سۈزۈك-ئايغا چاقچاق
مۇنبىرىمىزدە بىر ئوبدان ،لىرىكىلار يازىسىز ،
تېمىلاردىن ھەر كۈنى خېلى كىرىم تاپىسىز .
ئەسقاتامدۇ شۇ پۇللار بىلەلمىدىم بىر كۈنى ،
دوسلار قىلغان گۈل چايدىن نىمىشقىمۇ قاچىسىز .
تېما يوللاپ ھەر كۈنى بەك ئالدىراشمۇ بىلمىدىم ،
گۈل چاي سۇندۇم دوسلارغا بىر پىيالە ئىچمىدىم ،
ئۇچۇر قىلدىم پۇل چىقىرىپ نىسىلەرگە مەن چىداپ،
مىسراندىكى كىچىلىككە ،مەن تېخىچە قانمىدىم .
دوسلار دەيدۇ سىزنىمۇ ،بەكمۇ كەمتەر داڭقى بار ،
پۇل خەجلەشتە تۇرمۇشتا ،بىخىل ھەمدە يېنى تار .
ئىقدىسادتىن قىينىلىپ ،ۋاز كەچسىڭىز كىچىلىكتىن ،
دوللار بىرەر دوسلىرىم ،سېخى قوللار سىزگە يار .
چاقچاق قىلدىم سۈزۈك ئاي ،تورداش بىلىپ سىزگىمۇ ،
كىچىلىكتىن بىر ئوبدان ،ھوزۇر بىرىڭ بىزگىمۇ .
ماڭا ئوخشاش چاقچاقتىن ،پېتىپ قالماي نىسىگە ،
سىزمۇ تېزدىن قايتۇرۇڭ ،يېقىن بىلگەن بىرسىگە .
ئەسكەرتىش .مۇنبەردىكى گۈل چاي ئۇيۇنىنى مەن سۈزۈك ئايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بۇلۇپ پەقەتلا تاپالماي ئامال يوق مۇشۇ چاقچاقنى يازدىم ،شۇڭا سۈزۈك ئاينىڭ قەتئى خاپا بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلمەن ،بۇنى پەقەت تاڭنۇرنىڭ كۈلكە خۇمار كۆڭلى دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ئەگەر باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى قۇبۇل قىلسا تەستىقلىسا بۇلىدۇ بولمىسا ئۈچۈرۋەتسە بۇلىدۇ .
مەنبە----- تاڭنۇر
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-6577.ohtml