مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4945|ئىنكاس: 74

ئاتۇشۇم توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 07:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇش -قەدىم يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا ،تارىم ئويمانلىغىنىڭ غەربىدىكى <ئالتۇن ئۈچبۈرجەك>كە جايلاشقان چېگرا شەھەر شەرق ،جەنۇب تەرەپتىن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ،غەرب تەرپتە ئۇلۇغچات ناھىيىسى،شەرقى شىمال تەرەپتە ئاقچى ناھىيىىسى بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ.شىمالى قىسىمى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئاتۇش-قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىغى 1433 كېلومىتىركېلىدۇ.شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300مېتىر كېلىدۇ. ئاتۇش ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ قىرغىزستان،قازاقىستان،ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبېرىشىتكى مۇھىم تۈگۈن.تورغات ،ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا ئىنتايىن يېقىن. جەنۇب تەرەپتىن پاكىستان ،ھىندىستان،پارس قولتۇغى ئەللىرىگە بېرىشتاقونجىراب ئېغىزىغا 443كىلومېتىر كېلىدۇ.قەشقەر ئايرىپورتى بىلەن بولغان ئارىلىغى 30كىلومېتىر كېلىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈريولى،314-دۆلەت يولى ئاتۇشتىن ئۆتىدۇ،قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق. ئاتۇشنىڭ بۇرۇن شىنجاڭدىكى كىچىك ;شىياڭگاڭ ;دىگەن نامى بارئىدى.ئاتۇش يەنە مەدەنىيەت-سەنئەت ماكانى،مەرىپەت بۆشىكى،پۇتبول يۇرتى،پالۋانلار يۇرتى،ئەنجۈر ماكانى ،سودا دىيارى،مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى دىگەن نامى بار. مەرىپەت بۈشۈكى ئۇيغۇر يىڭى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى 1885يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا <<ھۈسەينىيە>>مەكتىپى قۇرۇلدى ،ھەرقانداق بىر مەدىنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ،ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە كۈچلۈك ئىقتىساتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئىقتىسادى تەرەققىيات ،مەدىنىيەت تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى تارقىتىش يولىدا خىزمەت قىلىدۇ .بۇ قىتىمقى تارىى بۇرۇلۇشقا ئاساس سالغۇچى مۇسابايۇف جەمەتى ،شىنجاڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر باي ،.ۇلار ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتلىرىدىن ئىلھام ئىلىپ ئاتۇشتا بۇ تۇنجى ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى مەشئەلنى ياندۇرىدۇ ،بۇ مەشئەلنىڭ تورىشى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ دىيارى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇيدۇ ،ئۇيقدىن ئويغىنىپ يورۇقلۇققا تەلپۈنىدۇ . بۇ ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ بۆشىكى ئىكساق ھۆسەينىيە پۇتبۇل يۇرتى شىنجاڭ بويىچە پۇتبۇل تۇنجى بولۇپ مۇشۇ يەردە ئومۇملاشقان ھەمدە تۇنجى پۇتبۇل كوماندىسى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان. 1927-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېكىساق پوتبۇل كوماندىسىنىڭ 2:0 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى ،شېۋىتىسىيە كۇنسۇلخانا كوماندىسىنى 7:0 چوڭ نەتىجە بىلەن ئۇتقان «پارلاق تارىخ » ياراتقان.بۇ بىز ھەر بىر پۇتبۇل سۆيەر خەلقنىڭ مەڭگۈ قەلبىدە                                                   ئەنجۈر ماكانى ئاتۇش شەھىرىدىن ئەنجۈر چىقىدۇ، شۇڭا " ئەنجۈر ماكانى" دېگەن نامى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق. ھازىر ئاتۇش شەھىرىدە 5000مولۇق ئەنجۈرلىك بار. يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلىك بار يىلىغا 5000توننا ئەنجۈر چىقىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۈلەملىك ئەنجۈرلۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ،                                    مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى شەھەر بويىچە ئومۇمىي مۇناقى ئۈزۈم كۆلىمى 100 مىڭ موغا، يىللىق ئومۇمىي ھوسۇلى 90 مىڭ توننىغا يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈزۈم يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە، كۆرگەزمە ۋە سېلىشتۇرۇپ باھالاشلاردا ‹‹ئالتۇن›› مېۋە، ‹‹بازارلىق مەھسۇلات››، ‹‹يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى››، ‹‹ئورگانىك مەھسۇلات››، ‹‹زەھەرسىز يېمەكلىك››، ‹‹ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات››، ‹‹داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات››، ‹‹ئورگانىك يېمەكلىك›› دېگەندەك مۇكاپات – شەرەپلەرگە ۋە ئېسىل ‹‹مۇناقى›› دېگەن ئىجازەتنامىگە مۇيەسسەر بولدى. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئۈزۈمنى يەنە ‹‹ئاتۇش ئالتۇنى›› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ.                                         سودا دىيارى ھەممەيلەنگە مەلۇم ئاتۇشلۇقلار سودىغا ماھىر ،ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت قىلىدۇ . ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا كىچىك شاڭگاڭ دەپ نام ئالغان. 2000-يىلدىن كىيىن ئاتۇشنىڭ ئۇل-مۇئەسسە قۇرلۇشى تىز تەرەققى قىلدى،ئاتۇش سودىگەرلىرى بۇرۇن تاپقان پۇلىنى قوشنا شەھەر،ئۆلكە ياكى قوشنا مەمىلىكەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالاتتى،ھازىر قىسمەن ئاتۇش سودىگەرلىرى ئانا يۇرتىنىڭ قۇرلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلاپ ئاتۇش شەھرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.ئاتۇشتا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر يەرلىكلەر تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ بۇ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئىچىكىردىن كەلگەن كارخانىچىلار كونتىرول قىلىش بىلەن تۈپتىن پەرىق قىلىدۇ. ئاتۇش كىچىككىنە بىر شەھەر بولسىمۇ لىكىن ئاتۇشلۇقلار تىرىشچان،ئىزدىنىش روھىغا باي بولغانلىقتىن ئاتۇش سودىگەرلىرى كارخانىللىرى يېقىنى قەشقەر،خوتەن،ئۈرۈمچى،يىراقراقى جىياڭسۇ،جېجىياڭ،قازاغىستان،تۈركىيە........... قاتارلىق دۆلەت ياكى رايۇنلاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقتا. كونا ئاتۇش سودىگەرلىرى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىنىش شارئىتى بىلەن تەمىن ئىتىپ يېڭى ئاتۇش كارخانىچىللىرىنى روياپقا چىقىرىشقا باشىلىدى.ئاتۇشلۇقلارنىڭ پۇلدىنمۇ ئۈتە ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىدىغان يېرى شۇكى بىر-بىرىنى يۈلەش روھى ئەۋلادتىن -ئەۋلاتقا
داۋام ئىتىپ كىلىۋاتىدۇ،ۋە داۋام ئەتكۈسى.ئاتۇشلۇقلار ئۆزلىرىنى خان ئەۋلادى دەپ
قارايدۇ،شۇڭا ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدا قالسىمۇ بېشىنى تىك كۈتۈرۈپ يۈرىيدۇ ۋە ئۆز
تەقدىرى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىدۇ. مەدەنىيەت سەنئەت ماكانى ئاتۇش خەلىق
ناخشىلىرى يىقىملىقلىقى ،شوخلىقى بىلەن 7 ياشتىن 70ياشقىچە ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ
ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.ئاتۇش ئۇسۇلىنىمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ.
تۆۋەندە ئاتۇش پەدىسىدىن بىرنى ئاڭلايلى                                 

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3863
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10136
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 9492 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مېنىڭ مۇشۇ يۇرتۇم بەك بەلەن جۇما،   ئاتۇشلۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،  بىراق مۇشۇ ئاتۇش شەھرىنىڭ شەھەر كۆلىمى بەكلا كىچىك دىسە، شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ ماشىنىڭىزنى قوزغىتىپ ئالدىرىماي 5 - خوتقا سېلىپ كەينىدىنلا ئالدىرىماي كەينىگە ياندۇرسىڭىز 1- خوتقا كەلگەندە ئاتۇش شەھەر ئىچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ قالىسىز .  كۆلىمىنى تىزىراق چوڭايتسا بولاتتى. كۆلىمى كىچىك بولغاچقا تازا تەرەققىي قىلالمايۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahadir5968 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-8 01:00 PM
ھەي مېنىڭ مۇشۇ يۇرتۇم بەك بەلەن جۇما،   ئاتۇشلۇق بولغان ...

ئاللاھ خالىسا ئۇ كۈنلەرمۇ كىلەر.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 02:24:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاتۇشلۇق بولغۇنۇمدىن شۇنداق پەخىرلىنىمەن،ئاتۇش ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن مىھرى باشقىچە ئىللىق ماكان جۇمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72641
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 02:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاتۇشتىن بولىمەن.
1927-يىلىدىكى دوستلۇق پوتبول مۇسابىقىسى قەشقەرنىڭ سەمەن رايونىدا ئۆتكۈزلگەن بولۇپ ، نەتىجە
ئەنگىلىيە كونسۇلى پوتبول كوماندىسى - ئېكساق دېھقانلار پوتبول كوماندىسى = 2:0
شېۋتسىيە كونسۇلى پوتبول كوماندىسى - ئېكساق دېھقانلار پوتبول كوماندىسى=  7:2  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 02:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  دىمىسەممۇ  ئىسمىمدىن  چىقىپ  تۇرۇپتۇغۇ.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4809
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 02:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇش ئۆزى ئوبدان يۇرت.گەرچە مەن ئاتۇشتىن بولمىساممۇ،ئاتۇشلۇق دوسلارغا ئۆز سالىمىمنى يوللايمەن.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7796 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 03:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشۇم گۈزەل يۇرتۇم!!!!

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 04:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئاتۇشستان دەپلا ئۆتەپ كىتىلى ئەمسە ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 04:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا ئۇيغۇرنى ماختايدىغانلار ئاز،يۇرتىنى ماختايدىغانلار كۆپ؟بۇمۇ بىزدىكى بىر ئىللەت،(مەنمۇ تىگىم ئانام-دادام ھەممىمىز تىگىمىز ئاتۇشتىن،چوڭ دادام 1950-يىللاردا قەشقەرگە يىنىپ كەلگەن ئىكەن،)بۇ خىل ئادەت بىزنىڭ ئۆرىپ-ئادىتىمىزغا ئوخشايدۇ،ئۇ يۇرتلۇق،بۇ يۇرتلۇق،شەھەرلىك،يىزىلىق، ئۇ مەھەللىك بۇ مەھەللىلىك،يەنى تىخى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىللىرىمىز بولسا يۇقىرى يىللىق،تۆۋەن يىللىق،ئۇ سىنىپلىق بۇ سىنىپلىق ھەي توۋا دەيدىغان ئىش بۇ يۇرتۋالىق دىگەننى ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە قىلمايدىغىنى يوقمىكى دەيمەن!چوڭلاردىن-كىچىكلەرگىچە ھەممىسى ئاساسەن قىلىدۇ،بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن ھەممە ئادەمدە مەن پالانى يەرلىك ئەمەس مەن دىگەن ئۇيغۇر دىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك!بۇ ئىنكاسىم تىمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ توغرا چۈشىنشىڭلارنى سورايمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 04:55 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش