مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 701|ئىنكاس: 7

موللا مۇسا سايرامىنىڭ قىسقىچە تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 09:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى(مىلادى 1836-1917) يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرمۇنچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. تۆۋەندە ئالىمنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
مىلادى 19-ئەسىرنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت دېھقان، چارۋىچى ۋە قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلمىغا ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ فېئوداللىق ئېكىسپىلاتسىيسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابىي ھەركەتلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇشى، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلىرى ۋە بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا كەلگەن چەت ئەل تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ ھەرمىللەت خەلىقى تەخمىنەن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈدى.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ھىجىرى 1252-يىلى ماھى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 10-كۈنى(مىلادى 1836-يىلى 8-ئاينىڭ23-كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باي ناھىيسىگە قاراشلىق سايرام رايۇننىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھيە توخسۇن يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) [ئەزىز داموللا:«نەسەبنامەئى موللا مۇسا»قوليازما] دۇنياغا كەلگەن. موللا مۇسا سايرامىنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسى تەۋەسىگە تونۇلغان ئىلمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، ئوغلى مۇسانىڭ(مۇسۇر ئاخۇننىڭ) ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيسىگە ئۇنىڭ گۆدەك ۋاقىتتىن باشلاپلا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا ئۇنى يەتتە يېشىدىن باشلاپلا ئۆزى مۇددەررىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىدە ئوقۇتۇپ، باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ۋە ھىجرى 1263-يىلى ماھى شەۋۋالدا (مىلادىيە 1847-يىلى 9-ئايدا) ئەينى زاماندىكى جەنۇبىي تىيانشان رايۇنى بويىچە مەشھۇر بولغان كۇچادىكى «ساقساق» مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ مەدرىسنىڭ ئاساسلىق مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن زات بولۇپ، ئۇ موللا مۇسانىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىلەن ھەمسۆھبەت ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ چوڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، تەقۋىم(كالېندارشۇناسلىق)، ئىلمى نۇجۇم، نابائات (ئاگروبىئولوگىيە)، جۇغراپىيە، ئەرەب ۋە پارىس تىلى قاتارلىقلاردىن ناھايىتى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، ناھايىتى تېزلا «موللا مۇسا»، «بالا موللا»، «موللا ئەبجەتخان»(كالېندارشۇناس) دېگەن ناملار بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى. موللا مۇسا بۇ جەرياندا موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ ئىلمىنى ئۆگۈنۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلىقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنىدى. دېمەك، موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت ياش موللىنىڭ ھەممە تەرەپتىن ئەتراپلىق ئۆسۈشىگە چوڭقۇر تەسىر بەرگەنىدى. ھىجرى 1270-يىلى (مىلادى 1854-يىلى) موللا مۇسا «ساقساق» مەدرىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگۈتۈپ، ئۆز ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسىگە كېلىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ دادسى موللا ئەيسا خوجا ۋاپات بولىدۇ. موللا مۇسا سايرام مەدرىسسىنىڭ باش مۇدەررىسى بولۇپ تەيىنلىنىش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئائىلسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىرچىلىقى تامامەن ئۇنىڭ زىممىسگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر تۇغقان ئىنىلىرىدىن بولغان ئىسلام ئاخۇن، قاسىم ئاخۇن ۋە ھىلاخۇنلار تېخى گۆدەك ئىدى.
ھىجرى 1281-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 1-كۈنى (مىلادى 1864-يىلى6-ئاينىڭ6-كۈنى) كۇچا رايۇنىدا ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلىرى بىلەن قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ زۇلىمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابىي قوزغىلىڭى پارتىلاپ، ئەسلىدە مەۋلانا ئەرشىددىن ۋەليۇللانىڭ مازىرىدا تاۋاپ قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىسلام دىنى تەرىقەت ئەھلىنىڭ قادىرىيە گۇرۇھىغا مەنسۇپ سوپىلارنىڭ پىرى راشىددىن خوجىنى خان قىلىپ سايلايدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار تەرەپ-تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت كۇچا قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ غەرىبكە يۈرۈش قىلغان جەڭگىۋارلىرىنىڭ باش قازىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار ئۇزاق ئۆتمەي ئاقسۇ ۋە قەشقەر رايۇنىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، سايرامغا يېقىن قىزىل دېگەن جاينى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى بۇ قوزغىلاڭنى ناھايىتى قىزغىن قوللاش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى، جۈملىدىن بىرقانچە يۈز نەپەر سايراملىق يىگىتلەرنى باشلاپ سايرامغا كېلىپ، يەرلىك ئەمگەكچىلەر بىلەن بىللە قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ، قىزىل، سايرام، باي، ياقائېرىق، ئاراشور قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ سۇلالسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يەرلىك فېئوداللارنى باستۇرۇش كۈرەشلىرىگە  پائال قاتنىشدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ چاغدا پۈتۈن باي ناھيىسى تەۋەسىدىن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ۋە قول ھۈنەرۋەن ئۆز ئختىيارى بىلەن غەرىبكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتناشقان [«تارىخى ھەمىدى» ئۆز قوليازمىسى].
غەرىبكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار بىر قېتىملىق ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئاقىۋەت قارايۇلغۇن، جام، ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، قەشقەر ۋە يەكەننى ئىلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ كۈرەشلەرگە پائال قاتنىشىپ ، غەرىبكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەرلىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئومومىي ئىشلار باشلىقى (ئىشىكئاغسى) بولۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ چاغدا، موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭلىكى، مۇئامىلە جەھەتتە ناھايىتى كەمتەرلىكى، ئەقىل جەھەتتىكى ئۆتكۈرلىكى بىلەن پۈتۈن قوزغىلاڭچى قوشۇن ھەم ئۈچتۇرپان يەرلىك خەلىقنىڭ ئىچىدە زور ئابرويغا ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا، موللا مۇسا سايرامى تېخى ئەمدىلا يىگىرمە سەككىز ياشتىن ھالقىغانىدى. مىلادى 1865-يىلى مۇھەممەد ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) قوقەن خانلىقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي رايۇنلىرىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىۋاتقان چاغدا، سابىق ئۈچتۇرپان ھاكىمبېگى توختىبەگە قاتارلىق يەرلىك فېئوداللار بەدەۋلەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، توپلاڭ قوزغاپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنلارغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى قوزغىلاڭچىلارنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە توپلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسغا كىرىپ، ئۆز ئابرۇيىدىن پايدىلنىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ، توپلاڭنىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ.
لېكىن ھىجرى 1284-يىلى ماھى مۇھەررمدە (مىلادى 1867-يىلى 5-ئايدا) بەدۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بېسۋالغاندىن كېيىن ئاقسۇغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ چاغدا كۇچا قوزغىلاڭچىلىرى ئۈچتۇرپاندىكى سەركەردىلىرى بەدۆلەتكە ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. چۈنكى بۇ كۇچا قوزغىلاڭچىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەدۆلەتكە ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋە كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك رەھبەرلىرى ئىچىدە ئېغىر زىددىيەتلەر پەيدا بولغان بىر چاغ ئىدى. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى ئۈچتۇرپاندىكى تەسلىم بولغان سەركەردىلەر بىلەن بىللە ئاقسۇغا كەلتۈرۈلدى. ئۇزاق ئۆتمەي بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزى بابابەگ ھىسارى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆتكۈر قابىليەتلىك ۋە ئۇستا خەتتات بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەخسۇس مىرزا قىلىپ تەيىنلەيدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ ۋەزىپىنى تاكى 1877-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇننى قايتۇرۇپ ئالغانغۇچە ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىېيىن موللا مۇسا سايرامى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە بەدۆلەت ھاكىمىيتى ھەققىدە بىرەر تارىخىي ئەسەر يېزىش مەقسىتىدە، غەرىبتە قەشقەر، شەرىقتە تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بىر قانچە يىل ساياھەت قىلىپ، مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلەرنى توپلاپ، ئاخىر يەنە ئاقسۇغا قايتىپ، يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا ئومۇمەن قىرىق يىلغا يېقىن ۋاقىت يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ مەزگىل موللا مۇسا سايرامىنىڭ ھاياتىدىكى ناھايىتى ئېغىر بىر يىللار بولۇپ، ئۇ تامامەن پېقىرلىق-نامراتلىق ھاياتىنى كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاخىر ھىجرى 1335-يىلى ماھى جامادىيەلئەۋۋەل ئايلىرىدا (مىلادى 1917-يىلى 3-ئايدا) سەكسەن بىر ياشقا موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ، ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، تۇغقانلىرىغا خەت يازىدۇ. موللا مۇسا سايرامىنىڭ چوڭ ئىنسى ئىسلام ئاخۇننىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن خەلپەت ئۇنى ئاقسۇدىن سايرامغا ھارۋا بىلەن ئېلىپ قايتىدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى تامامەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. ھىجرى 1335-يىلى ماھى جامادىيەلئاخىرىدا (مىلادى 1917-يىلى 4-ئايدا)، بۇ ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، تارىخ ئەھلىنىڭ مەشئەل چىرىغى بولغان موللا مۇسا سايرامى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سەپەر قىلىدۇ. شۇ يىلى شەۋۋالدا (مىلادى 6-ئايدا)، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يۇرۇتداشلىرى قەشقەرلىك مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستام دېگەن كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى ئاناقىز ئۆستىڭىنىڭ بويىدا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئېگىز گۈمبىزىنى تىكلەپ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈز كىشلىك بىر مەسچىت بىنا قىلىدۇ. ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس بۇ گۈمبەز بىلەن مەسچىت ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى) دەۋرىدە (مىلادى 1967-يىلى) تامامەن بۇزۇلىنىدۇ[ئەنۋەر بايتۇر قاتارلىقلار :موللا مۇسا سايرامى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى، 1983-يىلى].
مەنبە:موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدىيە» دىگەن كىتابىدىن .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 10:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى ھەمىدىنى يازغان تارىخچى،مەن تارىخى ھەمىدىنى تىخى ئدمسى ئۇقۇپ بولدۇم

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6745
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 12:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موللا مۇسا سايرامى
يالغۇز مەشھۇر تارىخچى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز زامانىسىدىكى تالانتىلىق شائىر.شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىېرلىرى ئۇنىڭ‹تارىخى ئەمىنىيە›،‹تارىخى ھەمىدى› ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ كەينىگە قوشۇپ كۆچۈرۈلگەن.ئۇنىڭ بىزگىچە يرتىپ كەلگەن‹دىۋان مەسنىۋى›،‹سالامنامە› قاتارلىق شېئىرلىرى مەشھۇر.

پاتقاقتىن شىكايەت

موللا مۇسا سايرامى

ياغدى يامغۇر،بولدى پاتقاق،ماڭغىلى بولماس ياياق،
بۇ پىتىق بىرلە بۇ يامغۇردىن يۈرەلمەس ئات ئۇلاق.

سولىنىپ ئۆي ئىچرە بىز،ئاسان ئەمەس چىقماق كىشى،
شاھنى مات ئەتكەن كەبى روخ،چوڭ-كىچىك بولدۇق قاماق.

باش چىقارماق مۈمكىن ئەمەس،ھىچ ئىشىكتىن بىر كىشى،
قامىلىپ  ئۆيلەردە بىزكى جامائەتتىن يىراق.

قەترە-قەترە ئۆتتى تامچە ھەم يىقىلدى كۆھنە تام،
چىنە-چۆچەكلەر سۇنۇپ.قازان قوشۇق بىرلە تاۋاق.

ھۆل بولۇپ كىگىز بىسات،بەلكى يەنە ئوتۇن -ياغاچ،
ئاش پىشارماق،ناننى ياپماق ھەم غىزا بىرلە ساباق.

باش قېتىبان ئۇچتى ئەقلى، ھەممىلەت بولدۇق گەرەخ،
مۇز تەر ئولدۇق يائىلاھا، ئەمدى تاقەت بولدى تاق.

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 05:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ بىشىنى ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇمىغان ئىدىم،بۇدا يەنە بىر ئوقۇي ۋاقىت چىقىرىپ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 08:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray5

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 10:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋات ئالدىم يەنە بىر نەۋبە !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

بەخت __ ئۇ تۇيغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50800
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3341
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:09:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ كىشى يازغان تارىخ ھەمىدى ھەقىقەتەن ئىسىل تارىخ كىتابى، لېكىن يەنە بىر ئىش، ئۇ كىتابتا بەزى تەكرار سۆزلەر جىقراق~

ئۇزاقتىن ياشاشتىن كۆرە، توغرا ياشاشنى بىلىشىڭ مۇھىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 01:46:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«موللا مۇسا سايرامىنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىمەي، «تەرجىمھالى »دەيلى........

:qiray121

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش