|
|
|
|
ئانىلارنىڭ قەلبى بىر ئوكيان
ئانىلارنىڭ قەلبى بىر ئوكيان،
بەك يىراققا سوزۇلۇپ كەتكەن.
پاك مۇھاببەت بۇندا بىپايان،
گويا بەخت چىن ھۆسىن تۈزگەن.
ئانىلارنىڭ قەلبى بىر ئوكيان،
مىڭ ساداقەت كۈيىدىن پۈتكەن،
تۆرۈلۈپ ھەم ئۇندىن بۇ جاھان،
تەڭ ھەممىگەپاك ۋىسال بەرگەن.
ئانىلارنىڭ قەلبى بىر ئوكيان،
ھۆر پەرىشتە قىممىتى سېڭگەن.
قۇياش خىجىل مېھرىدىن ھامان،
ئۇ مېھرىدىن كائىنات كۈلگەن.
ئانىلارنىڭ قەلبى بىر ئوكيان،
ئۇ ھاياتقا گۈل بەخىش ئەتكەن.
خىسىلىتىدىن يەرۇ ۋە ئاسمان،
پەقەت ئاڭا قۇت تىلەپ يۈرگەن.
ئاپتۇرى:ئۇبۇل ھىمىت شاۋقۇن
مەنبەسى:خاتىرەمدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kapsizparixta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-7 12:34 PM
|
|
|
|
|
|