8-مارت ئاياللار بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى
3-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى.بۇ بايرام يەنە «8-مارت بايرىمى»،«ئاياللار بايرمى»،«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ بايرام دۇنيادىكى بارلىق ئەل ئاياللىرىنىڭ تىنىچلىق،باراۋەرلىك،تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلىدىغان بايرىمىدۇر.
1909-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى،ئامرىكا ئىللىيونۇس شىتاتى چىكاكۇ شەھرىدىكى ئايال ئىشچىلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توقۇمۇچىلىق،كىيىم-كىچەك ساھەسىدىكى ئىشچىلار بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ،مۇئاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش،8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش،سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى قۇلغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تارىختىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەشكىللىك ئاممىۋىي كۈرىشى بولۇپ،ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى.بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ھىسىداشلىقىغا ،قۇللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشىپ ،ئەڭ ئاخىردا غەلبىگە ئىرىشتى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ،دۇنيانى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلىغان بۇلۇپ ،جاھانگىرلار دۇنيانى مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇرىنىدۇ.1910-يىل 8-ئايدا دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا خەلقئارا ئىنتېرناتسىئۇنالنىڭ 2-قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ.قۇرۇلتايغا 17 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان بۇلۇپ،قۇرۇلتايدا ئاساسلىقى جاھانگىرلارنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كىڭەيتىشىگە قارشى تۇرۇش،دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش،ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش،8 سائەتلىك ئىش تۈزىمىنى يولغا قۇيۇش،ئاياللارنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا رەھبەرلىك قىلغان گىرمانىيەلىك مەشھۇر سوتسىيالىزىم ئىنقىلاپچىسى،كۆزگە كۈرۈنگەن كوممۇنىزىم جەڭچىسى كىلارا.زېتكىن ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ «كۆرەش كۈنى»قىلىپ بىكىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ھەمدە بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك ھىمايە قىلشىغا ئىرىشىدۇ.شۇنۇڭدىن ئىتىبارەن «8-مارت» ئاياللار بايرىمى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قۇلغا كەلتۈرۈش،ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرىمى بۇلۇپ قالىدۇ.
1911-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى.
دۆلىتىمىزدە 1922-يىلدىن باشلاپ 8-مارت بايرىمى تەبرىكلىنىشكە باشلىغان.جۇڭگۇ ئاياللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى خاراكتىرلىق 8-مارتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى 1924-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن.
1949-يىل 12-ئايدا،مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1975-يىلىدىكى خەلقئارا ئاياللار يىلىدىن باشلاپ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى باشلىغان،ھەمدە ئاددى ئاياللارنىڭ جەمىيەتكە باراۋەر قاتنىشىش ئەنئەنىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان.1977-يىلى ب د ت بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ،ھەربىر دۆلەت ئۆزىنىڭ تارىخى ،مىللى ئەنئەنىسى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئاساسەن بىر يىل ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ ب د ت ئاياللار ھوقۇقى ۋە دۇنيا تىنىچلىق كۈنى قىلىپ بىكىتسە بولىغانلىقىنى بەلگۈلىگەن.ب د ت بولسا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.
تەرجىماندىن:بۇ تىمىنى يوللاشتىن مەقسەت:ھەر يىلى ئاياللار بايرىمىنى «خانىم-قىزلىرىمىز يېڭى سېتىۋالغان مودا كىيىملىرىنى كىيىشىپ،ئوماق بالىللىرىنى ئۆيلىرىگە سولاپ قۇيۇشۇپ ،رېستۇرانلاردا يەپ-ئىچىپ،كىيىم-كىچەكلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بايرىمى»غا ئايلاندۇرۇۋالغان قىسمەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
مەنبە:مەركىزىي ھۆكۈمەت تورى
ئۇلىنىش:
http://www.gov.cn/fwxx/wy/2007-03/07/content_544574.htm