|
|
|
|
كىتابنى ئېلكىتابقا ئايلاندۇرىدىغان بىر ئاددى ئۇسۇل تاپقان،ئازىراق مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم.
مۇنبىرىمىزدە يۇمشاق دېتال ئۇستىللىرى جىققۇ،بىر ھەل قىلىڭلار. بۇ ئىش ھەل بولۇپ قالسا بىر كىتابنى بىر كۈندە ئېلكىتاب قىلغىلى بولاتتى .
باشلىدىم ھە...
ئاۋال كومپىيۇتىرغا doPDFبىلەن AJViewer دىگەن ئىككى يۇمشاق دىتالنى قاچىلايمىز.
ھەر ئىككىلىسى ھەقسىز دېتال ،بەيدۇدا بار.
word2003 كېرەك، بۇغۇ ھەممىڭلاردا بار ھەقىچان .
ئاۋال بىز ئېلكىتاب قىلماقچى بولغان بەتنى (كىتابنى).رەسىمگە تارتىۋالىمىز.مېنڭچە بۇلسا سىنكەرلىۋالساق (扫描نى شۇنداق دەيدىغۇ ھە؟؟؟)تېخىمۇ ياخشى . رەسىم چوقۇم تۈز،خەت ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك .بۇ بىرىنچى دېققەت قىلىدىغان ئىش جۇما. خەت تۈز ياكى ئېنىق بولمىسا ،خەتنى تونۇتۇش تەس بولىدۇ.
ئاندىن word2003 ئارقىلىق بۇ رەسىم ھۆججىتىنى ئاچىمىز
سولدىن ئوڭغا ئوقۇڭ .
كىرگۈزىمىز - word——插入菜单——图片——来自文件——选择照片 نى ئاچىمىز .
( word2003 خەنزۇچە بولغاچقا مەنمۇ بۇ جەرياننى خەنزۇچە كىرگۈزدۈم.)
ئاندىن word تا بېسىپ چىقىرىشنى (打印)تاللايمىز. بېسىپ چىقىرىش ئۈسكۈنسىنى تاللىغاندا doPDF نى تاللايمىز .مۇقۇملاشتۇرۇپ ھۆججەت ساقلايدىغان ئورۇننى بىكىتىمىز ،
ساقلاشنى بېسىپ مۇقۇملاشتۇرىمىز .
doPDF نى قاچىلغاندا ،doPDF ئاساسى بېسىپ چىقىرىش(默认) قىلامسەن دەپ سورايدۇ،شۇ چاغدا ھەئە دىۋەتسەك كېيىن تاللاپ ئاۋارە بولمايمىز.
بۇنىڭ خەنزۇچە جەريانى مۇنداق : 在word中选择文件菜单——打印——在打印机选项中选择doPDF——确定——点击“浏览”选项——选择文件保存的位置和填写文件名称——保存——确定
(ماۋۇ دېتاللار خەنزۇچە بولغاچقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن خەنزۇچىسىنى بىللە يازدىم ،گەپ تاپمىغايسىلەر.رەھمەت...).
ئەمدىكى قەدەمدە بايام بىز ساقلىغان ھۆججەتنى AJViewer دېتالى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ، ئەگەر ئاپتۇماتىك ئاچمىسا ،ياكى باشقا ئېلكىتاب ئوقۇش دېتاللىرىدا ئېچىلىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز قول سېلىپ AJViewer دېتالىدا بايامقى ساقلىۋالغان يەردىكى ھۆججەتنى ئېچىڭ .
ئېچىۋالدىڭىز مۇ ،ئەمدى رەسىمگە قاراڭ،
AJViewer دېتالىدىن مۇنۇ بەلگىنى تاپىسىز
ئاندىن خەتنى رەسىمدىكىدەك كېسىۋالىمىز
ئاندىن word ئۇزتىش دەپ بىر تاللانما چىقىدۇ.شۇنى باسساق ، word تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
چاتاق يېرى بايامقى رەسىمدىكىدەك كېسىۋالغان ئۇيغۇرچە خەتلەر خاتا كودتا كۆرۈنىۋاتىدۇ، شۇنى ئامال قىلغىلى بولاما .
تەرجىمەمدە خاتالىق بولىشى مۈمكىن ،خاپا بولۇشمىغايلا، بولمىسا ~چ چ بوشلۇقىمغا بېرىپ ئەسلى ماقالىنى كۆرۈڭلار.
مەنبە چ چ تور بوشلۇقۇم .
http://user.qzone.qq.com/81033807/blog/1330515043?ptlang=2052&ADUIN=81033807&ADSESSION=1331102717&ADTAG=CLIENT.QQ.4165_MyTip_QzoneFolder.0
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuhluk999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-7 05:29 PM
|
|
|
|
|
|