مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3245|ئىنكاس: 46

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 04:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاراخانىيلار خانلىقى ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن غەرىبكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ياغمىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان،تۇنجى خاقانى بىلگە كۆل قادىرخان!ئىسلام دىنى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋىرىدە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قىتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن،     ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى  تارقاتقان،ۋە بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بارغان ئۇيغۇر ئورخون ئىمپىريىسى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر بىلەن يىمىرىلگەندىن كىيىن،ئەينى دەۋىردە قۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر خانلىقىدىن(ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى پان تىكىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان،قاراخانىيلار خانلىقى بىلگە كۆل قادىرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان،ئۇدۇن خانلىقى ئىنىق ئەمەس،) بىرى بولغان قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تارىخىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كىشىلەردىن بىرى،بۇ كىشى دەسلەپتە ساسانىيلار خاندانلىقى(ھازىرقى ئىران) دىن تەخىت تالىشىپ يىڭىلىپ قىلىپ دىيارىمىزغا پاناھلانغىلى كەلگەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بۇ جەرياندا  قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئورۇنباسارى بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن تونۇشۇپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئىيتىدۇ ۋە تاغىسىغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ ھوقۇقنى تارتىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ،ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بارىدۇ،رىۋايەتلەردە ئىيتىلىشچە:-پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر كۈنى ساھابىللىرىگە كۈن چىقىشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:-ئاشۇ جايدىن ئىسلام دىنى ئۈچۈن كۆچ چىقىردىغان كىشلەر چىقىدۇ،دىگەن ئىكەن شۇ چاغدا قىرىق ئاتلىق نۆۋكەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلەرگە سالام بىرىپ ئۆتۈپ كەتكەن،ساھابىلەر؛-بۇلار كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلى دىگەندە، بۇلار:-ھەزىرتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ لەشكەرلىرى، دىگەن ئىكەن.سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مىلادى 933-يىلىدىن 955-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ،تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن،ھەمدە دىننى ئاساسىي بايراق قىلغان  ھالدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ھەربىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان:-
بىرىنجى،مىلادىيە 942-يىلى ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەلپەتتاھ بىلەن بىللە قوشۇن باشلاپ نارىن            دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلغان،ئارقىدىنلا بالاساغۇن شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ،بۇ شەھەرنى ئىگىلىگەن ھەمدە قارلۇق خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.مۇشۇ ۋەقەدىن كىيىن،ساتۇق بۇغراخان                           ‹‹قاراخان››،‹‹سۇلتان››،‹‹سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ئابدۇلكەرىم››دىگەندەك ناملار بىلەن                            ئاتىلىشقا باشلىغان.                                                                     
ئىكىنجى:-مىلادىيە 949-يىلى ساتۇق بۇغراخان ئەلپەتتاھ ۋە ئۆز ئوغلى مۇسا تىكىننىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى جەڭگە ئەۋەتكەن.قوشۇن ناھايىتى دەبدەبە بىلەن يولغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۇچا،كورلا،قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان.ئاندىن يەنە توقسۇن ئارقىلىق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بىشبالىق شەھىرىگە يۈرۈش قىلغان،بىراق،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەل ۋاقتىدا قوشۇن چىقىرىپ،ئەلپەتتاھ باشچىلقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بەرگەن،بۇ قىتىملىق ئوڭۇشلىزلىقتىن كىيىن،مۇسا تىكىن بىر بۈلۈك قوشۇنلىرىنى باشلاپ قاراشەھەرگە چىكىنگەن.مىلادىيە 954-يىلىغا كەلگەندە،ساتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بولۇپ قالغاچقا،قاراشەھەردە تۇرۋاتقان مۇسا تىكىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن،بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئىدىقۇت خانلىقى تا كۇچاغىچە بولغان زىمىنلىرىنى قايتۇرۋالغان.
ئۈچىنجى:-ساتۇق بۇغراخان ئۇدۇندىكى(خوتەن) بۇددىست ھاكىمىيتىگە قارشى بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان.لىكىن،بۇ ئۇرۇشلاردا ئىگىرلەش ئانچە زور بولمىغان،بۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە يەتتە سۇ رايونى(ھازىر قازاقىستاندا،چىرىك چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيتى‹‹ئىلى شەرتنامىسى›› ئارقىلىق،ئىلىنى قايتۇرۋىلىش بەدىلىگە روسىيەگە بۈلۈپ بەرگەن،) ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپىدا پارتىلغان ياغمىلار قوزغىلىڭىنى تىنجىتىپ،بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تۇراقلاشتۇرغان.
ئومۇمەن،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قىتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان،ۋە قارا خانىيلار دەۋىرىدە دۇنياۋى كاتتا ئالىملار كۆپلەپ يىتىشىپ چىققان،(مەھمۇد قەشقەرى مۇشۇ قاراخانىيلار خاندالىقىنىڭ بىر شاھزادىسى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق مەلۇماتلار بار) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى زور دەرجىدە ئاشۇرغان (كۆپ قىتىملىق غازاتلاردىن كىيىن ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا تىكىننىڭ نەۋرسى تۇغانخان دەۋىرىدە ئاخىرى ئۇدۇن خانلىقى ئىسلام دىنىغا كىرگەن.بۇ ئۇرۇش 47 يىل داۋاملاشقان،يەنى 1008-يىلى ئاياغلاشقان.)ئوغلى مۇسا تىكىنمۇ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ نۇرغۇنلىغا ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان  مىلادىيە 955-يىلى ئاتۇشنىڭ سۇغۇندا ۋاپات بولغان،ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن 37 مىڭ مۇسۇلمان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،ئۇنى ئاستىنئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىغا دەپنە قىلغان.(بۇ مازارلىق ھازىرمۇ بار بولۇپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى زور كەلكۈندە ۋەيران بولغان،كىشىلەر قەبرىنى تىپىش ئۈچۈن بىر توپ قويلارنى ھەيدەپ شۇ مازارلىققا كەلگەندە قويلار ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەنىكەن،شۇڭا مۇشۇ جاينى قايتا مەقبەر قىلىپ ياساتقان ئىكەن.) دىمەك قاراخانىيلار خاندانلىقى1211-يىلى چىڭگىزخان تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ قاچقان كۈچلۈك تەرىپىدىن ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاغدۇرۇلغان.                                                                                                   پايدىلانغان مەنبەلەر:-غەربىي يۇرت-تارىخمىزدىكى خاقانلار،مەن بۇ كىتابتىن پايدىلاندىم بەزىللىرى ئۆزۈم ئاڭلىغانلىرىم،كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتۇشقا بارساملا داڭلىق << ھەزىرتى سۇلتان جامەسىگە چوقۇم باراتتىم،ئەلۋەتتە بۇ يەرگە زىيارەتكە كىلدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس،شۇڭا بۇ زاتنىڭ بىزگە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىغان ناھايىتى مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىپ شۇڭا كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇ خاقاننىڭ تارىخىغا قىزىققان ئىدىم،بەزى چالا قالغان،ياكى خاتالىقلار ساقلانغان جايلار بولسا تۈزىتىشىمگە پۇرسەت بەرگەيسىلەر! ھىجىرىيە 1433-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى(مىلادى 2012-يىل3-ئاينىڭ 7-كۈنى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 08:03 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 07:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت .بۇنداق ئىسىل تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 07:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا تۇلۇقسىزتارىخ دەرستە سوتۇق بۇغراخاننى ئۇيغۇرلانى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان دەپ يىزىلدۇ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساتۇق بۇغراخانننىڭ تەخت ئۈچۈن تاغىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاندىن قانلىق قىلىچ بىلەن دىن تارقىتىپ ئۇيغۇرلاردا ئەسىرلەرگە سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مەدھىلەشكە ئەرزىمەيدۇ.......

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 06:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتۇشلۇق بولغىنىمدىن ئالەمچە پەخىرلىنىش ھېسىياتىدا مەن .............

ھەر قېتىم يۇرتۇمىزغا چەتئەللەردىن ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ئېچى - سىرتىدىن ، شىنجاڭنىڭ شىمال - جەنۇبلىرىن كېلىپ مەخسۇس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرسىنى يوقلىغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى كۆرگەندە شۇنداق ھاياجان تۇيغۇسىدا تۇرىمەن .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 06:56 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 08:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-3-8 06:45 PM
ساتۇق بۇغراخانننىڭ تەخت ئۈچۈن تاغىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ...

سىز ھەقىقەتەن ئىسىل كىشى،ھەممە ئادەم سىزدەك يول تۇتسۇن!مەن سىزدەكلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىمەن،قارىغاندا ئۇيغۇر تارىخىنى بەك چۈشىندىكەنسىز بارىكاللا سىزدەك كىشىللىرىمىزگە!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 08:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-3-8 06:45 PM
ساتۇق بۇغراخانننىڭ تەخت ئۈچۈن تاغىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ...

قارىغاندا مۇشۇ بىر ئىغىز مۇبارەك سۆزنى يىزىش ئۈچۈن مۇنبەرگە تىزىملىتىپسىز بارىكاللا سىزگە!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 08:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ يەردە خالىغانچە ھاقارەت قىلىۋاتقانلارغا :-

ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۇسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ قەشقەر تارىخدىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان 1028 - يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ  ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت ناملىق ئەرەپچە  سۆزلىكىنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ   
تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا .
  
سۇتۇق كۇل بىلىگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارىسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى  
سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى   
تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ، تەخىتكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . 
ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىميەت يۇرگۇزگەن . ئىلگىرى
خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قىچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى
كۇتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يىقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سىلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت
بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كىلىپ سۇدا قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ 12 ياشقا تۇشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۇزدىن
كەچۇرۇش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى   
كۇرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سۇئال سۇرغان ،  سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۇكسەك  
پەزىلەتلىرىنى باياب قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەھسالامنىڭ سۇزلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام ,  
قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۇزلىگەن . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ،  
ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۇزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان   
ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان ، سامانىيلارنىڭ   
شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە
تاساددىبىي يۇز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر :
ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان . ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى :

ئىككى يۇز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يۇلى ئارقىلىق  
ئانا دىيار رايۇنىمىزغا كىرگەن . ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ماۋەرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چىگراسىدا   
يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھەربىي ھەركەتلەر ۋە سۇدا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۇرىكلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام
دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا سەۋەپچى بۇلغان ، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىكى   
تارىخى ئارقا كۇرۇنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن .

يىگىرمە بەش يېشىدا   

سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سىزىپ قالغان ئۇغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يۇل قۇيماسلىقنى بىلدۇرگەن سۇتۇق ئۇغۇلچاقنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۇزى بىلەن مۇسۇلمان بۇلغان 50 نۇكەرنى باشلاپ چىقىپ ،   
ئۇردا - قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانىنى تۇزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن  
بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يىنىغا تۇپلىغان ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان
پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قۇلغا كەلتۇرۇپ ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۇپەيىتكەن .
  
ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بىشى تايانچ پۇنكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قۇشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان .
ئۇ شەرت -شارائىت تەدرىجى پىشىپ يىتىلگەندىن كىيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۇشلەرنىڭ ماسلىشىغا تەيىنىپ ھەربىي  
ئۇزگۇرۇش قۇزغاپ ، قىدىرخان ئۇغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئۇردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى
ئۇغۇلچاقنى قۇلغا ئىلىپ تەخىتنى تارتىۋالغان . ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۇردى بەزىلىرىنى ئىمان )  
ئىتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۇتۇنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتتى .   
قەشقەر نۇپۇسىنىڭ يىرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بۇلغان قەشقەر خەلىقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە  
ئىرىشكەنلىكتىن تەنتەنە قىلىپ پۇتۇن قەشقەر خەلىقى سۇتۇق تىكىننىڭ ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلغان .   
مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خانى دەپ ئىلان قىلىپ قەھىرمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان  
بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قۇللاندى . ئىسلام دىنىنى دۇلەت دىنى قىلىپ ئىلان قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار  
خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە  
قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .   
ھاياتىنىڭ  ئاخىرى مىلادى 840- يىلى ، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولشۇ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر   
خاندانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى .15ياشلىق شاھزادە پانتىكىن ۋە ۋەزىر سارچىق باشچىلىقىدىكى :
15 قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى قېرىنداش تۇغقانلىرى بولغان قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغاl
(ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەرىبى ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ) كۆچۈپ كەلدى . (قارلۇقلار ئەسلىدە  
مىلادى 766- يىللىرى يەتتە سۇ بىلەن سىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى تۈركەشلەر ئىگەللىۋالغان   
زىمىننى قايتۇرۇپ ئېلىپ ، سۈيئاپ (بۈگۈنكى توقماق ) شەھرىنى پايتەخت قىلىشقان ئىدى . ) قارلۇقلار
ئورۇنلاشقان جايلارنىڭ ئىچىگە تالاس شەھىرى ۋە تالاس ۋادىللىرىمۇ كىرەتتى . كۆچكەندىن كېيىن
توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى يېڭىۋاشتىن ئارلىشىپ كەتتى . بۇلار مىلادى 870 !- يىللىرى قۇرۇلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندى .Ⅸئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا   
توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ خانلىق شەكىللەندى ، :   
بۇ خانلىق " ئۇلۇغ " ، " كەڭ " ۋە " كۈت پېتىش تەرەپ " دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان" قارا " سۆزىنى ئۆز خانلىقىنىڭ نامى قىلىپ قاراخانىلار دەپ ئاتالدى . قاراخانىلار زىمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنەتتى . بىرىنجى قىسمى : قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم بولۇپ ، "خاقانىيە  
ئۆلكىسى " دەپ ئاتىلاتتى . ئىككىنجى قىسمى : سەمەرقەند ۋە تالاسنى مەركەز قىلغان غەربىي قىسىم ،   
ئۈچىنجى قىسمى : خوتەننى مەركەز قىلغان شەرقى جەنۇبى قىسىم ئىدى .

ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل ئەشۇ بايانىمىزدىكى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە  
ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈنجى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىدى .
جامال قارشى يازغان سۇرراھ لۇغىتىگە تۇلۇقلىما  دىگەن كىتابىدىكى مەلۇماتقا قارغاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ   
بۇۋىسى كۇل بىلىگ قىدىرخان قۇز ئۇردۇ  ( بالاساغۇندا ) مەركىزى ھۇكۇمەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى   
تۇركى قەبىللەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۇركى قۋملەردىن شاش  تاشكەنت رايۇنى   
ئىسلامنى بۇرۇنراق قۇبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۇننەھردە بۇرۇن ھۇكۇم
سۇرگەن ئۇز ھاكىميەتنى كىڭەيتىپ سامانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بۇلغان شۇنى ئىيتىپ ئۇتۇش  
كىرەككى كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ ھۇكۇم سۇرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھىشقانداق مەلۇماتقا ئىگە   
ئەمەس قامال قارشىنىڭ پىكىرىچە كۇل بىلىگ قىدىرخاندىن كىيىن ھاكىميەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئۇغلى قۇلغا   
ئالغان كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ بارىز ( ئارىسلانخان ) ئۇغۇلچاق ( قىدىرخان ياكى بۇغراخان ) دىگەن  
ئىككى ئۇغلى بۇلۇپ بۇ تۇغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار بازىر ( ئارىسلانخان ) نىڭ بالاساغۇندا  
ئۇلۇغ خاقان سۇپىتى بىلەن ، ئۇغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كىيىن قەشقەردە ھۇكۇم   
سۇرگەن . مىلادىيە 893 - يىللىرى ئۇغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئۇتتۇرسىدا كۇپ قىتىم سۇقۇشلار بۇلۇپ   
ئۇتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشخال قىلىپ ،  
خۇتۇن بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ئارىسلانخان مەركەزنى .  
قەشقەرگە يۇتكەش بىلەن سامانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۇرگەن سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا  
كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئۇغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۇز پاناھىغا ئىلىشقا ھەركەتمۇ قىلغان ئىدى .
        سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاندىنلىقنىڭخاقانى بۇلغاندىن باشلاپ ، قاراخانلىيلار خاندانلىقى تارىخىدا
مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك  
باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلىقلەرنى ئىسلام  
دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان ( ئىسسىقكۇل ئەتراپى ) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايۇنلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام  
دىنىغا ئۇمۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ،  
10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسۇ بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى
يۇزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئۇيمانلىقىدا ئىسلام دىنى زۇر كۇچ بىلەن ئۇمۇملاشتى .
بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتىختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەر
ماۋەئۇننەھر ، خۇراسا ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى .  
مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قۇيدى  . ( پىرىتساكنىڭ قاراخانىيلار كىتابىدىن ئىلىندى ) .سۇتۇق بۇغراخان دەۋرېدە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە   
ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بۇي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇىيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۇزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قىتىمقى يۇرۇشتە خۇتەن بۇددىسى ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى ۋە قەدىمدىن بىرى بىددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بۇلغان كۇچار قاتتىق   
قارشىلىق قىلىپ . ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بۇلسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زۇر كۇپچىلىكى يەنىلا   
مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىغا ئىتقادىدا بۇلدى . سۇتۇق بۇغراخان خۇتەن ، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 - يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا ، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش  
يۇنىلىشى بۇيچە قۇشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۇتۇرۇپ ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرىققە  
يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار ، كۇرلا ، قاراشەھەر  
قاتارلىق جايلارنى ئىشخال قىلىپ ، تۇقسۇن يۇىلى بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق  
شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن  
قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق
بۇغراخان قارا خاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن ( بايتاش ) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە
چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى .  
زۇر چىقىمغا ئۇچۇردى . سۇتۇق بۇغراخان بۇددىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر  سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۇچۇن ، سۇتۇق بۇغراخان   
ئۇنىڭغا ئالىپ تىكىن ( قەھىرمان شاھزادە ) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بۇي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن . سۇتۇق بۇغراخان  
ئۇز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە  
دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى . ئۇلۇغ
مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم ، سىياسىيۇن ، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ ، مىلادىيە 955 - يىلى ئالەمدىن ئۇتتى . ئۇنىڭ جەستىنى  
ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ
ئائىلە مازارى بۇلغان گۇمبەز تۇل خاقانىيە ناملىق ھۇكۇمدارلار گۇمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .   
        سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى  
ئادالەتپەرۋەرلىكى ، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 08:52 PM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 10:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمىز  ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان چوڭ نىئمىتى...
ئەلھەمدۇلىللاھ

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 10:29:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمىز  ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان چوڭ نىئمىتى...
ئەلھەمدۇلىللاھ

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش