|
|
|
|
يېغلىما قىز ،چىداملىق بول!
مەرۋايىتتەك كۆز ياشلىرىڭنى ئىسراپ قىلما!رەقىبىڭنىڭ ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلگىدەك ماجالىڭ بولمىسىمۇ،ئىمكانقەدەر مىيىقىڭدا بولسىمۇكۈلۈپ ياشا! چۈنكى ،كۈلكە ھاياتى كۈچۈڭنىڭ ئىپادىسى،ئىشەنچ-غۇرۇرۇڭنىڭ گۇۋاھچىسى،سەن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمىنىڭنىڭ تەكەببۇر روھىغا مەنسىتمەسلىك تەستىكىنى ئۇرالايسەن،بەختىڭگە ئورا قازغان شەيتانلارنىڭ پۇت-قولىنى چىدام-غەيرەت ئەپسۇنىدا چۈشەپ قۇيالايسەن.
يېغلىما قىز ! كۆز يېشى ئۇنچە قەدىرسىز ئەمەس.
باشقىلار ئىستىقبالىڭغا توپا چاچسىمۇ ،شان-شەرەپ كۆچىتىڭنى تۈۋىدىن كېسىپ ،نەتىجەڭنى قاقاس چۆللۈككە تاشلىۋەتسىمۇ ،ئاچچىق رىئاللىقنىڭ قىسمەتلىرى ئۈچۈن تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشنى ئۆگىنىۋال،چۈنكى كۈلكە ئۆلگەن روھنى ئۈمۈد زەمزەملىرى بىلەن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغان قۇدىرەتلىك ئىلاھ،سەن ئۇنىڭ خاسىيىتىدىن مىڭ قېتىم ئۆلسەڭمۇ مىڭ قېتىم تىرىلەلەيسەن.
يېغلىما قىز ،كۈلۈپ ياشا!
ناۋادا يېغلاشقا توغرا كەلسە، مەنپەئەت ھەم مەنسەپ داستىخىنىدا چەتكە قېقىشلارغا دۇچ كىلىپ ،ئىناۋىتىڭ بۇيۇن قىسىپ قالغاندا ئەمەس،سېخى قەلبىڭدىن ئەلگە نەپ بېرەلمىگەندە يارامسىزلىقىڭدىن ئۆكۈنۈپ يىغلا! مۇشەققەت دەرياسىدا كۆۋرۈكسىز قېلىپ،ئازاپ قولۋىقىدا گاھ لەيلەپ،گاھ چۆكۈشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس،شادلىق قاپىقىنى تۈرۈپ بەخىتسىز لىككە دۇچار بولغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس،مېھىر-مۇھەببىتىڭنى يامغۇر قىلىپ ،خەلىقنىڭ قاغجىرىغان مەنىۋى ئېتىزلىقىغا سېپىلمىگەن پەيتلىرىڭدە ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆرتىنىپ يىغلىيالايدىغان بول!ئەنە شۇ چاغدىلا كۆز يېشىڭنىڭ قىممىتى بۇلىدۇ.
مەنبەسى: قەلبىنۇر ئىسمايىلنىڭ نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|