلىدىغان مەھەللە چېتىدىكى ئۆستەڭ...............ھەممىسى قايسى كۈنى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردەكلا ئەسلەپ بىرەلەيمەن.
مانا چوڭ بولۇپ ئۆي-ئۇچاقلىقمۇ بولدۇق. تۈرلۈك بېسىم سەۋەپلىك ئۇيقىدىن مەھرۇم بولغان كىچىلەردىللا بەزى نەرسىلەرنى ۋاقتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر تاختىسىنى بېسىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
ھەي توۋا!!! ....ئاتا-ئانا بولمىغۇچە ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىنى بىلمەيسەن دەيدىغان مەھەللىمىزدىكى بىر بوۋاي.
كىچىك چاغلاردىكى ئەنە شۇنداق ئىشلار بەزىدە ئادەمنى بىر نەرسىلەرنى ئويلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىكەن.
چوڭ بولدۇق، توي قىلدۇق، يىل ئۆتتى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن پەرزەنتلىك بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بەزى بىر تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئايان بىر «مەسئۇلىيەت»نىڭ تۈرتىكىسىدە ئوڭ-تەتۈر بولسىمۇ كىچىك بىر ئۆينىڭ چاقىنى چۆرۈپ يۈردۇق. سىرتقا مۇھتقا قاراپ بەزى نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدۇق. ھەۋەسنىڭ ئۇتى بىلەن تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا بېشىمچىلارپ كىرىپ كەتتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن نە جەبرى-جاپا مۇشەققەتلەر ئېغىر تۇيۇلمىدى. قىسقىسى تۇرمۇش نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئۆزىمىزمۇ بىلىپ بىلمىگەن ئاساستا كۈنۈشكە مەجبۇر قىلدى.
.......................................................
...........................................
..............................
ئىشلىرىمدىن ئازراق بۇشانغاندا نەچچە كۈن ئارام ئالمىسام، قانغۇدەك بىر ئۇخلىۋالسام......... شۇ خىياللار بىلەن ئىشلارنى تىزراق تۈگىتىشكە ئالدىرايتىم. بىراق ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن..........؟؟؟؟؟؟!!!!! مەن بولسام يەنە شۇ خىيال بىلەن ........؟؟؟!!!!
كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتىۋاتقان ۋاقتلاردا تىزىمنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا چىققان قاپلىق يارا مېنى مەجبۇر ياتقۇزۋەتتى.
شۇ يارىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئوكۇل ئېلىپ بىر كۈن ئارام ئالغانمۇ بولدۇم. ئەل ياتار بولغاندا تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفۇننى ئېلىپ ئولتۇرالماي قالدىم.
-تىز چوڭ ئۆيگە كىلىڭ، بالا ھۆتىلىپ بۇلالمايۋاتىدۇ. دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمىغۇدەك......
تېلىفۇن ئايالىمدىن كەلگەنئىدى. بالنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، شۇنچە كەچتە ئولتۇرالماي بالىنىڭ كىيىم-كىچەك ، باشقا نەرسىلىرىنى سومكىغا سالغانچە يەنە پۇتۇمنى سۆرەپ چوڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. قاتتىق سوغۇق بولغانلىقتىن ھەممە ئادەم تاكسىدا ئولتۇرۋالغانئىدى. بوش ماشىنلار يوق ئاخىرى پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم.
...................................................
.....................................
.........................
قاتتىق سوغۇق ھەم ئاغرىق دەستىدىن قەددىم سەل پۈكۈلگەن، پۈتۈن خىيالىم بالىدا، ئاقسىغىنىمچە بالىنىڭ نەرسىلىرى سېلىنغان سومكىنى ئۆشنەمگە ئارتقانچە چىشىمنى چىشلەپ كىتىپ بارماقتىمەن.
بەزىلەر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراشماقتا..........يەنە كىملەر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتىدىغاندۇ ھە؟؟؟!!!
-ئويغاق خاتىرلىرى