يېڭى دۋىدىكى ئا Q
ئويتاغ
ئا Qبۇنامنىڭ ئۇنىڭغا قاچانلادا كىم تەرىپىدىن قانداق قۇيۇلۇپ قالغانلىقى نامەلۇم.مەنمۇبىر يىلدىن كىيىن سىنىپىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئىنساننىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغاندىم.ھەمتۇنجى سۆھبىتىمىز:-< نەتىجە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،نەتىجەڭ ياخشى بولسا ھەممەنەرسە ياخشى بولىدۇ،نەتىجەڭ ياخشى بولمىسا ياخشى كۈن كۆرەلمەيسەن> دىن باشلانغاندى،بىر تاساددبىي پۇرسەتتە.بۇ كۆز قاراش ئۇنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن،نەتىجەم ياخشى بولسىلاھەممە نەرسە تەل بولىدۇ.
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن كىچە -كۈندۈز تىرىشىدۇ-تىرمىشىدۇ.
راس،ئۇنىڭ سىنىپتا نەتىجىسى بىرىنجى .لىكىن 180كىلىدىغان بويى قونچاقلارنى ئەسلىتىدۇ.شامالدا قالسا ئۇچۇپ كىتىشىئېنىق.تەنتەربىيدە ئەڭ ناچار ،كىشلىك مۇناسىۋەت دوسىتلۇق،باشقا ئونۋىرسالپائالىيەتلەردە ئەسلا يوق.باشقىلارغا گەپ قىلسام ۋاقتىم زايە كىتىدۇ دەپ يولداياكى ياتاقلىرىدىمۇ قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالىدۇ.يولدا مېڭىشىدىن تارتىپتەپەككۇرىغا قەدەر كىتابى يوسۇندا....تۇرۇپلا ئۇنى بىلكوفقائوخشىتىپ قالىمەن.ئۇنىڭ ئاQ دەپ لەقەمگە ئىرىشىشىدە بىر نەچچەقىززىقارلىق ھىكايىسى بار.
يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئاQ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قاپتۇ،ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ رومكىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ،قايسى بىر كەسپى دەرسنىڭئىمتىھان نوقتىسىنى سۆزلىگىلى تۇرۇپتىكەن باشقىلىرى ئىمتىھان يادىغا يىتىپ ئۆپۈر-تۆپۈر قايتىپ كەپتۇ.
يەنە بىر كۈنى ئاQ بىر قولىدا كىتاب كۆرگەچ يەنە بىر قولىداچايدان كۆتۈرۈپ مۇنچىخانىنىڭ ئىشكىدە تۇرغۇدەك ._ نىمە قىلۋاتىسەن؟دىسە ،قايناق سۇئالغىلى چىققان دىگۈدەك.< قايناق سۇنى ياتاق بىناسىدىلا بىرەتتى>
بوغالتىرلىق تالون بىر تەرەپ قىلىشتەجىربىسىدە بىر گورپىغا بۆلۈنۇپ قالدۇق. بەش تالۇننى تولدۇرۇپ بولغىچەمۇئەللىمدىن سەككىز قېتىم سۇئال سۇراپتى ،باشقا چاغدا :-بىلمىگەننى بىلمىگۈچەبولدى قىلمايدىغان مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى دەپ ماختايدىغان مۇئەللىم،-قىلالمىساڭئەكىلە!مەنلا تولدۇرۇپ بىرەي دىمەسمۇ.
بىزنىڭ ئاQقوشنا سىنىپتىكى خەينەنلىك قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.يا ئېغىز ئاچالماي يا ئۇنتۇپ كىتەلمەي،يا كىتاب كۆرەلمەي ئاخىرى بىر كۈنى ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئاستىدا تۈنەپتۇ.قارا قىشتا سوغوق ئۆتۈپ كىتىپ 2ئاي دۇختۇرخانىدا يېتىپچىقتى.
........
2يىل ئاشىق –بىقارار بولغان ئاQ ئاخىرى ئۇ قىزغا تەلەپ قويغانمىش.قىز رەت قىلىپ بۈگۈن بىناسىنىڭ ئالتىنجى قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى.تېخى بايىلا ئاQنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبرەت ئېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن چۈشتۇق.بۇ ئاQ غا مۇناسىۋەتلىك ھىكايىلەرنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى ھەم خاتىمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن يۈگرەپ كىرىپ ئىسىمدە بارلىرىنى خاتىرلەپ قويدۇم . ھەم تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
مەنبە : ئويتاغ قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-7 10:21 AM