مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 3

ئاياللىق قەلب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1887 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 05:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللىق قەلب چېكىپ قويسىڭىز جاراڭلاپ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدىغان جانان چىنىگە ئوخشايدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى سۇندۇرۇپ قويۇشتىن ياكى قولىڭىزدىن چۈشۈرۈپ دەز كەتكۈزۈۋىتىشتىن ئەنسىرىسىڭىز بۇ جانان چىنىنى قەلب تۆرىڭىزنىڭ گۈل تەكچىلىرىگە تىزىپ ساقلاڭ. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن نازۇك.

ئاياللىق قەلب رەڭمۇ – رەڭ گۈل ۋە نەقىشلەر بىلەن بىزىلىپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ناھايىتى ئېسىل ۋە باھاسى تەڭداشسىز بولغان قاشتېشىغا ئوخشايدۇ. دوستۇم،  سىز ئۇنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىسىڭىز ئۇنى تۇمار ئورنىدا بوينىڭىزغا ئېسىۋىلىڭ ھەم ئۇنىڭ گۈزەل، دەڭداشسىز  ئىكەنلىكىنى  ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ  قويماڭ.

ئاياللىق قەلب ساناقسىز  گۈل ئىچىپ تۇرىدىغان چېچەكلەرگە، ئادەمگە لەززەت ۋە قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان مىۋىلەرگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇ مىۋىلەرنىڭ ۋايىغا يېتىپ پىشىشى ۋە سىزگە زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلسىڭىز ئۇ چىچەكلەرنى قارا بوران، ھۆل يېغىن ۋە مۆلدۈرلەرنىڭ ۋەيران قىلىۋىتىشىدىن پەخەس بولۇڭ.

ئاياللىق قەلب باراخسان ئۆسكەن ۋە ئەتىيازدىن تاكى قىشنىڭ سوغىقىدا ئۇششۈپ كەتكىچىلىك بولغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە بىرى توزۇسا بىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل چايغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز بۇ گۈل چايلارنىڭ لەززىتى، پۇرىقى، گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسىنى ئويلىسىڭىز ئۇنى ھەر ۋاقت ئىسىڭىزدىن چىقارماي ئۇنىڭ گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ۋە جىق ئېچىلىشى ئۈچۈن پەرۋىش قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاياللىق قەلب خەستە دىللارنى خۇشال قىلغۇچى، نىمجان يۈرەكلەرگە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىغۇچى شۇنداقلا ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە خۇش پۇرىقىغا مەپتۇن بولمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغان قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، خۇش پۇرىقىغا قىنىۋىلىشنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن زوق ئېلىشنى ئويلىسىڭىز ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ياۋا ئوت چۆپ ئۇنىڭغا سايە بولىۋالىدىغان دەل دەرەخلەردىن ئۇنى قوغداڭ ۋە ئۇنىڭغا مىھرى – مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ ھەقىقى پورەكلەپ، قىپ-قىزىل رەڭدە جۇلا قىلغىنىدىن زوق ۋە بەھىر ئالالايسىز.

ئاياللىق قەلب سەھەردە ئىچىلغان گۈل بەرگىدىكى شەبنەمگە ئوخشايدۇ.  گۈل ۋە ئۇنىڭغا قونغان شەبنەمنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلانماقچى بولسىڭىز ئۇ شەبنەمنىڭ  نەچچە تامچە سۇ ئىكەنلىكىنى ئويلىماڭ، چۈنكى شۇ نەچچە تامچە شەبنەم  تامچىسى ئىچىگە ئاياللىق قەلبنىڭ ئوكيان كەبى كۆز يېشى، ھەسرىتى  قونغان بولىدۇ.

ئاياللىق قەلب مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ياپ – يېشىل بۇغدايزارلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ يېشىل رەڭدە دېڭىزدەك يەلپۈنۈپ  ۋە يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرىشى سىزنىڭ كۈزدىكى كاتتا بىر بۇغداي چەشلىرىنىڭ ئېگىسى بولىدىغانلىقىڭىزنىڭ دېرىكىدۇر. ئۇنتۇماڭكى بۇ مايسىلار يەنىلا سىزنىڭ پەرۋىش ۋە كۆيىنىشىڭىز بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنىڭ بىر دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزغا باغلىق...

ئاياللىق قەلب ناھايىتى يېقىملىق، قانچە ئاڭلىسىڭىز قانمايدىغان بىر لېرىك مۇزىكا. سىز بۇ مۇزىكا لېنتىسىدىن زىرىكسىڭىزمۇ ئۇنى توپا – چاڭ ئاستىدىكى كورۇپكىغا سېلىپ قويماڭ.

ئاياللىق قەلب ئاق بۇلۇتلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەن گۈزەل ھالىتىنى، ئالتۇن تاۋاقتەك پارقىراپ تۇرىدىغان تولغان ئاينىڭ سۈتتەك ئايدىڭ ئاخشاملىرىنى، ئوماق قىزىڭىزنىڭ كۆزىدەك نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزنى، سەبىيلەرنىڭ قاراقلىرىدەك جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى سىزگە ئاكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆك ئاسمانغا ئوخشايدۇ. سىز پەقەت بۇ كۆك ئاسماننىڭ يامغۇر يېشىنلىق مەزگىللىرىنىلا كۆرمىسىڭىز.

ئاياللىق قەلبكە تەبىئەتتىكى بارچە گۈزەللىك، سىر، ھىكمەت مۈجەسسەم بولغان. تەبىئەتنى سۆيگەن، ئۇنى ئاسرىغان، كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ پۈتمەس – تۈگۈمەس، تەمەننا ۋە مىىننەتسىز  لەززىتىدىن بەھىر ئالالايدۇ.

ئاياللىق قەلب نۇرغۇن كىشى قىزىقىپ سېتىۋالسىمۇ پەقەت ئوقۇشقا خۇش ياقمايدىغان بىر بەدىئي كىتابقا ئوخشايدۇ، سىز ئۇ كىتابنى كىتاب جاھازىسىدىن ئېلىپ مۇنداقچە ۋاراقلاپ قويماستىن تەپسىلى كورۈڭ، شۇنىڭدا ئۆزىڭىز ھىس قىلمىغان نۇرغۇن ئېسىل دۇدانىلەردىن ۋاقىپ بولىسىز.

ئاياللىق قەلب تېخى سىز يازمىغان بىر شىئېرغا ئوخشايدۇ، شىئېر يېزىش ئۈچۈن بەدىئي دىت ۋە ساپا كىتىدۇ. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقت چىقىرىپ ئۈگۈنۈڭ، تېرىشىڭ. ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ياخشى بىر شائىېر بولالايسىز ۋە قەلب تارىنى چەككىدەك ئېسىل لېرىكىلارنى يازالايسىز. پەقەت ۋاقت چىقارسىڭىزلا.

مۇنبەردىكى بارلىق خانىم قىزلارنىڭ 8-مارت بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0000bahar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 05:50 PM  


bhj.gif
dgnefdn.gif
سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5582
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:32:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  چۈنكى ؛ قىزلار بەك ئوماق، ئاياللار بەك گۈزەل، ئانىلار مىھرىبان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1887 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 05:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى «خانىم - قىزلار بايرىمى»غا ئاتاپ يوللىغان ئىدىم، لېكىن ۋاختىدا تەستىقلانمىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0000bahar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 05:03 PM  


سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1887 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 05:04:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-28 03:32 AM
چۈنكى ؛ قىزلار بەك ئوماق، ئاياللار بەك گۈزەل، ئانىلار ...

رەھمەت سىزگە.
ئىنكاسىڭىزدىن خۇشال بولدۇم.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش