خانىم-قىزلارغابايراملىق ئاچچىق-چۈچۈكلەر
ئەسسالام !خانىم-قىزلار،شۇنداقلا سۈيۈملۈك ئانىلار!!!!
مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆزگىچە ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى ئېلىپ كەلدىم.
ھازىربىرەركىم ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا تەربىيلەپ ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا بولاتتى دېسە نەق مەيداندا چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويارسىلەر ھە؟؟!ھېچ بولمىغاندا تۇرمۇش بۇنىڭغا يول قويمايدۇ،ئەرنىڭ قولىغا قاراپ ياشامدۇ...دەپ بىر توقاي سەۋەب باھانە بىلەن ئادەمنى غىق قىلىپ قويىسىلەر شۇنداقمۇ؟؟!
30سانتا رەختتە تىكىلگەن باھاسى مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان <شىڭگەن>كىيىملەرنى كىيىپ ،ئۆزگىنى قارتىپ مېڭىش سىلەر ئۈچۈن غەلبە،مۇۋاپىقىيەت شۇنداقمۇ؟قىزلىرىڭىزمۇئاپا 100 كويغان ئىشتان كەلمەيدۇ 200كوي بەر دەپ ئەركىلىسە مە دەپلە بېرىسىز،ئېلىپكىيگەن ئىشتانلىرى ئالامەتقۇ،ھۇزۇر ئالىسىز دە،بەك سىپتا ڧىگۇرىڭىزنى چىرايلىق كۆرسىتىدىكەن دەپ ماختاپ بېرىسىز شۇنداقمۇ؟!؟!كىيىمنى تار ،كالتە قىممەت كىيىش مەدىنىيەت شۇنداقمۇ؟!!
بۇنداقدەي دىغان بولساق بىز ئېشەكنىڭ ئالدىدا تېخى يۈز يىل قالاق ئىكەنمىز،چۈنكى ئۇنىڭ ھەممە يېرى ئوچۇق ،ھەممە يېرى مانا مەن دەپ تۇرىدۇ،ئەمەلىيەتتىغۇ كىيىۋالغان كىيىملىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن بىزمۇ ھەممە يېرىڭلارنى مانا مانا دەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز ھازىر.
سىلەرنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلۇڭلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈنغۇ؟؟!!
بوپتۇ،ئىقتىدارلىق بىلىملىك ئىكەنسىز دەپ تۇرايلى،ھەقىقىي مەسىلە مانا ئەمدى:
دادا خىزمەتتە ،ئانا خىزمەتتە،بالىچۇ؟؟؟نەدە ؟مەكتەپتە؟ھەئە شۇنداقراق...
ئۇلار نېمە يېمەكتە؟نېمە كىيمەكتە؟<تۇجى چاۋمىڧېن>بەك تەملىك دەيدۇ،سىزمۇ ئاڭلىغانسىز؟توخۇ گۆشىغۇ ياخشى نەرسە ئەممائۇلار كىرگەن ئاشخانا كىمنىڭ بىلەمسىز؟توۋا دەيلى توۋا!
تۇللۇقسىزغائەمدى چىققان بالىلار مەكتەپتىن قايتىش يولىدا قىز ئوغۇل دېيىشمەي بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ كېتىۋاتسا.......
بۇنى قانداق قىلىشى كېرەك؟؟كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟؟؟سىزگە ئايلىق پۇل لازىم،پۇل بولمىسا قىممەت مودا كىيىملەرنى كىيەلمەيسىز،ئەمما بالىلارغا ئانا لازىم ئەمەسما؟؟!قىزلارمىللەتنىڭ ئانىسى دەپ ئېيتقانكەن ئەجداتلار!!!
<<ئاياللارھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى>> ئېلان قىلىنىپ،ئەرلىرىڭىز قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بولغىچە سىز نورغۇچ-چۆمۈچنى كۆتىرىدىغان بولۇپ كەتتىڭىز.بۇ جاھان نېمە بولۇپكەتتى !!!ئېيتىڭچۇ خانىم-قىزلار،ھەدە-ئاچىلار!؟!
پۇل،ھەممە ئادەمگە لازىم،ئەمما پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ دە...ھەتتا ئاتا ئانىڭىزئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقىمۇ ۋاقىت ئاجرىتالمايسىز.ئۇلارنى يوقلاشمۇشۇنچىلىك تەس شۇنچىلىك ئاز.
بالىلارئانا مېھرىگە قانمايۋاتقان،ئۆي ئىچى مېھىر-مۇھاببەتتىن يىراق تۇرغان،يېڭى بىرئەۋلاد نۇرغۇن ئەدەب-ئەخلاق ۋە ئائىلە تەربىيىسىدىن ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇققا ئېرىشەلمەيۋاتقان.سۆزلەپ كەلسە بىر قۇچاق بولۇپ كەتتى بۇ ئىشلار....
خانىم-قىز،ھەدە-ئاچىلار ھېسابلاب بېقىڭچۇ زادى ئايلىق مۇئاشىدىن پايدا ئاپسىزمۇ ياكى زىيان تارتىپسىزمۇ؟!؟
<ھە ئاياللار كىر يۇيۇپ ،تاماق ئەتسۇن ،بىر ئۆمۆر ئەرلەر ئۈچۈن ئىشلىسۇن دەپ نەدە باركەن >دەپ سۆزلەپ چىڭقىلىپ كەتتىڭىز ھازىر شۇنداقما؟؟؟سىز 30 ياشتا قىلغان گىرىمنى ئەمدى 14ياشقا كىرىپلا قىلىپ يۈرگەن قىزلىرىڭىزغا قاراپ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ بولامدا؟مۇشۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تۆھپىڭىز ....
ئانا-ئۆينىڭ مەنىۋى ھاياتىنى ،بالىنىڭ بارلىق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى مۇكەممەل بىر تەرەپ قىلالىسا،ئەرلەر جاپالىق ئىشلەپ ئۆينىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قاندۇرسا بۇ ئائىلە بىرھەقىقى مەدەنىيەتلىك ئۇتۇق قازانغان ئانىنىڭ ئائىلىسى بولاتتى. ھازىرلا مۇنداق دەيسىز ھە:مال باھاسى ئۆرە،بىر ئادەمگە قاراپ تۇرغان بىلەن جاننى باققىلى بولمايدۇدەپ سەكرەيسىز ..ئۇنداقتا سوراپ باقاي ئالغان مائاشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ شۇ قىممەت موداكىيىملىرى ،ئېسىل گىرىملىرى شۇنداقلا شۇ ئائىلە تەربىيىسى كەم قالغان بالىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىشرەت سورۇنلىرى ۋە يەۋاتقان مەينەت ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئورۇنسىزبۇزۇپ چاچقان چىقىملىرىغا ياماق بولالامدۇ؟؟!!؟
ياپونىيە دېسە بىلمەيدىغىنىڭلار يوق شۇنداقتۇ؟جۇڭگو ئەمەس شىنجاڭنىڭ بەشتىن بىرىچىلىك كەلمەيدىغان بۇ دۆلەت نېمىشقاشۇنچە داڭلىق؟؟
چۈنكى ئۇ دۆلەتتە ئاياللارمۇ يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىلىك بولۇپ، تۇنجى بالىسىنى تۇغقاندىن كېيىن خىزمىتىدىن توختاپ بالا ئۈچۈن بارىنى ئاتاپ،ھەقىقىي ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدىكەن.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزىڭىزگە:<مەن ئىنسان ئانىسىمۇ ياكى بالىسىنى تۇغۇپ قويۇپلا تاشلاپ قويىدىغان ھۆپۆپمۇ>- دەپ سۇئال قويۇپ باقتىڭىزمۇ؟ئەلۋەتتەھۆپۆپمۇ بالىلىرى ئۇچۇرۇم بولغىچە دان بېرىپ باقارمىش.
ھازىرسىز بەك قىلسىڭىز شۇ ھۆپۆپچىلىك قىلدىڭز خالاس.شۇنداق دەپ ھەريىلى دۇنياخاراكتىرلىك باھالىنىدىغان داڭلىق 10 ئالىم ئىچىدە ھەر يىلى كەم دېگەندە ياپونىيەدىن ئىككىسى بار.بۇ زادى نەدىكى پەرق؟ دەل ئانىنىڭ رولىدىكى پەرق.
ئانىلار!ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلار!شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغانلار سەل ئۇيقىڭىزنى ئېچىڭ....
<<بۇرۇننىڭ بۇرىنىسىدا ،بىر كىلىن ئېرىنىڭ كېسەلچان ئانىسىغا قارىيىپ كەتكەن پۇچۇق ياغاچ چېنىدە ئاش بېرىپتىكەن،بۇنى كۆرگەن بالىسى :-ئانا ،سىلەر قېرىساڭلار مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنداق چېنىدە ئاش بېرىمەن دەپتۇ>>.بۇ ئىبرەتلىك ئۈزۈندىدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى ئانا بالىغا ئەڭ بىۋاستە ئەڭ زور تەسىر قىلىدىغان ئادەم.سىزنىڭ موداكىيىشىڭىز،ئىسراپخورلۇق قىلىشىڭىز،ئەتىگەن كېتىپ كەچ قايتىشىڭىز ،ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرماسلىقىڭىز ،شۇنداقلا بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز كېيىنكى بىر ئەۋلادقاقانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.بۇ زىيانلارنى شۇ كىچىككىنە ئايلىق پۇل بىلەن تولدۇرغىلى بولامدۇ؟!؟!
ئەڭ يېقىنقى بىر مىسال ھازىر ئوغۇللار قىز تاللىسا قىزنى ئەمەس خىزمىتىنى،قىزلارمۇيىگىت تاللىسا يىگىتنى ئەمەس خىزمىتىنى سورايدىغان بولۇپ يېتىشىپتۇ،بۇمۇئانىلارنىڭ بىر مەغلۇبىيىتى ئەمەسمۇ؟!؟!؟...
بولدى،سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ئاچچىق-چۈچۈكلەرنىبېرەي،بەك جىق بولۇپ كەتسىمۇ ھەزىم قىلىپ بولالماي ئاشقازىنىڭلار قاناپ كەتمىسۇن.
ئاخىرىدا گەپلىرىمنىڭ قوپالراق بولۇپ قالغىنىدىن ئەپۇ سورايمەن،ئەمما يۈرەككە تەككۈدەك،ئازتولا زىتىڭلارغا تەككۈدەك گەپ قىلمىسا كار قىلماس بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ...
ئانىجانىم ئانىلار!!!سىلەرگە مۇھتاج بالىلار!بۇرچىڭلارنى ھەقىقىي ئادا قىلىڭلار!بولامدۇ؟كالتە كوسار،ئەجنەبىيدەك ئەۋلادلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئانىلار بۈشۈكتىن باشلاشكېرەك...بولمىسا ئۈلگۈرمەيدۇ....
بايرامدا سىلەرگە ئاچچىق-چۈچۈكنى جىقبېرىۋەتتىم مېنى تىللىسىڭلار تىللاڭلار،خاپا بولساڭلارمۇ مەيلى...
مەنبە:مەردان ئابدۇللا<تاتلىق پىغان>
2012.3.8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-8 12:42 PM