ئاپتونوم رايونلۇق س س م ب ئىدارىسى تۇنجى
تۈركۈمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان ئادىل
بولمىغان ئەندىزىلىك توختام ماددىسى
بىرىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جاۋاپكارلىقىدىن قېچىش.
«سورۇندا ئىشلىتىش داۋامىدا(تىجارەتچىنىڭ تىجارەت سورىنىدا ئىستىمال قىلىش جەريانىدا دېمەكچى)،ئەگەر باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتى زىيانغا ئۇچرىسا ،شىركەت ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.»
ئىككىنچى خىل توختام ماددىسى: تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سېلىش جاۋاپكارلىقىدىن قېچىش.
1.«ئورنىمىز ئەزالارنىڭ ئورنىمىزدا يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان نەرسىلىرىگە قارىتا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.»ياكى«مېھمانخانىمىز شەخسلەرنىڭ قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنىڭ يۈتۈپ كېتىشىگە قارىتا ھەرقانداق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.»ۋەياكى«قىممەت باھالىق نەرسىلىرىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ،يۈتۈپ كەتسە مەسئۇل بولمايمىز.»
2.«كىلىشكەن ۋاقىت ئىچىدە(كىيىم ئېلىش تالونى ئاساس) كىيىمنى ئېلىپ كىتىڭ،ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىنمۇ كىيىمنى ئېلىپ كەتمىسىڭىز ،دۇكىنىمىز يۈتۈپ كەتكەنلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.»
3.«كىيىمنى ئالغاندا كىيىمنى سۈپىتى ۋە سانىنى تەپسىلى تەكشۈرۈڭ،دۇكاندىن ئايرىلغاندىن كىيىن دۇكىنىمىز مەسئۇل بولمايدۇ.»
4.ۋاكالىتەن توشۇش جەريانىدا «بارلىق ماللار ئۇپرىشى(ئازىيىشى) ئومۇمىي باھانىڭ %3ئىچىدە نورمال ئۇپراشقا كىرىدۇ،شىركىتىمىز تۆلەشكە مەسئۇل بولمايدۇ.»
ئۈچىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا،تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە قارىتا قانۇن بۇيىچە ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك كاپالەت مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش.
1.«دۇكىنىمىز ساتقان مەھسۇلات بىردەك قايتۇرۇپ،تېگىشىپ بېرىلمەيدۇ.»ياكى «باھاسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلات قايتۇرۇپ،تېگىشىپ بېرىلمەيدۇ.»ۋە ياكى«مۇكاپات،سوۋغات بۇيۇملارغا بىردەك <ئۈچكە مەسئۇل بۇلۇش> ئىجرا قىلىنمايدۇ.»
2. ۋاكالىتەن تۇشۇش جەريانىدا«ئەسلى ئورالمىسى بولمىغان،ئورالمىسى كونا بولغان سۇلياۋ ياكى ئەينەك بۇيۇملار بۇزۇلسا تۆلىمەيمىز».
تۆتىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا قانۇن بۇيىچە ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش.
1.«يۇيۇشقا ئاپىرىپ بەرگەندىن كىيىن يۇڭ كىيىملەرنى كۈيە يەپ،يۇغاندىن كىيىن كىچىك تۆشۈك،تۆشۈكچىلەر بولسا،يىپى ئۈزۈلسە،تۈگمىسى يوقاپ كەتسە،زىننەت بۇيۇملار بۇزۇلسا،دۇكىنىمىز بىردەك ئىگە بولمايدۇ».
2.«مۈلۈك ھوقۇقى تىزىملانغان كۆلەم بىلەن توختامدا پۈتۈشكەن كۆلەم ئوتتۇرىسىدا پەرق بولسا،ئەمەلىي كۆلەم بۇيىچە ھېسابلىنىپ ،ئارتۇقى قايتۇرۇلۇپ ،كېمى تولۇقلىنىدۇ».
بەشىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ياكى زىياننى تۆلەش سوممىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سوممىدىن ياكى مۇۋاپىق سوممىدىن ئاشۇرۇپ بەلگىلەپ ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش.
1.توختام جاۋابكارلىقىنى «سىنىڭ ئېغىر ،مىنىڭ يېنىك »قىلىش. يەنى:تىجارەتچى بىلەن ئالاقىدار قارشى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش شەكىللەنگەندە،ئەندىزىلىك ماددىلاردا،تىجارەتچىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى روشەن ھالدا ئالاقىدار قارشى تەرەپتىن يېنىك قىلىپ بەلگىلەش.
2. توختام جاۋابكارلىقىنى «سىنىڭ بار ،مىنىڭ يوق »قىلىش.يەنى:ئەندىزىلىك ماددىلاردا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنىلا بەلگىلەپ ،تىجارەتچى ئۆزىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمەسلىك.
ئالتىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىلىرىدا،قانۇن،نىزاملارغا خىلاپ ھالدا،ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدىغان باشقا مەزمۇنلارنى بەلگىلەش.
1.«سېتىۋالغۇچى چوقۇم مەلۇم شىركەت بىر تۇتاش تەمىنلىگەن سۇ سائىتىنى ئىشلىتىشى كېرەك».
2.يايما ئورنى ئىجارە بېرىش توختىمىدا :«ئىجارە ئالغۇچى چوقۇم جىسمانىي سۇغۇرتا ۋە مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك».
3.«مالنى ۋاكالىتەن توشۇشتا چوقۇم سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك،سۇغۇرتىغا قاتناشماي مال زىيانغا ئۇچرىسا،كام چىقسا توشۇتقۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ».
يەتتىنچى خىل توختام ماددىسى: تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ قانۇن بۇيىچە توختامنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى چىقىرىۋېتىش.
1.«ئەگەر ساتقۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى تۈپەيلىدىن،سېتىۋالغۇچى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسىنى ئالالمىسا،سېتىۋالغۇچى ئۆينى قايتۇرسا بولمايدۇ».
2.«سېتىۋالغۇچى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن زاكاز توختىمىنى ئاخىرلاشتۇرسا،ئۆينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ،ئۇنداق بولمىسا رەنە پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ».
سەككىزىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىلىرىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ توختامنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى چىقىرىۋېتىش.
«مەزكۇر ماددا(نىزام)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىركىتىمىزگە تەۋە»،«مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىركىتىمىزگە تەۋە»ھەمدە«شىركىتىمىز توختام قانۇنى،ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن مەزكۇر توختامنى چۈشەندۈرىدۇ» دېگەندەك.
توققۇزىنچى خىل توختام ماددىسى: تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىلىرىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بولىدىغان باشقا ھوقۇقىنى چىقىرىۋېتىش
1.«تاۋار ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ،سىرتقى تېمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى ساتقۇچىغا(تاۋار ئۆي سودىگەرلىرىگە)تەۋە بۇلۇپ،خۇجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ».
2.«ئالاھىدە بېكىتكەن سېتىۋالغۇچىنىڭ،سېتىۋالغان تاۋار ئۆيگە قوشنا بولغان ھەم بىۋاستە بىرلىشىپ كەتكەن مەلۇم ئۆگزىگە قارىتا مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ،باشقا ئۆي سېتىۋالغۇچى بۇ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق كېلىشىمىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسا بولمايدۇ».3.ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىنمۇ كىيىمنى ئېلىپ كەتمىسە ،دۇكىنىمىز يۈتۈپ كەتكەن نەرسە دەپ قاراپ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.»4.«مال نىشانلانغان ئورۇنغا كىلىپ،خېرىدار بىر ئىچىدە مالنى ئېلىپ كەتمىسە،ۋاكالىتەن توشۇش شىركىتى ئىگىسى يوق مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.»
ئونىنچى خىل توختام ماددىسى:تىجارەتچى ئەندىزىلىك توختام ماددىسىدا ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ توختام ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ۋاستىسى ياكى ئۇسۇلىنى تاللاش ھوقۇقىنى چىقىرىۋېتىش.
«تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ماجرا كىلىپ چىقسا،مەزكۇر توختام ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي بولىدۇ،ھەرقانداق بىر تەرەپ سوتقا ئەرز قىلىپ ھەل قىلسا بولمايدۇ».
ئەسكەرتمە:يۇقىرنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.ئەگەر،نەرسە سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەتنى قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ،تىجارەتچىنىڭ دوكىنىنىڭ تېمىدا،سىزگە كىسىپ بەرگەن بېلىتىدە،تۈزۈشكەن توختامدا،مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىدا يۇقارقىدەك ياكى يۇقارقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئالدىن يېزىپ قۇيۇلغان ئەندىزىلىك توختام ماددىلىرى بۇلۇپ ،ماجرا كىلىپ چققاندا تىجارەتچى شۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ،ھوقۇق مەئەنپەتىڭىزگە چېقىلماقچى بولسا،12315ئەرز قىلىش،پاش قىلىش تېلىفۇنى ئارقىلىق ياكى سىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى س س م ب ئورۇنلىرىغا بىۋاستە ئەرز قىلىش ئارقىلىق ھوقۇق مەنئەتىڭىزنى قوغداڭ.
ئۈزەم تەرجىمە قىلدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا svpvrga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-7 12:28 AM