تېمىسىز يۇمۇرلار
مەلوم بىرسىنىڭ ئايالى ئاغرىپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن يولدىشى دەرھال خۇسوسى دوختۇردىن بىرنى تېپىپ كەپتۇ ھەمدە ئايالىنى ياخشىراق تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ.
دوختۇر كىسەلنى بىر ھازا تەكشۈرگەندىن كېيىن كىسەلنىڭ ئېرىدىن سوراپتۇ:ئۆيىڭىزدە ئەتۋېركا بارمۇ؟
ھېلىقى ئەر دەرھال ئەتۋېركىنى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. سەل ئۆتۈپ دوختۇر يەنە:ئۆيىڭىزدە بولقا بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ.
بۇ ئىشلاردىن سەل ئەنسىرەپ قالغان كىسەلنىڭ ئېرى دوختۇردىن:ئايالىم قانداق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپتۇ؟ دەپ سوراپتۇ.بۇ ۋاقىتتا دوختۇر:ئالدىرىماڭ،مەن ئاۋال دورا ساندۇقۇمنى ئېچىۋالاي دەپتۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئايالى ناھايىتى ئوماق بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ.بالىنىڭ تىلى چىقىپ،كىمنىڭ ئىسمىنى چاقىرسا شۇ ئۆلۈپ قالغۇدەك.شۇنداق قىلىپ،بالىنىڭ بوۋا-مومىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئۆلۈپ كىتىپتۇ.
بۇ ئىشلارغا تازا بېشى قىتىپ يۈرگەن بالىنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز بالىسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ھەم مەن ئۆلدۈم دەپ يەردە يىتىۋاپتۇ.بىر ھازا ئۆتسىمۇ ئۆلمىگۈدەك،دەل شۇ ۋاقىتتا قوشنىسىنىڭ 11ياشلىق بالىسى ئۆيگە يىغلاپ كىرىپتۇ.بۇنى كۆرگەن ھېلىقى ئەر:ساڭا نىمە ئىش بولدى؟دەپ سوراپتۇ قوشنىسىنىڭ بالىسىدىن.
دادام ئۆلۈپ قالدى دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھىلىقى بالا.
دوختۇر:سالامەتلىكىڭىز بەك ياخشىكەن،80ياشقا كىرگۈچە ئۈمۈر كۆرگۈدەكسىز.
بىمار:مەن بۇ يىل دەل 80 ياشقا كىردىم.
دوختۇر:قانداق؟ گىپىم توغرىمىكەن؟
بىر خۇسۇسى دوختۇر چەتئەلگە چىقىپ دەم ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپتۇ ھەم يىڭىلا تىببى ئىنىستىتوتنى پۈتتۈرگەن ئغلىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا كىسەل كۆرۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ.
بىر ئايدىن كېيىن دوختۇر دەم ئېلىشتىن قايتىپ كىلىپ،ئوغلىدىن قانداقراق ئىشلىگەنلىكىنى سوراپتۇ.
ئوغلى ناھايىتى خوشال بولغان ھالدا:دادا،سىز 10يىلدىن بېرى داۋالاپ كېلىۋاتقان ھېلىقى كىسەلنى ساقايتىۋەتتىم دەپتۇ.
دادىسى بۇنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقلىنىپ كېتىپتۇ ھەمدە ئوغلىغا قاراپ:ھەي ھاماقەت، سىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى تۆلەپ كىلىۋاتقان ئوقۇش پۇلۇڭنىڭ قەيەردىن كىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ دەپتۇ.