"خانىم"نى بىلەمسىز
ئۆزبەك تائام رىسالىسىغا قارايدىغان بولساق"خانىم"دىگەن ئۆزگىچە،مەززىلىك تائامنى كۆرۋالغىلى بۇلىدۇ.بۇ تائام ئۇيغۇرلاردىكى "ھورنان"دىگەن تائام تۈرىگە خۇيمۇ ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان بىر خىل تائام تۈرىدۇر.ئەمما يەنە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرىقلەرگىمۇ ئىگە.
"خانىم"ئىچىگە بەرەڭگە ئارىلاش قىيما سېلىنىدىغان تائام بولۇپ خېمىر يۇغۇرۇش،خېمىر يېيىشكە بولغان ئۆلچەم "ھورنان"نىڭكىگە تامامەن ئوخشايدىغان بولۇپ ،پەقەت قاسقانغا سالىدىغان ۋاقىتتا "ھورنان" غا ئوخشاش يۇمىلاق ھالەتتە سالماي،كىسىپ چاسا ھالەتتە سالىمىز.
بۇ تائامنى ئىتىش شۇنداق ئاسان،بولۇپمۇ "ھورنان"نى ئىتىشنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز ئۆزبەكلەردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئىتىپ كىتەلەيدۇ.
ئۆزبىكىستانغا چىقىپ باققانلاردىن مىنىڭچە بۇ تائامنى يىمەي قالمايدىغىنى يوققۇ دەيمەن،چۈنكى تاشكەنت بازارلىرىدا ئۆزبەك ئايال ئاشپەزلەرنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرىدا توۋلاپ "خانىم"سېتىشلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
"خانىم" ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى،ھەزىم قىلىش ئاسان بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە "خانىم"نى چوڭلارغا قارىغاندا كىچىك بالىلار بەك ياقتۇرۇپ يەيدىكەن،بىزنىڭ ئۆيدىكى شۇمتەكلەرمۇ بەك ئامراق،چوڭلاردىن بىر مەنلا ئامراققۇ دەيمەن،ھى ...ھى....
ئەگەر بۇ تاماقنى يىيىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۆيىمىزگە مىھماندارچىلىققا كەلسىڭىز ئىتىپ بىرىمەن،ئاتايىن ئۆزبىكىستانغا چىقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،كەلگەندە ھەرگىز قۇرۇق كەلمەڭ جۇمۇ،بۇ ئەسىرىمگە بىرەر تال ئىنكاس ئالغاچ كەلسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە،بۇنىڭ بەدلىگە ئوخشىغان "خانىم"دىن بىر پارچە يىيىشكە مۇيەسسەر بۇلالايسىز ،ئەرزىيدۇ دەيمەن.
"خانىم "پىشىپ كەتتى .........ئەمسە دوستىخانىغا مەرھەمەت!