500 يۈەنلىك تاماكا
مەن تىلغا ئالغان بۇ تاماكا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ قىممەت،ئەڭ داڭلىق تاماكا ئەمەس .مىنىڭچە 500 يۈەنلىك تاماكا بولماسلىقى مۇمكىن ،چۈنكى مەن ئەڭ قىممەت65 يۈەنلىك <<جۇڭخۇا >> ماركىلىق تاماكىنىلا چىكىپ باققان.
لىكىن بۇ 500 يۈەنلىك تاماكىنى بولسا ئۈزۈلدۈرمەي چىكىپ كىلىۋاتقىلى بىر يېرىم يىل بولاي دىدى .مەن بۇ تاماكىغا شۇقەدەر ئۆچ ھەم بۇ تاماكىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىمەن . چەكمەي دەپ،تاشلاي دەپ،ئۈزۈمنى ھارغىچە تىللاپ تۇرۇپ چىكىپ كىلىۋاتىمەن.مەن 500 يۈەنلىك تاماكا چىكەلەيدىغان دەرىجىدە باي ئەمەس. مۇشۇ تاپتا يانچۇقۇمدا شۇ 500 يۈەنلىك تاماكىدىن باشقا ۋەتىنىم ماڭا بىجىرىپ بەرگەن كىملىكىملا بار . كىملىكىمنى تاماكىغا ئالماشتۇرغىلى بولغان بولسا بۇچاغقىچە كىملىكسىز يۈرگەن بولاتتىم. ھەر نىمە بولسا ماڭا 500 يۈەنلىك تاماكا سېتىپ بىرىدىغانلار مىنىڭ كىملىكىمنى بىر تىيىنغا تەڭ قىلمايدۇ .
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك مەن بۇتاماكىنى ئىلىكتىرونلوق ئۇيۇنچۇقخانىلاردىن ئېلىپ چىكىۋاتىمەن . 100 يۈەنلىك نۇمۇر ئالغانلارغا بىرىلىدىغان بۇ 10 يۈەنلىك <<قار لەيلىسى >> ماركىلىق تاماكا مىنى يېرىم كىچىدە كوومپۇيۇتىر ئالدىغا باشلاپ كەلدى . بۇ يېرىم كىچىدە نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەتە بوشاشماي تىرىشىش ئۈچۈن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ ئۆزىگە ئىنىرگىيە تولۇقلاۋاتىدۇ . مەن نورمال ئەمەس . خۇددى ئابدۇكېرىمكامنىڭ ئىتوتىدىكى<< قاسىم قوشۇقتەك>> <<دەردىم بار>>. ئەمما بۇ دەرتنى ئۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەلۋەتتە ۋاستىلىق ھالدا. شۇڭا بارلىق دەتلىرىمنى ، بارلىق<< قاسىم قوشۇق>> لارنىڭ دەردىنى مۇنبەرگە تۈكەي دەيمەن . چۈنكى مەن بۇدەرتلىرىمنى تۈكۈدىغان بارلىق ئادەملىرىمدىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ بولدۇم.
مەن بۇ ئىلىكتىرونلۇق قىماردىن ئاق تاماكىمۇ ياخشىكەن دەپ ئويلۇنۇپ قالدىم.چۈنكى باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە بىر قېتىم چىكىشكە 100 يۈەن كەتكۈدەك . شۇ بۇيىچە ھېساپلىغاندا ئايدا 3000 يۈەنلىك زەھەر چىكىمەن دىگەن گەپ . لىكىن 3000 يۈەننى بەزىدە يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قاپ تاماكىغا ئالماشتۇرۇۋېتىمەن ئەمەسمۇ !! سەن بۇ دۇنياغا ياكى ئاق چەككىلى ۋەياكى قىمار ئوينىغىلى كەلگەنمۇ ؟ سىنىىڭ تۇرمۇشۇڭدا باشقا ئىشلار يوقمۇ ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن . ئلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ئەسلىدە ئىجابى خارەكتىردىكى مەدەنى كۈڭۈل ئېچىش سورۇنى. ئەمما نامدا ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ، ئەمەلىيەتتە قىمار شەكلىگە ئۆزگەرگەن بۇنداق << ئۇيۇنچۇق >> خانىلار ئادەمنىڭ ھىسياتى تۇرماق ، ئەقلىنىمۇ كونتىرول قىلىۋالىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيۇنچۇقخانا خوجايىنلىرى بىزنىڭ << مەدەنى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىش >> ئۈچۈن بۇنداق قىمارخانىلارنى يېزا دەرىجىلىك بازارلارغىمۇ كېڭەيتىپ ئېچىپ << قىمممەت تاماكا چىكىش ئىھتىياجىمىزدىن >> تۇلۇق چىقىۋاتىدۇ . ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۇرۈپ قىمارخانا تېمىغا <<قىمار ئويناش ، شەھۋانى مەزمۇنلارنى تارقىتىش قانۇن بۇيىچە قاتتىق چەكلىنىدۇ >> دەپ يېزىپ قويۇشلىرىچۇ تېخى !! ناھىيىمىز دىكى مەلۈم يېزا دەرەجىلىك بىر قىمارخانا تېخى شۇ يېزىدا تۇرۇشلۇق خەلق سوتخانىسىنىڭ ئىجارىلىك دوككىنىغا جايلىشىقلىق . مىنىڭغۇ ئاز تولا كىرىمىم بار .شۇنىڭغا چۇشلۇق يەتكىچە قەرزىممۇ بار.ئەمما ئاشۇ يېزىدىكى ساددا دىھقان باللىرى مىڭ مۇشاقەتتە قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ ، كۈز ۋاقىتلىرى پاختا تىرىپ مىڭ تەستە تېپىپ كەلگەن پۇللىرىنى شۇ تاماكىغا ئالماشتۇرىۋاتىدۇ . نۇرغۇن ياشلار خوتۇنلىرىدىن ، نۇرغۇن يىگىتلەر سۆيگۈنىدىن ئاچچىق ئازاپ ، ئەلەملىك ھەسرەت ، مەڭگۇلۈك پۇشايمان بىلەن ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىچ ئاغرىتمايدۇ . چۈنكى ئۇ بىر << قىمارۋاز>> ! ئىلگىرى 5 موچەنلىك قىمار ئوينىماي 7،8 يىللىق ئەجرىنى بىراقلا دوغا تىكەلىگەن قارام قىمارماز! ئاتا-ئانىسىنىڭ ، سۆيگىنىنىڭ يۈرۈكىگە ئىككىلەنمەي پىچاق تىقالىغان يۈزسىز قىمارۋاز ! قىمار ئويناش ئۈچۈن ھەر ئاماللار بىلەن پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارلىق قىمارۋاز ! ئۇنىڭ ئۆز يولىنى تاپمىقى ئاسان ئەمەس ، چۈنكى ئۇ پۇل ئىشقىدا ساراڭغا ئايلانغان دەرتلىك قىمارۋاز ! شۇنچە پۇلنى مەن شەخسەن ئۇتتۇرۇپ بەردىم . ھەم زامانىمىزدىكى نۇرغۇن ياشلار << قاسىم قوشۇق >> قا ئايلىنىپ بولدى . بۇ قىمارخانا خوجايىنلىرىغا بىز يەنە نىمىمىزنى ئۇتتۇرۇپ بەرسەك رازى بولۇپ قىمارخانىسىنى تاقاپ، بىزنى ئەرزان تاماكا چىكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلار !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
500 يۈەنلىك تاماكامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېلى تۈگىدى. كۆڭلۈمدە يەنىلا شۇ تەشۋىش -مەن ئەتە بۇ تاماكىنى يەنە نەچچە يۈەنگە سېتىۋالارمىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!