|
|
|
|
شى ياڭياڭ (喜洋洋) ئەسەر ھوقۇقى ماجراسى سوتقا چۈشتى داڭلىق كارتون ئوبراز شى ياڭياڭ (喜洋洋) ئۆزگەرتىلىپ ئويۇن پىرسۇناژغا ئايلانغانلىقتىن ، شى ياڭياڭ (喜洋洋) نىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇندى . يېقىندا ، بىيجىڭ شەھىرى دۇڭچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر گۇاڭدۇڭ يۈەنچۇاڭ دۇڭلى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ جاۋاپكار بىيجىڭ تيەن تيەن كۈەنگۇاڭ تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن قىلغان ئەسەر مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىش ماجراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلدى . دەۋاگەر گۇاڭدۇڭ يۈەنچۇاڭ دۇڭلى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ئەرزىدە : بىز «喜羊羊与灰太狼» كۆپ قېسىملىق گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇشۇ گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىنىڭ بارلىق ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىمىز . ھەر قانداق 3 – كىشى بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ ، يۇقارقى گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ . كېيىن بايقىشىمىزچە ، جاۋاپكار بىيجىڭ تيەن تيەن كۈەنگۇاڭ تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رۇخسىتىمىزنى ئالماي ، ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئۆزى ئىگىدارلىق قىلىپ تىجارەت قىلىدىغان تور بىكەت www.ugege.com تە «喜羊羊与灰太狼» دىن ئىبارەت گۈزەل – سەنئەت ئوبرازى ئاساسى تىما بولغان Flash ئويۇنى بولغان «喜羊羊与灰太狼迷宫赛跑» ۋە «喜羊羊诺亚方舟» ، «喜羊羊电梯惊魂» قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق بىزنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى – تەرۈز قىلدى . بىز جاۋاپكارنىڭ قىلمىشى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خېلاپ ، بىزنىڭ «喜羊羊与灰太狼» كۆپ قېسىملىق گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىمىزگە قىلىنغان دەخلى – تەرۈز دەپ قارايمىز . بۇ بىزگە زور ئىقتىسادى زىيان ئىلىپ كەلدى . شۇڭا مەھكىمىڭىزلەرگە ئەرز سۇندۇق . جاۋاپكاردىن دەخلى – تەرۈزنى توختىتىش بىلەن بىرگە بىزنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادى زىيىنىمىز 110000 يۈەننى تۆلىتىپ ئىلىپ بىرىشكە بۇيرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز ، دەپ ئەرز سۇنغان . نۆۋەتتە مەزكۇر دىلو يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا سوت قىلىپ قاراپ چىقىلماقتا . جۇڭگو قانۇن تورىدىن ئىلىندى . تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى http://www.kanunblog.com/
|
|
|
|
|
|