مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8636|ئىنكاس: 37

غەلىتە ئوغرى-سىرلىق مەرۋايىت « ھىكايە » قان. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"ھولمىسىنڭ دېلو رازۋىتكا خاتىرسى " ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى .

          دىققەت ، مەزكۇر ئەسەر پەقەت شەخسنىڭ قىزقىشى بۇيىچە تەرجىمە قىلىندى ، قالايمىقان بۇرمىلىماڭ .

                                             1. قىسىم      غەلىتە دۈشمەن

                                            1.باپ ،  يەتتە تال  سىرلىق مەرۋايت.

-ھولمىس بۇرادەر ...!
-ھە؟ ھە....، ھەجەپ قۇرقۇتىۋەتتىڭىز مىنى ،
-ھاھاھاھا......، سىزمۇ قۇرقىدىكەنسىزدە؟ھاھاھا.....ئۆتكەندە : -باشقىلارنىڭ قىلغان سۆزى ياكى ھەركىتىگە ئاساسەن كەسپىنى ھەم بەزى ئىشلىرىنى بىلەلەيمەن" دىگەن ئىدىڭىز ، سىزنىڭ  بۇ خىل پەرىزىڭىز يۈزدە يۈز توغرا چىقارمۇ ؟
-يۈزدە-يۈز ؟ مەن پەقەت ئاساسى جەھەتتىن پەرەز قىلىپ چىقالايمەن  دىگەندەك قىلغان .
-ئۇنداقمۇ دەيلى ، ئەمسە باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى كۆرۆپمۇ بۇلارنى پەرەز قىلىپ چىقالامسىز ؟
-ھاھاھاھا......،ئاساسى جەھەتتىن بولىدۇ .
-ياخشى ، مەندە بىر سائەت بار ، سىز كۆرۆپ سائەت ئىگىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى پەرەز ئېيتىپ بېقىڭ .
مەن شۇنداق دىگەچ يانچۇقۇمۇمدىن بىر يانچۇق سائىتىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قۇيدۇم. ئۇنىڭغىچە ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئۈلگۈردى ۋە- « خېلى كونا سائەتكەن ھە؟ » دەپ سائەتنى قۇلىغا ئىلىپ ئاۋال ئېغرلىقىنى دەڭسەپ كۆردى ئاندىن كەيىنى قېپىنى ئېچىپ ئىچىنى قىسقىغىنا بىر  تەكشۈرگەندىن  كىيىن  ماڭا قايتۇرۇپ بەردى .
-قانداق ؟ بىر قاراپلا ھەممىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟
ھولمىس تاماكا ئىسىنى پۈلەپ تۇرۇپ« ۋاستون دوختۇر ، بۇ ئۇنچە ئاددى مەسىلىدەك قىلمايدۇ » دىدى .ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا چىراي ئىىپادىسىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولدى .
-قانداق ؟ بۇ تېپىشماق تەسمىكەن ؟
-ئەلۋەتتە ، يامان يېرى  ، بۇ سائەت يىڭىدىن يۇغۇزۇلۇپتۇ ، شۇڭا بىرنەرسىنى بايقىماق سەل قىيىن ....
- ھىم ...، بۈگۈن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدىڭىزدە ؟!ھاھاھا.......
-ئۇنداق سىرلىقلاشتۇرىۋەتمىسڭىز قانداق؟
-ئىشقىلىپ بۈگۈن سىزنى يەڭدىم ، دۇنياغا داڭلىق رازۋىچۋىك.....ھاھاھاھا... يىڭىۋالدىم .
-لىكىن ، مەن تېخى بىلمەيمەن دىمىدىمغۇ؟
-ئۇنداقتا قۇلىقىم سىزدە  بۇرادەر !
-توۋا ، ۋاستون ، قاق ئەتتىگەندە سىزگە جىن چاپلىشىپ قالمىغاندۇ ؟ماقۇل ئەمسە ، مەنمۇ ئويلىغانلىرىمىنى دەپ باقاي . شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى  بۇ سائەت چۇقۇم دادىڭىزدىن ئاكىڭىزغا مىراس قالغان ، توغرىمۇ ؟
-ھىم ، سائەتنىڭ كەينى قېپىدا W.H دىگەن ھەرىپلەر ئۇيۇلغان ، شۇڭا بۇنى بىلمىكىڭىز ئاسان .
-ئەلۋەتتە W دىگەن سىزنىڭ فامىلىڭىزنىڭ باش ھەرپى تۇرسا.
-لىكىن مەن سىزگە ئەزەلدىن  مىنىڭ ئاكام بار دىمىگەنغۇ ؟
-ئەلۋەتتە ، مەنمۇ بۇرۇن بىلمەيتىم ،بۇ بىر كونا سائەتكەن ، سائەت قىپىغا ئۇيۇلغان  ۋاقىتقا ئاساسلانغاندا بۇ سائەت 50 يىللار بۇرۇن ياسالغان،لىكىن ئۇنىڭ زاپچاسلىرى ناھايتى ياخشىكەن ، شۇڭا بۈگۈنگىچە ياخشى ئىشلەپ كىلىۋېتىپتۇ .شۇڭا بۇ سائەت خېلى قىممەت.
مەن بىرياندا ئۇنىڭ گەپلىرىنى قىزقىش ئىچىدە بىرىلىپ ئاڭلاپ ئولتۇردۇم .
- 50 يىل ئاۋالقى سائەتنى  چۇقۇم ئالدىنقى بىر ئەۋلات كىشى ئىشلەتكەن بولىدۇ ، يەنە كىلىپ بۇ خېلى پۇلغا يارايدىكەن  ، شۇڭا دادىڭىزدىن چوڭ ئوغول بولغان ئاكىڭىزغا مىراس قالدۇرۇلغان .H  دادىڭىزنىڭ ئىسمى، ھەم يەنە بىر ۋاقىتتا  ئاكىڭىزنىڭ ئىسمى ، چۈنكى سىزنىڭ ئىسمڭىز ۋاستون ،باش ھەرپىH ئەمەس.
-توغرا ، بۇ سائەتنى دادام ئاكامغا مىراس قالدۇرغان ، ئۇنىڭ باشقا يەنە نىمىلەرنى بايقىدىڭىز ؟
-ھاھاھاھا......،نىمە دىيىشىمدىن قەتئىنەزەر ئاچچىقلاپ قالمايدىغانسىز ؟
-ئاچچىقلاش ؟ توۋا دەڭ .
-ماقۇل ئەمسە ، سىزنىڭ ئۇ ئاكىڭىز بەكمۇ تۇتۇرۇقسىز ئادەم.ھەم تۇرمۇشتا بەكمۇ قالايمىقان .
-دۇرۇس ئېيتتىڭىز .
-لىكىن ئۇنىڭ كاللسى بەكمۇ ئىشلەيدىكەن ،ئەسلىدە چۇقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرايلايدىغان تالانىت ئىگىسى، بىراق ئۇ بىرنەچچە قېتىملىق پۇرسەتنى قۇلدىن بىرىپ ۋەيران بولغان .
-تامامەن توغرا .
-ئۇ باشتا خېلى باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن ،ئەمما كىيىن ئاستا -ئاستا ۋەيران بولوپ ، ئەڭ ئاخىردا جېنىنىمۇ تەس باقىدىغان ھالغا قالغان؟
-ئارى ، ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم .
-ئۇ بىر ھاراقكەش ، ھەم مۇشۇ تۈپەيلىدىن جېنىدىن جۇدا بولغان .
-سىز پۈتۈنلەي توغرا پەزەر قىلدىىڭىز بۇرادەر ، بىراق ، سىز ئاكامنى بەك .......
-ھاھاھا..... بايام تېخخ نىمە دىسڭىز مەيلى دەۋاتمامتىڭىز ؟
-ھە...ھە . ئاچچىقلىمىدىم ، بىراق سىز ئاكامنىڭ ھاراق تۈپەتلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز ؟ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ .
-بۇ بەك ئاددى ، سائەت قىپىدا بىرنەرسە تەرىپىدىن سىزىلغان ئىزلار خېلى بار ئىكەن ، بۇنىڭدىن ئاكىڭىزنىڭ سائەتنى دائىم ئاچقۇچ ياكى شۇ خىلدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە يانچۇقىدا سېلىپ يۈرىدىغانلىقى مەلۇم .بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىنتايىن قالايمىقان،ھەم تۇتۇرۇقسىز  كىلىدۇ ،
-دۇرۇس ، لىكىن سىز ئاكامنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى قانداق بىلدىڭىز ؟
-دادىڭىز ئاكىڭىزغا بۇنداق قىممەتلىك سائەتنى مىراس قالدۇرغان ئىكەن  ، ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن مال دۇنيا مىراس قېلىشى مۇقەرەر.
-شۇنداق ، دادام ئۇنىڭغا مىراسنى مىنىڭكىدىن خېلى جىق بۈلۈپ بەرگەن ئىدى.
-كىيىن ئاكىڭىز بۇ سائەتنى جەمئى تۆت قىتىم گۆرۆگە قۇيغان .
-ھە؟ بۇ ....
-سائەتنىڭ ئىچى تەرىپىدە گۆرۆخانا خۇجايىنى يىڭنە بىلەن سېلىپ قويغان تۆت تال بەلگە بار ئىكەن .
-ئەجەپ مەن كۆرمەپتىمەن دىسە؟
-چۈنكى خۇجايىن نەرسىلەرنى خاتىرىگە ئالغاندا ئالماشتۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ،يەنە كىلىپ بەلگە سائەتنىڭ ئىچى تەرىپىگە قۇيۇلغان .
-ئۇنداقتا ئاكامنىڭ ھاراقكەش ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدىڭىز ؟
-سائەتنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن قاتتى سۇقۇلغاندا قالىدىغان ئىزلار بار ئىكەن ، بۇ جەزمەنكى  مەستلىكتە ئاچچىقلاپ  نەرسىلەرنى قالايمىقان ئاتقانلىقتىن بولغان .
-ھەي.....، بىكاغا داڭقىڭىز چىقمىغاندە سىزنىڭ ، ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم جۇمۇ .

بۇ چاغدا بىرى ئشىكىنى ئاستا ئېچىپ كىرىپ كەلدى ،بۇ ياق بىز تۇراتقان ئۆينىڭ خۇجايىنى دىسىن خانىم ئىدى.ھولمىس بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتقىنىمىزغا خېلى بولغان ئىدى.
-ھولمىس ئەپەندى، بىر خېنىم سىزنى ئىزلەيدىكەن  ؛دەپ كىچىك بىر پارچە ئىسىم كارتىسىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى.
-"مارى .موسىدىن خېنىم ، بەلكىم ئۇ ياقمۇ ئىسمدەكلا گۈزەل بۇلۇشى مۇمكىن ،ئۇ كىرسۇن،ۋاستون سىزمۇ كۆرۆشۇڭ"
دىسىن خانىم چىقىپ كىتىپ ئازدىن كىيىن مارى خېنىم كىرىپ كەلدى .ئۇ 21-22ياشلار ئەتراپدىكى ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سالاپەتلىك، تۇلىمۇ چىرايلىق ئىدى ، ئۇ كىرىپلا  ھولمىس بىلەن ئىككىمىزگە يىنىك بىر سالام قىلغاندىن كىيىن ھولمىس ئۇنى ئۇدۇلدىكى سافادا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .-
-بۈگۈن بۇيەرگە ھولمىس ئەپەندىمنى ماڭا بىر ياردەم قىلامدىكىن دەپ ئۈمىدتە كەلدىم .
-قېنى ، تارتىنماي نىمە ئىش بولسا دەۋىرېڭ .ھولمىس شۇنداق دىگەچ مىنى ئىما قىلىپ -بۇياق مىنىڭ دوستۇم ۋاستون دوختۇر بولىدۇ دەپ تۇنۇشتۇردى.مەن بىر ياندا ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇدۇم .
-مەن ھىندىستاندا تۇغۇلغان ، چۈنكى دادام ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىىيسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خىزمەت قىلاتتى.
-ئەنگىليە ئارمىيسىدە دەڭ ؟ دادىڭىز نىمە ۋەزىپە ئۆتەيتتى ؟
-ئوفىستىر ئىدى.ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن مىنى لوندونغا ئېۋەتىۋەتتى ،شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئىزچىل ھالدا ياتاقلىق مەكتەپتە ئۇقۇدۇم .
-لوندون شەھرىدىكى مەكتەپتىما ؟
-ياق ،ئېندىبۇرۇگدا.مەن 17 ياشقا كىرگەن يىلى دادام ئەنگىلىيەگە قايتىپ كەلدى ،ھەم ماڭا تىلگىرامما يوللاپ مىنى لىنكىن مىھمانخانىسغا كەل دىدى.مەن خۇشاللىقتا دەرھال يولغا چىقىپ ئېندىبۇرۇگدىن لوندونغا كەلدىم .ئەلۋەتتە ، دادام قايتىپ كىلىپ مىنى لوندونغا چاقىرغاندىن كىيىن چۇقۇم مىنى ساقلاپ تۇرسا توغرا بولاتتى، بىراق ،مىھمانخاندىكىلەر ماڭا  موسىدىن ئەپەندى تۈنۈگۈن كەچ چىقىپ كەتكەنچە قايىتىپ كەلمىدى دىدى. شۇڭا مەن مىھمانخانىدا دادامنىڭ قايتىپ كىلىشنى كۈتۈپ توپتوغرا بىز كۈن تۇرۇدۇم .لىكىن دادام قايتىپ كەلمىدى. ئىككىنىچى كۈنى مىھمانخانا خۇجاينى مىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قلىشىمىنى دىدى .ئۈچىنىچى كۈنى مەن لوندوندا چىقىدىغان چوڭ كچىك گىزىتلەردە دادامنى ئىزلەش ئېلانى بەردىم.لىكىن ئارىدىن خېلى ۋاقىلار ئۆتۆپ كەتتى ، دادامدىن يەنىلا خەۋەر يوق ئىدى.
-بۇ ئىنقى قاچانكى ئىشلار؟
-10يىل ئاۋالقى قىش كۈنى ، ئىسىمدە قىلىشچە مەن مىھمانخانىغا بارغان كۈنى 12ئاينىڭ 3.كۈنى ئىدى.
-دادىڭىزنىڭ يۈك-تاقىلىرىچۇ ؟
-ئۇنىڭ  مىھمانخاندا قالدۇغانلىرى -بىرقىسىم كىيىم كىچەكلىرى ، بەزى كىتاپ ۋە ئادامان ئارىلىدىن ئەكەلگەن قىممەت باھالىق نەرسىلەر ،__چۈنكى دادام بۇرۇن ئادامان ئارىلىدا بىر مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن .
ئۇ سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ جاۋغىيىغاچۈشۈپ بولغان ئىدى.

داۋامى داۋاملىق تۈردە تەرجىمە قىلىپ يوللىنىلىدۇ .
                                                                      تەرجىمان : باھادىرشاھ "ئەسقەر ئەركىن "


كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

مەنمۇ   بۇ دۇنيا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28879
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5809
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-2-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:54:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي  رەخمەت جۇمۇسىزگە


مەن  بەك ئامراق مۇشۇنداق  رازىۋتكا ھىكايىلىرگە ،:qiray18:qiray18

مەنمۇ   بۇ دۇنيا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28879
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5809
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-2-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنىى ساقلايمەن جۇمۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6868
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34198
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2996 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان رازۋېتكا رومالنىرىنىڭ بىر مۇشۇ ‹‹ھولمېسنىڭ دىلو رازۋېت قىلىشى››...
تەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن..
مەندە ئۇيغۇرچىسى بار بۇ روماننىڭ..

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1976
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6814 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋولمىس ھەقىقەتەن رازۋېدكا ساقچىسى بۇلۇشقا مۇناسىپكەن، ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم ...

مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9047
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4800 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:27:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم، داۋامىغا تەشنامەن، بالدۇراق يوللارسىز!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:30:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahirini sak lay man

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

يىغلاپ تۇغۇلدۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62656
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 996
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 11:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا  چىكىپسىز

تەغدىر ماڭا كۆرسەتتى ئويۇن، ھايات يولۇم باشـلاندى يېڭى. شۇندىمۇ ھىچ ئەپسۇزلانمايمەن، يىگىرمە گۈل ئېچىـلىپتۇ تېـخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76096
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2832
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:08:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن...داۋامىنى كۈتىمەن................

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13983
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7873 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 12:44:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى رازۋىتچىك بۇ ...كۆزىتىش ئىقتىدارىغا بەكلا  قايىل مەن زادى . كىنوسىنىمۇ كۆرگەنتىم مەن ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش